Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - رىملىقلارغا

رىملىقلارغا 4

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئۇنداقتا، بىز يەھۇدىيلارنىڭ جىسمانىي جەھەتتىكى ئاتىمىز ئىبراھىمنىڭ ئېرىشكىنى توغرىسىدا نېمە دەيمىز؟  
2ئەگەر ئىبراھىم ئەمەللىرى بىلەن ھەققانىي دەپ جاكارلانغان بولسا، ئۇنىڭدا ماختانغۇدەك ئىش بولاتتى (بەرىبىر خۇدانىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ ماختىنىش ھەققى يوق ئىدى).
3چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا نېمە دېيىلگەن؟ ــ «ئىبراھىم خۇداغا ئېتىقاد قىلدى؛ بۇ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى ھېسابلاندى» دېيىلىدۇ.  
4ئىشلىگۈچىگە بېرىلىدىغان ھەق «مېھىر‫‪‎-‎‬‬شەپقەت» ھېسابلانمايدۇ، بەلكى بىرخىل «قەرز قايتۇرۇش» ھېسابلىنىدۇ.
5بىراق، ھېچ ئىش‫‪‎-‎‬‬ئەمەل قىلماي، پەقەت نومۇسسىز گۇناھكارلارنى ھەققانىي قىلغۇچى خۇداغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىنىڭ بولسا، ئۇنىڭ ئېتىقادى ھەققانىيلىق دەپ ھېسابلىنىدۇ!
6خۇدا قىلغان ئەمەللىرىگە قارىماي، ھەققانىي دەپ ھېسابلىغان كىشىنىڭ بەختى توغرۇلۇق داۋۇت پەيغەمبەرمۇ مۇنداق دېگەن‫‪:‬‬ ــ
7«ئىتائەتسىزلىكلىرى كەچۈرۈم قىلىنغان، گۇناھلىرى يېپىلغان كىشى نېمىدېگەن بەختلىكتۇر!
8پەرۋەردىگار گۇناھلىرى بىلەن ھېچ ھېسابلاشمايدىغانلار نېمىدېگەن بەختلىكتۇر!».  
9ئەمدى بەخت يالغۇز خەتنە قىلىنغانلارغىلا مەنسۇپ بولامدۇ، ياكى خەتنە قىلىنمىغانلارغىمۇ مەنسۇپ بولامدۇ؟ چۈنكى‫‪:‬‬ «ئىبراھىمنىڭ ئېتىقادى ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى دەپ ھېسابلاندى» دەۋاتىمىز.  
10ھەققانىيلىق قانداق ئەھۋالدا ئۇنىڭغا ھېسابلاندى؟ خەتنە قىلىنىشتىن ئىلگىرىمۇ ياكى خەتنە قىلىنىشتىن كېيىنمۇ؟ ئۇ خەتنە قىلىنغان ھالدا ئەمەس، بەلكى خەتنە قىلىنمىغان ھالدا ھېسابلاندى!
11ئۇنىڭ خەتنىنى قوبۇل قىلغىنى بولسا، ئۇنى خەتنە قىلىنىشتىن بۇرۇنلا ئېتىقادى ئارقىلىق ئىگە بولغان ھەققانىيلىققا مۆھۈر بەلگىسى سۈپىتىدە بولغانىدى. دېمەك، ئۇ خەتنىسىز تۇرۇپ خۇداغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاتىسى بولدى ــ ئۇلارمۇ ئېتىقادى بىلەن ھەققانىي ھېسابلىنىدۇ!
12ئۇ يەنە خەتنە قىلىنغانلارنىڭمۇ ئاتىسىدۇر؛ دېمەك، خەتنە قىلىنغان بولۇشى بىلەن تەڭلا خەتنە قىلىنمىغان ۋاقتىدىمۇ ئېتىقادلىق يول ماڭغان ئاتىمىز ئىبراھىمنىڭ ئىزلىرىنى بېسىپ ماڭغانلارنىڭمۇ ئاتىسى بولغاندۇر.
13چۈنكى خۇدانىڭ ئىبراھىمغا ۋە نەسلىگە دۇنياغا مىراسخور بولۇش توغرىسىدىكى ۋەدە بېرىشى ئىبراھىمنىڭ تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلگىنىدىن ئەمەس، بەلكى ئېتىقادتىن بولغان ھەققانىيلىقتىن كەلگەن.
