Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - باتۇر ھاكىملار - باتۇر ھاكىملار 20

باتۇر ھاكىملار 20:3-9

Help us?
Click on verse(s) to share them!
3(بىنيامىنلار ئىسرائىلنىڭ مىزپاھدا جەم بولغىنىدىن ئەمدى خەۋەر تاپقانىدى). ئىسرائىللار سۈرۈشتە قىلىپ‫‪:‬‬ «بۇ رەزىل ئىش قانداق يۈز بەردى؟» ــ دەپ سورىدى.
4ئۆلتۈرۈلگەن چوكاننىڭ ئېرى لاۋىي كىشى جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ «مەن بولسام ئۆز كېنىزىكىمنى ئېلىپ، بىنيامىننىڭ گىبېئاھ شەھىرىگە قونغىلى بارغانىدىم؛
5گىبېئاھنىڭ ئادەملىرى كېچىدە ماڭا ھۇجۇم قىلماقچى بولۇپ، مېنى دەپ ئۆينى قورشىۋالدى. ئۇلار مېنى ئۆلتۈرۈشنى قەستلىدى، كېنىزىكىمنى بولسا ئۇلار ئاياغ ئاستى قىلىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى.
6شۇنىڭ بىلەن مەن كېنىزىكىمنىڭ جەسىتىنى پارچە‫‪‎-‎‬‬پارچە قىلىپ، كىشىلەرگە كۆتۈرتكۈزۈپ ئىسرائىلنىڭ مىراسى بولغان زېمىننىڭ ھەربىر يۇرتىغا ئەۋەتتىم. چۈنكى ئۇلار ئىسرائىل ئىچىدە پاسىقلىق ۋە ئىپلاسلىق قىلدى.
7مانا، ئەي بارلىق ئىسرائىللار، سىلەر ھەممىڭلار ئويلىنىپ، مەسلىھەت كۆرسىتىڭلار».
8شۇنىڭ بىلەن ھەممە خەلق بىر ئادەمدەك قوپۇپ‫‪:‬‬ ــ ئارىمىزدىن نە ھېچكىم ئۆز چېدىرىگە بارمىسۇن نە ھېچكىم ئۆز ئۆيىگە قايتمىسۇن،
9بەلكى بىز گىبېئاھقا شۇنداق قىلايلىكى‫‪:‬‬ ــ بىز چەك تاشلاپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلايلى؛

Read باتۇر ھاكىملار 20باتۇر ھاكىملار 20
Compare باتۇر ھاكىملار 20:3-9باتۇر ھاكىملار 20:3-9