Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پادىشاھلار «1» - پادىشاھلار «1» 8

پادىشاھلار «1» 8:1-46

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1شۇ چاغدا سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى «داۋۇت شەھىرى»دىن، يەنى زىئوندىن يۆتكەپ كېلىش ئۈچۈن ئىسرائىل ئاقساقاللىرىنى، قەبىلە بەگلىرىنى ۋە ئىسرائىل جەمەتلىرىنىڭ بەگلىرىنى يېرۇسالېمغا ئۆز يېنىغا يىغىلىشقا چاقىردى.  
2بۇنىڭ ئۈچۈن ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئادەملىرى ئېتانىم ئېيىدا، يەنى يەتتىنچى ئايدىكى بېكىتىلگەن ھېيتتا سۇلايمان پادىشاھنىڭ قېشىغا يىغىلدى.
3ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئاقساقاللىرى يېتىپ كەلگەندە لاۋىيلار ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ماڭدى.
4ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى، جامائەت چېدىرى بىلەن ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق مۇقەددەس بۇيۇملارنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ چىقتى. كاھىنلار بىلەن لاۋىيلار مۇشۇلارنى ئېلىپ چىقتى.
5سۇلايمان پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئالدىغا يىغىلغان بارلىق ئىسرائىل جامائىتى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، كۆپلىكىدىن سانىنى ئېلىپ بولمايدىغان سان‫‪‎-‎‬‬ساناقسىز قوي بىلەن كالىلارنى قۇربانلىق قىلىشاتتى.
6كاھىنلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئۆز جايىغا، ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكى «كالامخانا»سىغا، يەنى ئەڭ مۇقەددەس جايغا ئېلىپ كىرىپ، كېرۇبلارنىڭ قاناتلىرىنىڭ ئاستىغا قويدى.
7چۈنكى كېرۇبلارنىڭ يېيىلىپ تۇرغان قانىتى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئورنى ئۈستىدە بولغاچقا، ئەھدە ساندۇقى بىلەن ئۇنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان بالداقلارنى يېپىپ تۇراتتى.
8بۇ بالداقلار ناھايىتى ئۇزۇن بولغاچقا، كالامخانىنىڭ ئالدىدىكى مۇقەددەس جايدا تۇرۇپ، ئەھدە ساندۇقىنىڭ يېنىدىكى ئىككى بالداقنىڭ ئۇچلىرىنى كۆرگىلى بولاتتى، بىراق ئۆينىڭ سىرتىدا ئۇلارنى كۆرگىلى بولمايتتى؛ بۇ بالداقلار تاكى بۈگۈنگە قەدەر شۇ يەردە تۇرماقتا.
9ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئىچىدە مۇسا پەيغەمبەر ھورەب تېغىدا تۇرغاندا ئىچىگە سالغان ئىككى تاش تاختىدىن باشقا ھېچنەرسە يوق ئىدى (ئىسرائىللار مىسىر زېمىنىدىن چىققاندىن كېيىن پەرۋەردىگار ئۇلار بىلەن ھورەبدە ئەھدە تۈزگەنىدى).  
10ۋە شۇنداق بولدىكى، كاھىنلار مۇقەددەس جايدىن چىقىشىغىلا، بىر بۇلۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قاپلىۋالدى.
11كاھىنلار بۇلۇت تۈپەيلىدىن ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئۆتەشكە ئۆرە تۇرالمايتتى؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى تولدۇرغانىدى.
12بۇ پەيتتە سۇلايمان‫‪:‬‬ ــ پەرۋەردىگار تۇم قاراڭغۇلۇق ئىچىدە تۇرىمەن، دەپ ئېيتقانىدى؛
13لېكىن، ئى پەرۋەردىگار، مەن دەرۋەقە سېنىڭ ئۈچۈن بىر ھەيۋەتلىك ماكان بولسۇن دەپ، سەن مەڭگۈ تۇرىدىغان بىر ئۆينى ياسىدىم، دېدى.
14ئاندىن پادىشاھ بۇرۇلۇپ بارلىق ئىسرائىل جامائىتىگە بەخت تىلىدى؛ ئىسرائىلنىڭ بارلىق جامائىتى ئۇنىڭ ئالدىدا تۇراتتى.
