Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - رىملىقلارغا

رىملىقلارغا 2

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئەمدى ئەي باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىدىغان ئىنسان، كىم بولۇشۇڭدىن قەتئىينەزەر باھانە كۆرسىتەلمەيسەن؛ چۈنكى باشقىلار ئۈستىدىن قايسى ئىشتا ھۆكۈم قىلساڭ، شۇ ئىشتا ئۆز گۇناھىڭنى بېكىتىسەن. چۈنكى ئەي ھۆكۈمچى، سەن ئۆزۈڭمۇ ئۇلارغا ئوخشاش ئىشلارنى قىلىۋاتىسەن.
2بىزگە مەلۇمكى، خۇدانىڭ ئۇنداق ئىشلارنى قىلغانلار ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشى مۇتلەق ھەقىقەتكە ئاساسلانغاندۇر.
3شۇڭا، ئى شۇنداق ئىشلارنى قىلغانلار ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارغۇچى، شۇنداقلا شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارنى قىلغۇچى ئىنسان، ئۆزۈڭ خۇدانىڭ ھۆكۈمىدىن قاچالايمەن دەپ خىيال قىلامسەن؟
4ياكى خۇدانىڭ مېھرىبانلىقىنىڭ سېنى توۋا قىلىش يولىغا باشلايدىغانلىقىنى ھېچ بىلمەي، ئۇنىڭ مېھرىبانلىقى، كەڭ قورساقلىقى ۋە سەۋر‫‪‎-‎‬‬تاقىتىنىڭ موللۇقىغا سەل قاراۋاتامسەن؟
5ئەكسىچە، توۋا قىلمايدىغان جاھىللىقىڭ ۋە تاش يۈرەكلىكىڭدىن، خۇدا ئادىل ھۆكۈمىنى ئايان قىلىدىغان غەزەپلىك كۈنى ئۈچۈن سەن ئۆز بېشىڭغا چۈشىدىغان غەزىپىنى توپلاۋاتىسەن.
6خۇدا ھەركىمگە ئۆز ئەمەللىرىگە يارىشا ئىش كۆرىدۇ.
7ياخشى ئىشلارنى سەۋرچانلىق بىلەن قىلىپ، شان‫‪‎-‎‬‬شەرەپ، ھۆرمەت‫‪‎-‎‬‬ئېھتىرام ۋە باقىيلىقنى ئىزدىگەنلەرگە ئۇ مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلىدۇ؛
8لېكىن شەخسىيەتچىلەرگە، ھەقىقەتكە تەن بەرمەي، ئەكسىچە ھەققانىيەتسىزلىككە ئەگەشكەنلەرگە غەزەپ‫‪‎-‎‬‬قەھر ياغدۇرۇلىدۇ؛
9يامانلىق قىلىدىغان بارلىق جان ئىگىسىگە، ئالدى بىلەن يەھۇدىيلارغا، ئاندىن كرېكلەرگە كۈلپەت ۋە دەرد‫‪‎-‎‬‬ئەلەم چۈشىدۇ؛
10بىراق، بارلىق ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا، ئالدى بىلەن يەھۇدىيلارغا، ئاندىن يەھۇدىي ئەمەسلەرگە شان‫‪‎-‎‬‬شەرەپ، ھۆرمەت‫‪‎-‎‬‬ئېھتىرام ۋە ئامان‫‪‎-‎‬‬خاتىرجەملىك تەقدىم قىلىنىدۇ.
11چۈنكى خۇدادا ئادەمنىڭ يۈز‫‪‎-‎‬‬خاتىرىسىنى قىلىش يوقتۇر.
12ــ چۈنكى تەۋرات قانۇنىنى بىلمەي گۇناھ سادىر قىلغانلارنىڭ ھەربىرى تەۋرات قانۇنىنىڭ ھۆكۈمىگە ئۇچرىمىسىمۇ، ئەيىبكە ئۇچراپ ھالاك بولىدۇ؛ تەۋرات قانۇنىنى بىلىپ تۇرۇپ گۇناھ سادىر قىلغانلارنىڭ ھەربىرى بۇ قانۇن بويىچە سوراققا تارتىلىدۇ
13(چۈنكى خۇدانىڭ ئالدىدا قانۇننى ئاڭلىغانلار ئەمەس، بەلكى قانۇنغا ئەمەل قىلغۇچىلار ھەققانىي ھېسابلىنىدۇ.
14چۈنكى تەۋرات قانۇنىنى بىلمەيدىغان ئەللىكلەر تەبىئىي ھالدا بۇ قانۇنغا ئۇيغۇن ئىشلارنى قىلسا، گەرچە بۇ قانۇندىن خەۋەرسىز بولسىمۇ، تەۋرات قانۇنى ئۇلاردا كۆرۈنگەن بولىدۇ.
15ئۇلارنىڭ بۇ قىلغانلىرى ئۆز قەلبلىرىگە قانۇن تەلەپلىرىنىڭ پۈتۈكلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ؛ شۇنىڭدەك، ئۇلارنىڭ ۋىجدانلىرىمۇ ئۆزلىرىگە ھەقىقەتنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇپ، ئوي‫‪‎-‎‬‬پىكىرلىرى ئۆزىنى ئەيىبلەيدۇ ياكى ئۆزىنى ئاقلايدۇ)
16ــ مەن يەتكۈزۈپ كېلىۋاتقان بۇ خۇش خەۋەرگە ئاساسەن خۇدانىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ قەلبىدە پۈككەن مەخپىي ئىشلار ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىدىغان كۈنىدە، يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئىشلار چوقۇم يۈز بېرىدۇ.  
17سەنچۇ، ئەگەر ئۆزۈڭنى يەھۇدىي دەپ ئاتاپ، تەۋرات قانۇنىغا ئۈمىد باغلاپ، خۇداغا تەۋەمەن دەپ ماختانساڭ،   
18قانۇندىن ئۆگىنىپ ئۇنىڭ ئىرادىسىنى بىلىپ، ئېسىل بىلەن پەسنى پەرق ئەتكەن بولساڭ،

