Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - رىملىقلارغا

رىملىقلارغا 7

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئى قېرىنداشلار، مەن ھازىر تەۋرات قانۇنىنى بىلگەنلەرگە سۆزلەۋاتىمەن؛ سىلەر قانۇننىڭ پەقەت ھايات ۋاقتىدىلا ئىنسان ئۈستىگە ھۆكۈمران بولىدىغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟
2مەسىلەن، ئېرى بار ئايال، ئېرى ھاياتلا بولىدىكەن، قانۇن بويىچە ئېرىگە باغلانغان؛ لېكىن ئېرى ئۆلۈپ كەتسە، ئۆزىنى ئېرىگە باغلىغان نىكاھ قانۇنىدىن ئازاد قىلىنىدۇ.
3شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ ئايال ئېرى ھايات ۋاقتىدا باشقا بىر ئەرگە باغلانسا، زىناخور ئايال دەپ ئاتىلىدۇ. لېكىن ئېرى ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ نىكاھ قانۇنىدىن ئەركىن بولىدۇ؛ شۇ چاغدا باشقا بىر ئەرگە تەگسە، زىنا قىلغان بولمايدۇ.
4خۇددى شۇنىڭدەك، قېرىنداشلار، سىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربانلىق تېنى ئارقىلىق تەۋرات قانۇنىغا نىسبەتەن ئۆلدۈڭلار. بۇنىڭ مەقسىتى سىلەرنىڭ باشقا بىرسىگە، يەنى ئۆلۈمدىن تىرىلگۈچىگە باغلىنىشىڭلار ۋە شۇنىڭ بىلەن خۇداغا مېۋە بېرىشىڭلاردىن ئىبارەتتۇر.  
5چۈنكى بىز «ئەت»نىڭ ئىلكىدە ۋاقتىمىزدا، تەۋرات قانۇنى گۇناھنىڭ ئارزۇ‫‪‎-‎‬‬ھەۋەسلىرىنى تېخىمۇ قوزغاپ، تېنىمىزدىكى ئەزالاردا ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان مېۋىنى چىقارغانىدى؛
6لېكىن، ھازىر بىز تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدىن ئەركىن بولدۇق. چۈنكى ئۆزىمىزنى بوغۇپ تۇرىدىغان بۇ قانۇنغا نىسبەتەن ئۆلگەن بولۇپ، قانۇننىڭ دەستۇرىنىڭ كونا يولىدا ئەمەس، بەلكى روھنىڭ يېڭى يولىدا خۇدانىڭ قۇللۇقىدا بولىمىز.  
7ئۇنداقتا نېمە دېگۈلۈك؟ تەۋرات قانۇنىنىڭ ئۆزى گۇناھمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! دەرۋەقە، قانۇننىڭ كۆرسەتمىلىرى بولمىسا، گۇناھنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم. قانۇن «نەپسانىيەتچىلىك قىلما» دېمىگەن بولسا، نەپسانىيەتچىلىكنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن بولاتتىم.
8لېكىن گۇناھ قانۇننىڭ ئەمرى ئارقىلىق پۇرسەت تېپىپ، ئىچىمدە ھەرخىل نەپسانىيەتچىلىكلەرنى قوزغىدى. تەۋرات قانۇنى بولمىسا، گۇناھمۇ ئۆلۈكتەك جانسىز بولاتتى.
9بىر چاغلاردا قانۇننىڭ سىرتىدا ياشىغىنىمدا ھايات ئىدىم، لېكىن قانۇن ئەمرىنى بىلىشىم بىلەنلا، گۇناھمۇ جانلىنىپ، مېنى ئۆلۈمگە ئېلىپ باردى.
10ئەسلىدە كىشىگە ھاياتلىق ئېلىپ كەلسۇن دەپ بۇيرۇلغان قانۇننىڭ ئەمرى ئەكسىچە ماڭا ئۆلۈم ئېلىپ كەلدى.
11چۈنكى گۇناھ قانۇننىڭ ئەمرى بىلەن ھۇجۇم پۇرسىتىنى تېپىپ، مېنى ئازدۇردى ۋە ئەمر ئارقىلىق مېنى ئۆلتۈردى.
12بۇنىڭدىن قارىغاندا قانۇن ھەقىقەتەن پاك‫‪‎-‎‬‬مۇقەددەستۇر، ئۇنىڭ ئەمرىمۇ مۇقەددەس، توغرا‫‪‎-‎‬‬ئادالەتلىك ۋە ياخشىدۇر.
13ئۇنداقتا، ياخشى بولغىنى ماڭا ئۆلۈم بولدىمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! بەلكى، گۇناھنىڭ قەۋەتلا قەبىھ ئىكەنلىكى ئەمر ئارقىلىق ئوچۇق ئاشكارىلىنىشى ئۈچۈن، بۇ ياخشى ئەمرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن گۇناھ مەندە ئۆلۈم پەيدا قىلدى.
14تەۋرات قانۇنىنىڭ «روھقا تەۋە» ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. بىراق مەن بولسام «ئەتكە تەۋە»دۇرمەن، دېمەك گۇناھقا قۇلدەك سېتىلغانمەن.   
15چۈنكى نېمە قىلىۋاتقىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. چۈنكى ئۆزۈم نىيەت قىلغان ئىشلارنى قىلمايمەن؛ ئەكسىچە، نەپرەتلىنىدىغىنىمنى قىلىمەن.
16لېكىن ئەگەر ئۆزۈم خالىمىغان ئىشلارنى قىلسام، ئۆزۈم قانۇننىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولىمەن.
17شۇنداق ئىكەن، بۇ ئىشلارنى مەن ئەمەس، بەلكى ئىچىمدە مەۋجۇت بولغان گۇناھ قىلدۇرىدۇ.
18ئىچىمدە، يەنى مېنىڭ ئەتلىرىمدە ھېچ ياخشىلىقنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى بىلىمەن؛ چۈنكى ياخشىلىق قىلىش نىيىتىم بار بولسىمۇ، ئۇنى قىلالمايمەن.

19شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈم خالىغان ياخشىلىقنى قىلماي، ئەكسىچە خالىمىغان يامانلىقنى قىلىمەن.
20ئۆزۈم نىيەت قىلمىغان ئىشنى قىلسام، بۇنى قىلىدىغان مەن ئەمەس، بەلكى ئىچىمدە ماكان قىلغان گۇناھتۇر.
21بۇنىڭدىن ئۆزۈمدىكى شۇنداق بىر قانۇنىيەتنى بايقايمەنكى، ياخشىلىقنى قىلماقچى بولغىنىمدا، يامانلىق ھامان ئىچىمدە ماڭا ھەمراھ بولىدۇ.
22قەلبىمدە خۇدانىڭ قانۇنىدىن سۆيۈنىمەن؛
23بىراق تېنىمدىكى ئەزالىرىمدا باشقا بىر قانۇنىيەتنى سېزىمەن. بۇ قانۇنىيەت قەلبىمدىكى قانۇن بىلەن جەڭ قىلىپ، مېنى تېنىمدىكى ئەزالىرىمدىكى گۇناھ سادىر قىلدۇرغۇچى قانۇنىيەتكە ئەسىر قىلىدۇ.
24نېمىدېگەن دەردمەن ئادەممەن‫‪‎-‎‬‬ھە! ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان بۇ تېنىمدىن كىممۇ مېنى قۇتقۇزار؟
25رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا تەشەككۈر بولسۇن! شۇنداق قىلىپ، قەلبىم بىلەن خۇدانىڭ قانۇنىغا ئىتائەت قىلىمەن، لېكىن ئەتلىرىمدە گۇناھ سادىر قىلدۇرغۇچى قانۇنىيەتكە ئىتائەت قىلىمەن.