15ئۇ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ «ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر‫‪‎-‎‬‬مەدھىيە بولغاي! ئۇ ئۆز ئاغزى بىلەن ئاتام داۋۇتقا ۋەدە قىلغانىدى ۋە ئۆز قولى بىلەن ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ئۇ داۋۇتقا يەنە‫‪:‬‬ ــ
16«مەن ئۆز خەلقىم ئىسرائىلنى مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىققان كۈندىن بۇيان نامىم ئۈچۈن بۇ يەردە بىر ئۆي سالاي دەپ ئىسرائىلنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنىڭ شەھەرلىرىدىن ھېچقايسىسىنى تاللىمىدىم؛ بىراق خەلقىم بولغان ئىسرائىلغا ھۆكۈمرانلىق قىلسۇن دەپ داۋۇتنى تاللىدىم» دېگەنىدى.
17ئەمدى ئاتام داۋۇتنىڭ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئۆي سېلىش ئارزۇ‫‪‎-‎‬‬نىيىتى بار ئىدى.
18بىراق پەرۋەردىگار ئاتام داۋۇتقا‫‪:‬‬ «كۆڭلۈڭدە مېنىڭ نامىمغا بىر ئۆي ياساشقا قىلغان نىيىتىڭ ياخشىدۇر؛
19ئەمما شۇ ئۆينى سەن ياسىمايسەن، بەلكى سېنىڭ پۇشتۇڭدىن بولىدىغان ئوغلۇڭ، ئۇ مېنىڭ نامىمغا ئاتاپ شۇ ئۆينى سالىدۇ»، دېگەنىدى.
20مانا ئەمدى پەرۋەردىگار ئۆز سۆزىگە ئەمەل قىلدى. مەن پەرۋەردىگار ۋەدە قىلغىنىدەك، ئاتامنىڭ ئورنىنى بېسىپ، ئىسرائىلنىڭ تەختىگە ئولتۇردۇم؛ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ئاتاپ بۇ ئۆينى سالدىم.
21ئۆيدە ئەھدە ساندۇقى ئۈچۈن بىر جاينى راستلىدىم؛ ئەھدە ساندۇقى ئىچىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىمىزنى مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىققاندا، ئۇلار بىلەن تۈزگەن ئەھدە تاختىلىرى باردۇر».
22ئاندىن سۇلايمان ئىسرائىلنىڭ بارلىق جامائىتىگە يۈزلىنىپ، پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، قوللىرىنى ئاسمانغا قارىتىپ كۆتۈرۈپ
23مۇنداق دۇئا قىلدى‫‪:‬‬ ــ «ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار! نە يۇقىرىقى ئاسماندا نە تۆۋەنكى يەردە سەندەك خۇدا يوقتۇر؛ ئالدىڭدا پۈتۈن قەلبى بىلەن ماڭىدىغان قۇللىرىڭ ئۈچۈن ئەھدەڭدە تۇرۇپ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى كۆرسەتكۈچىسەن.
24چۈنكى سەن ئۆز قۇلۇڭ ئاتام داۋۇتقا بەرگەن ۋەدىدە تۇردۇڭ؛ سەن ئۆز ئاغزىڭ بىلەن ئېيتقان سۆزۈڭگە مانا بۈگۈنكىدەك ئۆز قولۇڭ بىلەن ئەمەل قىلدىڭ.
25ئەمدى ھازىر، ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار، ئۆز قۇلۇڭ ئاتام داۋۇتقا‫‪:‬‬ ــ «ئەگەر سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ ئۆز يوللىرىغا سەگەك بولۇپ سەن مېنىڭ ئالدىمدا ماڭغاندەك ماڭىدىغان بولسا، ساڭا ئەۋلادىڭدىن ئىسرائىلنىڭ تەختىدە ئولتۇرىدىغان بىر زات كەم بولمايدۇ» دەپ بەرگەن ۋەدەڭدە تۇرغايسەن.
26ئەمدى ھازىر، ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، سەن قۇلۇڭ داۋۇتقا ئېيتقان سۆزلىرىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاي، دەپ ئۆتۈنىمەن!
