Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پادىشاھلار «1» - پادىشاھلار «1» 22

پادىشاھلار «1» 22:9-17

Help us?
Click on verse(s) to share them!
9ئاندىن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىر چاكىرىنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ چاققان بېرىپ، ئىملاھنىڭ ئوغلى مىكايانى چاقىرتىپ كەل، دەپ بۇيرۇدى.
10ئەمدى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىلەن يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوشافات شاھانە كىيىملىرىنى كىيىشىپ، سامارىيەنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدىكى خاماندا ھەربىرى ئۆز تەختىدە ئولتۇرۇشتى. ئۇلارنىڭ ئالدىدا پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى بېشارەت بەرمەكتە ئىدى.
11كەنئاناھنىڭ ئوغلى زەدەكىيا بولسا ئۆزى تۆمۈردىن مۈڭگۈزلەرنى ياساپ چىقىپ‫‪:‬‬ ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ ــ «مۇشۇ مۈڭگۈزلەر بىلەن سۇرىيلەرنى يوقاتقۇچە ئۈسۈپ ئۇرسىلا»، دېدى.
12ھەممە پەيغەمبەرلەر شۇنىڭغا ئوخشاش بېشارەت بېرىپ‫‪:‬‬ «گىلېئادتىكى راموتقا چىقىپ سۆزسىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنىلا؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنى پادىشاھنىڭ قولىغا تاپشۇرىدىكەن»، دېيىشتى.
13مىكايانى قىچقىرغىلى بارغان خەۋەرچى ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ مانا، ھەممە پەيغەمبەرلەر بىردەك پادىشاھقا ياخشى خەۋەر بەرمەكتە؛ ئەمدى ئۆتۈنىمەن، سېنىڭ سۆزۈڭمۇ ئۇلارنىڭ سۆزى بىلەن بىردەك بولۇپ، ياخشى بىر خەۋەرنى بەرگىن، دېدى.
14ئەمما مىكايا‫‪:‬‬ ــ پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، پەرۋەردىگار ماڭا نېمە ئېيتسا، مەن شۇنى ئېيتىمەن، دېدى.
15ئۇ پادىشاھنىڭ ئالدىغا كەلگەندە پادىشاھ ئۇنىڭدىن‫‪:‬‬ ئى مىكايا، جەڭ قىلغىلى گىلېئادتىكى راموتقا چىقساق بولامدۇ، يوق؟ ــ دەپ سورىۋىدى، ئۇ ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ‫‪:‬‬ ــ چىقىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىسەن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار شەھەرنى پادىشاھنىڭ قولىغا بېرىدۇ، دېدى.
16لېكىن پادىشاھ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ مەن ساڭا قانچە قېتىم پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا راست گەپتىن باشقىسىنى ماڭا ئېيتماسلىققا قەسەم ئىچكۈزۈشۈم كېرەك؟! ــ دېدى.
17مىكايا‫‪:‬‬ ــ مەن پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ تاغلاردا پادىچىسىز قويلاردەك تارىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم. پەرۋەردىگار‫‪:‬‬ «بۇلارنىڭ ئىگىسى يوق؛ بۇلارنىڭ ھەربىرى تىنچ‫‪‎-‎‬‬ئامان ئۆز ئۆيىگە قايتسۇن»، دېدى، ــ دېدى.

Read پادىشاھلار «1» 22پادىشاھلار «1» 22
Compare پادىشاھلار «1» 22:9-17پادىشاھلار «1» 22:9-17