1شۇڭا، ئەي قېرىنداشلار، خۇدانىڭ رەھىمدىللىقى بىلەن سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، تېنىڭلارنى مۇقەددەس، خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان، تىرىك قۇربانلىق سۈپىتىدە ئۇنىڭغا بېغىشلاڭلار. مانا بۇ سىلەرنىڭ خۇداغا قىلىدىغان ھەقىقىي ئىبادىتىڭلاردۇر.
2بۇ دۇنيانىڭ قېلىپىغا كىرىپ قالماڭلار، بەلكى ئوي-پىكرىڭلارنىڭ يېڭىلىنىشى بىلەن ئۆزگەرتىلىڭلار؛ ئۇنداق قىلغاندا خۇدانىڭ ياخشى، قوبۇل قىلارلىق ۋە مۇكەممەل ئىرادىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بىلەلەيسىلەر.
3ماڭا ئاتا قىلىنغان شاپائەتكە ئاساسەن ھەربىرىڭلارغا شۇنى ئېيتىمەنكى، ئۆزۈڭلار توغرۇلۇق ئۆزەڭلاردا بار بولغىنىدىن ئارتۇق ئويلىماي، بەلكى خۇدا ھەربىرىڭلارغا تەقسىم قىلغان ئىشەنچنىڭ مىقدارىغا ئاساسەن سالماقلىق بىلەن ئۆزۈڭلارنى دەڭسەپ كۆرۈڭلار.
4چۈنكى تېنىمىز كۆپلىگەن ئەزالاردىن تەركىب تاپقان ھەمدە ھەربىر ئەزايىمىزنىڭ ئوخشاش بولمىغان رولى بولغاندەك،
5بىزمۇ كۆپ بولغىنىمىز بىلەن مەسىھتە بىر تەن بولۇپ بىر-بىرىمىزگە باغلىنىشلىق ئەزا بولىمىز.
6شۇنىڭ ئۈچۈن بىزگە ئاتا قىلىنغان مېھىر-شەپقەت بويىچە، ھەرخىل روھىي ئىلتىپاتلىرىمىزمۇ بار بولدى. بىرسىگە ئاتا قىلىنغان ئىلتىپات ۋەھىينى يەتكۈزۈش بولسا، ئىشەنچىسىنىڭ دائىرىسىدە ۋەھىينى يەتكۈزسۇن؛
7باشقىلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىش بولسا، خىزمەت قىلسۇن؛ تەلىم بېرىش بولسا، تەلىم بەرسۇن؛
8رىغبەتلەندۇرۇش بولسا، رىغبەتلەندۇرسۇن؛ سەدىقە بېرىش بولسا، مەردلىك بىلەن سەدىقە بەرسۇن؛ يېتەكلەش بولسا، ئەستايىدىللىق بىلەن يېتەكلىسۇن؛ خەيرخاھلىق كۆرسىتىش بولسا، خۇشال-خۇراملىق بىلەن قىلسۇن.
9مېھىر-مۇھەببىتىڭلار ساختا بولمىسۇن؛ رەزىللىكتىن نەپرەتلىنىڭلار، ياخشىلىققا چىڭ باغلىنىڭلار؛
10بىر-بىرىڭلارنى قېرىنداشلارچە قىزغىن مېھىر-مۇھەببەت بىلەن سۆيۈڭلار؛ بىر-بىرىڭلارنى ھۆرمەتلەپ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇڭلار.
11ئىنتىلىشىڭلاردا ئېرىنمەڭلار، روھ-قەلبىڭلار يالقۇنلاپ كۆيۈپ تۇرۇپ، رەبكە قۇللارچە خىزمەت قىلىڭلار.
12ئۈمىدتە بولۇپ شادلىنىپ يۈرۈڭلار؛ مۇشەققەت-قىيىنچىلىقلارغا سەۋر-تاقەتلىك بولۇڭلار؛ دۇئايىڭلارنى ھەرقانداق ۋاقىتتا توختاتماڭلار.
13مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقىڭلار؛ مېھماندوستلۇققا ئىنتىلىڭلار؛
14سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارغا بەخت تىلەڭلار؛ پەقەت بەخت تىلەڭلاركى، ئۇلارنى قارغىماڭلار.
15شادلانغانلار بىلەن بىللە شادلىنىڭلار؛ قايغۇرۇپ يىغلىغانلار بىلەن بىللە قايغۇرۇپ يىغلاڭلار.
16بىر-بىرىڭلار بىلەن ئىناق ئۆتۈپ ئوخشاش ئوي-پىكىردە بولۇڭلار؛ نەزىرىڭلارنى ئۈستۈن قىلماڭلار، بەلكى تۆۋەن تەبىقىدىكى كىشىلەر بىلەن بېرىش-كېلىش قىلىڭلار. ئۆزۈڭلارنى دانىشمەن دەپ چاغلىماڭلار.
17ھېچكىمنىڭ يامانلىقىغا يامانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرماڭلار. بارلىق كىشىنىڭ ئالدىدا ئىشلىرىڭلار پەزىلەتلىك بولۇشقا كۆڭۈل قويۇڭلار.
18ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كۆپچىلىك بىلەن ئىناق ئۆتۈڭلار؛
19ئىنتىقام ئالماڭلار، ئى سۆيۈملۈكلىرىم؛ ئۇنى خۇداغا تاپشۇرۇپ ئۇنىڭ غەزىپىگە يول قويۇڭلار، چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان: «پەرۋەردىگار دەيدۇكى، ئىنتىقام مېنىڭكىدۇر، يامانلىق مەن قايتۇرىمەن».
20شۇڭا ئەكسىچە «دۈشمىنىڭ ئاچ بولسا، ئۇنى تويدۇر، ئۇسسىغان بولسا، قاندۇر. بۇنداق قىلىش بىلەن «ئۇنىڭ بېشىغا كۆمۈر چوغىنى توپلاپ سالغان بولىسەن».
21يامانلىق ئالدىدا باش ئەگمەڭلار، بەلكى يامانلىقنى ياخشىلىق بىلەن يېڭىڭلار.