27لېكىن خۇدا ئۆزى راستلا يەر يۈزىدە ماكان قىلامدۇ؟ مانا، ئاسمانلار بىلەن ئاسمانلارنىڭ ئاسمىنى سېنى سىغدۇرالمىغان يەردە، مەن ياسىغان بۇ ئۆي قانداقمۇ سېنىڭ ماكانىڭ بولالىسۇن؟!
28لېكىن ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، قۇلۇڭنىڭ دۇئاسى بىلەن ئىلتىجاسىغا قۇلاق سېلىپ، قۇلۇڭنىڭ بۈگۈن ساڭا كۆتۈرگەن نىداسى ۋە تىلىكىنى ئاڭلىغايسەن؛
29شۇنىڭ بىلەن ئۆز كۆزلىرىڭنى كېچە‫‪‎-‎‬‬كۈندۈز بۇ ئۆيگە، يەنى سەن‫‪:‬‬ «مېنىڭ نامىم ئۇ يەردە ئايان بولسۇن» دەپ ئېيتقان جايغا كېچە‫‪‎-‎‬‬كۈندۈز تىككەيسەن؛ ئۆز قۇلۇڭنىڭ ئۇ جايغا قاراپ قىلغان دۇئاسىغا قۇلاق سالغايسەن.   
30قۇلۇڭ ۋە خەلقىڭ ئىسرائىل بۇ جايغا قاراپ دۇئا قىلغان چاغدا، ئۇلارنىڭ ئىلتىجىسىغا قۇلاق سېلىپ، ئۆز ماكانىڭ قىلغان ئاسمانلاردىن تۇرۇپ ئاڭلىغايسەن، ئاڭلىغىنىڭدا ئۇلارنى كەچۈرگەيسەن.
31ئەگەر بىرسى ئۆز قوشنىسىغا گۇناھ قىلسا ۋە شۇنداقلا ئىشنىڭ راست‫‪‎-‎‬‬يالغانلىقىنى بېكىتىش ئۈچۈن قەسەم ئىچكۈزۈلسە، بۇ قەسەم بۇ ئۆيدىكى قۇربانگاھىڭنىڭ ئالدىغا كەلسە،
32سەن قەسەمنى ئاسماندا تۇرۇپ ئاڭلاپ، ئامال قىلىپ ئۆز بەندىلىرىڭ ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈم چىقارغايسەن؛ گۇناھى بار ئادەمنى گۇناھقا تارتىپ، ئۆز يولىنى ئۆز بېشىغا ياندۇرۇپ، گۇناھسىز ئادەمنى ئاقلاپ، ئۆز ئادىللىقىغا قاراپ ئۇنىڭغا ھەققىنى بەرگەيسەن.
33ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىل سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ قىلغىنى ئۈچۈن دۈشمەندىن يېڭىلسە، ساڭا قايتىپ بۇ ئۆيدە تۇرۇپ، نامىڭنى ئېتىراپ قىلىپ، ساڭا دۇئا بىلەن ئىلتىجا قىلسا،
34سەن ئاسماندا ئاڭلاپ، ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىلنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈپ، ئۇلارنى سەن ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىغا تەقدىم قىلغان زېمىنغا قايتۇرۇپ كەلگەيسەن.
35ئۇلار ساڭا گۇناھ قىلغىنى ئۈچۈن ئاسمان ئېتىلىپ يامغۇر ياغمايدىغان قىلىۋېتىلگەن بولسا، لېكىن ئۇلار بۇ جايغا قاراپ ساڭا دۇئا قىلىپ نامىڭنى ئېتىراپ قىلىپ، سېنىڭ ئۇلارنى قىيىنچىلىققا سالغىنىڭ تۈپەيلىدىن ئۆز گۇناھىدىن يېنىپ توۋا قىلسا،
36سەن ئاسماندا تۇرۇپ قۇلاق سېلىپ، قۇللىرىڭنىڭ ۋە خەلقىڭ ئىسرائىلنىڭ گۇناھىنى كەچۈرگەيسەن؛ چۈنكى سەن ئۇلارغا مېڭىش كېرەك بولغان ياخشى يولنى ئۆگىتىسەن ۋە ئۆز خەلقىڭگە مىراس قىلىپ بەرگەن زېمىننىڭ ئۈستىگە يامغۇر ياغدۇرىسەن!
