Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - رىملىقلارغا - رىملىقلارغا 12

رىملىقلارغا 12:7-17

Help us?
Click on verse(s) to share them!
7باشقىلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىش بولسا، خىزمەت قىلسۇن؛ تەلىم بېرىش بولسا، تەلىم بەرسۇن؛
8رىغبەتلەندۇرۇش بولسا، رىغبەتلەندۇرسۇن؛ سەدىقە بېرىش بولسا، مەردلىك بىلەن سەدىقە بەرسۇن؛ يېتەكلەش بولسا، ئەستايىدىللىق بىلەن يېتەكلىسۇن؛ خەيرخاھلىق كۆرسىتىش بولسا، خۇشال‫‪‎-‎‬‬خۇراملىق بىلەن قىلسۇن.
9مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببىتىڭلار ساختا بولمىسۇن؛ رەزىللىكتىن نەپرەتلىنىڭلار، ياخشىلىققا چىڭ باغلىنىڭلار؛
10بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىڭلارنى قېرىنداشلارچە قىزغىن مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببەت بىلەن سۆيۈڭلار؛ بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىڭلارنى ھۆرمەتلەپ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇڭلار.  
11ئىنتىلىشىڭلاردا ئېرىنمەڭلار، روھ‫‪‎-‎‬‬قەلبىڭلار يالقۇنلاپ كۆيۈپ تۇرۇپ، رەبكە قۇللارچە خىزمەت قىلىڭلار.
12ئۈمىدتە بولۇپ شادلىنىپ يۈرۈڭلار؛ مۇشەققەت‫‪‎-‎‬‬قىيىنچىلىقلارغا سەۋر‫‪‎-‎‬‬تاقەتلىك بولۇڭلار؛ دۇئايىڭلارنى ھەرقانداق ۋاقىتتا توختاتماڭلار.
13مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقىڭلار؛ مېھماندوستلۇققا ئىنتىلىڭلار؛
14سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارغا بەخت تىلەڭلار؛ پەقەت بەخت تىلەڭلاركى، ئۇلارنى قارغىماڭلار.
15شادلانغانلار بىلەن بىللە شادلىنىڭلار؛ قايغۇرۇپ يىغلىغانلار بىلەن بىللە قايغۇرۇپ يىغلاڭلار.
16بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىڭلار بىلەن ئىناق ئۆتۈپ ئوخشاش ئوي‫‪‎-‎‬‬پىكىردە بولۇڭلار؛ نەزىرىڭلارنى ئۈستۈن قىلماڭلار، بەلكى تۆۋەن تەبىقىدىكى كىشىلەر بىلەن بېرىش‫‪‎-‎‬‬كېلىش قىلىڭلار. ئۆزۈڭلارنى دانىشمەن دەپ چاغلىماڭلار.
17ھېچكىمنىڭ يامانلىقىغا يامانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرماڭلار. بارلىق كىشىنىڭ ئالدىدا ئىشلىرىڭلار پەزىلەتلىك بولۇشقا كۆڭۈل قويۇڭلار.  

Read رىملىقلارغا 12رىملىقلارغا 12
Compare رىملىقلارغا 12:7-17رىملىقلارغا 12:7-17