20تەۋرات قانۇنىدىن بىلىم ۋە ھەقىقەتنىڭ جەۋھىرىگە ئىگە بولدۇم دەپ قاراپ، ئۆزۈڭنى كورلارغا يول باشلىغۇچى، قاراڭغۇدا قالغانلارغا ماياك، نادانلارغا ئۆگەتكۈچى، گۆدەكلەرگە ئۇستاز دەپ ئىشەنگەن بولساڭ ــ
21ئەمدى سەن باشقىلارغا تەلىم بېرىسەنۇ، ئۆزۈڭگە بەرمەمسەن؟ ئوغرىلىق قىلماڭلار دەپ ۋەز ئېيتىسەنۇ، ئۆزۈڭ ئوغرىلىق قىلامسەن؟
22«زىنا قىلماڭلار» ــ دەپ ۋەز ئېيتىيسەنۇ، ئۆزۈڭ زىنا قىلامسەن؟ بۇتلاردىن نەپرەتلىنىسەنۇ، ئۆزۈڭ بۇتخانىلاردىكى نەرسىلەرنى بۇلاڭ‫‪‎-‎‬‬تالاڭ قىلامسەن؟
23تەۋرات قانۇنى بىلەن ماختىنىسەنۇ، ئۆزۈڭ شۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، خۇداغا داغ كەلتۈرەمسەن؟!
24خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك‫‪:‬‬ «سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىن خۇدانىڭ نامى تائىپىلەر ئارىسىدا كۇپۇرلۇققا ئۇچرىماقتا».  
25تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلساڭ، خەتنە قىلىنغىنىڭنىڭ ئەھمىيىتى بولىدۇ، لېكىن ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلساڭ، خەتنە قىلىنغىنىڭ خەتنە قىلىنمىغاندەك ھېسابلىنىدۇ.
26ئەمدى خەتنىسىزلەر قانۇننىڭ تەلەپلىگە ئەمەل قىلسا، گەرچە خەتنىسىز بولسىمۇ، خۇدا تەرىپىدىن خەتنىلىك ھېسابلانمامدۇ؟
27تەۋرات قانۇن دەستۇرىدىن خەۋەردار ۋە خەتنىلىك تۇرۇقلۇق قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچى، ئى يەھۇدىي، قانۇنغا ئەمەل قىلىدىغان جىسمانىي خەتنىسىزلەر تەرىپىدىن سېنىڭ گۇناھىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىلىۋاتمامدۇ؟
28چۈنكى سىرتقى كۆرۈنۈشى يەھۇدىي بولسىلا ئۇنى ھەقىقىي يەھۇدىي دېگىلى بولمايدۇ، سىرتقى جەھەتتىكى جىسمانىي خەتنىنىمۇ ھەقىقىي خەتنە دېگىلى بولمايدۇ،
29روھىدا يەھۇدىي بولغىنى ھەقىقىي يەھۇدىيدۇر؛ ئۇنىڭ خەتنە قىلىنغىنى خەتنە قانۇن دەستۇرى ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى قەلبىدە، روھتىندۇر. بۇنداق كىشىنىڭ تەرىپلىنىشى ئىنسانلار تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدا تەرىپىدىن بولىدۇ.