37ئەگەر زېمىندا ئاچارچىلىق يا ۋابا بولسا، يا زىرائەتلەر دان ئالمىسا يا ھال چۈشسە يا ئۇنى چېكەتكىلەر ياكى چېكەتكە لىچىنكىلىرى بېسىۋالسا، يا دۈشمەنلەر ئۇلارنىڭ زېمىندىكى شەھەرلىرىنىڭ قوۋۇقلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ قورشىۋالسا، يا ھەرقانداق ئاپەت يا كېسەللىك بولسا،
38سېنىڭ خەلقىڭ بولغان ئىسرائىلدىكى ھەرقانداق كىشى ئۆز كۆڭلىدىكى ۋابانى بىلىپ، ئۇلاردىن ھەرقايسى كىشى قوللىرىنى بۇ ئۆيگە سۇنۇپ، ھەرقانداق دۇئا ياكى ئىلتىجا قىلغان بولسا،
39ئەمدى سەن تۇرۇۋاتقان ماكانىڭ ئاسماندا تۇرۇپ ئاڭلاپ، كەچۈرۈم قىلغايسەن؛ سەن ھەربىر ئادەمنىڭ قەلبىنى بىلگەچكە، ئامال قىلىپ ئۆزىنىڭ يوللىرىنى ئۆزىگە ياندۇرغايسەن (چۈنكى سەنلا، يالغۇز سەنلا ھەممە ئىنسان بالىلىرىنىڭ قەلبلىرىنى بىلگۈچىدۇرسەن)؛
40شۇنداق قىلىپ، ئۇلار سەن ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىمىزغا تەقدىم قىلغان زېمىندا ئولتۇرۇپ ئۆمرىنىڭ ھەممە كۈنلىرىدە سەندىن قورقىدىغان بولىدۇ.
41ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىلدىن بولمىغان، سېنىڭ ئۇلۇغ نامىڭ تۈپەيلىدىن يىراق‫‪‎-‎‬‬يىراقلاردىن كەلگەن مۇساپىر بولسا
42(چۈنكى ئۇلار سېنىڭ ئۇلۇغ نامىڭ، قۇدرەتلىك قولۇڭ ۋە سوزغان بىلىكىڭ توغرىسىدا ئاڭلىيلايدۇ)، ــ ئۇنداق بىرسى كېلىپ بۇ ئۆي تەرەپكە قاراپ دۇئا قىلسا،
43سەن تۇرۇۋاتقان ماكانىڭ بولغان ئاسمانلاردا ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىپ، ئۇ مۇساپىر ساڭا نىدا قىلىپ تىلىگىنىنىڭ ھەممىسىگە مۇۋاپىق قىلغايسەن؛ شۇنىڭ بىلەن يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەر نامىڭنى تونۇپ يېتىپ، ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىلدەك سەندىن قورقىدىغان بولۇپ، مەن ياسىغان بۇ ئۆينىڭ سېنىڭ نامىڭ بىلەن ئاتالغىنىنى بىلىدۇ.
44ئەگەر سېنىڭ خەلقىڭ سېنىڭ تاپشۇرۇقۇڭ بىلەن دۈشمىنى بىلەن جەڭ قىلىشقا چىققاندا، سەن تاللىغان بۇ شەھەرگە، شۇنداقلا مەن نامىڭغا ئاتاپ ياسىغان بۇ ئۆي تەرەپكە قاراپ سەن پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلسا،
45سەن ئاسمانلاردا تۇرۇپ ئۇلارنىڭ دۇئاسى بىلەن ئىلتىجاسىغا قۇلاق سېلىپ، ئۇلارنى نۇسرەتكە ئېرىشتۈرگەيسەن.
46ئەگەر ئۇلار ساڭا گۇناھ سادىر قىلغان بولسا (چۈنكى گۇناھ قىلمايدىغان ھېچكىشى يوقتۇر) سەن ئۇلارغا غەزەپلىنىپ، ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرغان بولساڭ، بۇلار ئۇلارنى يىراق‫‪‎-‎‬‬يېقىنغا، ئۆزلىرىنىڭ زېمىنىغا سۈرگۈن قىلىپ ئېلىپ بارغان بولسا،

Read پادىشاھلار «1» 8پادىشاھلار «1» 8
Compare پادىشاھلار «1» 8:1-46پادىشاھلار «1» 8:1-46