14چۈنكى ئەگەر قانۇنغا ئىنتىلىدىغانلار مىراسخور بولىدىغان بولسا ئېتىقاد بىكار نەرسە بولۇپ قالاتتى، خۇدانىڭ ۋەدىسىمۇ يوققا چىقىرىلغان بولاتتى.
15چۈنكى تەۋرات قانۇنى خۇدانىڭ غەزىپىنى ئېلىپ كېلىدۇ؛ چۈنكى قانۇن بولمىسا، ئىتائەتسىزلىك دېگەن ئىشمۇ بولمايدۇ.  
17شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدانىڭ ۋەدىسىنىڭ پەقەت ئۆز مېھىر‫‪‎-‎‬‬شەپقىتى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن، ئۇ ئېتىقادقىلا ئاساسلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ۋەدە ئىبراھىمنىڭ بارلىق ئەۋلادلىرىغا، پەقەت تەۋرات قانۇنى ئاستىدا تۇرىدىغانلارغىلا ئەمەس، بەلكى ئىبراھىمچە ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىگىمۇ كاپالەتلىك قىلىنغان. چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا‫‪:‬‬ «سېنى نۇرغۇن قوۋمنىڭ ئاتىسى قىلدىم» دەپ يېزىلغىنىدەك، ئىبراھىم ھەممىمىزنىڭ ئاتىسىدۇر. دەرھەقىقەت، ئۇ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىدىغان، مەۋجۇت بولمىغاننى بار دەپ مەۋجۇت قىلىدىغان، ئۆزى ئېتىغاد باغلىغان خۇدا ئالدىدا ھەممىمىزنىڭ ئاتىسى بولدى.   
18ھېچقانداق ئۈمىد قالمىسىمۇ ئۇ يەنىلا ئۈمىدتە ئېتىقاد قىلدى ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ «سېنىڭ نەسلىڭ سان‫‪‎-‎‬‬ساناقسىز بولىدۇ» دەپ ئالدىن ئېيتىلغاندەك نۇرغۇن قوۋمنىڭ ئاتىسى بولدى.   
19ئۇ يۈز ياشقا يېقىنلاپ، تېنىنى ئۆلگەن ھېسابلىسىمۇ، شۇنداقلا ئايالى ساراھنىڭمۇ بالىياتقۇسىنى ئۆلدى دەپ قارىسىمۇ، يەنىلا ئېتىقادتا ئاجىزلاشمىدى؛

20خۇدانىڭ ۋەدىسىگە نىسبەتەن ئېتىقادسىزلىق قىلىپ ھېچ ئىككىلەنمىدى، ئەكسىچە ئۇ ئېتىقادى ئارقىلىق كۈچەيتىلدى ۋە خۇدانى ئۇلۇغلىدى،
21«ئۇ نېمىنى ۋەدە قىلغان بولسا شۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قۇدرىتىگە ئىگىدۇر» دەپ تولۇق ئىشەندۇرۇلدى.
22شۇنىڭ بىلەن بۇ «ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى ھېسابلاندى».
25بۇ، «ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى ھېسابلاندى» دېگەن سۆز يالغۇز ئۇنىڭ ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى رەببىمىز ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن خۇداغا ئېتىقاد قىلىشىمىز بىلەن ھەققانىي ھېسابلىنىدىغان بىزلەر ئۈچۈنمۇ يېزىلغان؛ مەسىھ بولسا ئىتائەتسىزلىكلىرىمىز ئۈچۈن پىدا يولىغا تاپشۇرۇلدى ۋە ھەققانىي قىلىنىشىمىز ئۈچۈن تىرىلدۈرۈلدى.