Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پادىشاھلار «1» - پادىشاھلار «1» 22

پادىشاھلار «1» 22:44-52

Help us?
Click on verse(s) to share them!
44ئۇ ھەر ئىشتا ئاتىسى ئاسانىڭ بارلىق يوللىرىدا يۈرۈپ، ئۇلاردىن چىقماي پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلاتتى. پەقەت «يۇقىرى جايلار»لا يوقىتىلمىغانىدى؛ خالايىق يەنىلا «يۇقىرى جايلار»دا قۇربانلىق قىلىپ خۇشبۇي ياقاتتى.
45ۋە يەھوشافات بىلەن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق بولدى.
46يەھوشافاتنىڭ باشقا ئىشلىرى، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن قۇدرىتى، قانداق جەڭ قىلغانلىرى توغرىسىدا «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ‫‪‎-‎‬‬تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟
47ئۇ ئاتىسى ئاسانىڭ كۈنلىرىدە زېمىندىن قوغلىۋېتىلمىگەن كەسپىي بەچچىۋازلارنى زېمىنىدىن ھەيدەپ چىقاردى.
48ئۇ ۋاقىتتا ئېدومنىڭ پادىشاھى يوق ئىدى، بەلكى بىر ۋالىي ھۆكۈم سۈرەتتى.
49يەھوشافات ئوفىردىن ئالتۇن ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن بىر «تارشىش كېمە» ئەترىتىنى قۇردى. لېكىن كېمىلەر ھېچيەرگە بارالمىدى؛ چۈنكى ئۇلار ئەزىئون‫‪‎-‎‬‬گەبەردە ئۇرۇلۇپ ۋەيران بولغانىدى.
50ئۇ ۋاقىتتا ئاھابنىڭ ئوغلى ئاھازىيا يەھوشافاتقا‫‪:‬‬ ــ مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم سېنىڭ خىزمەتكارلىرىڭ بىلەن كېمىلەردە بارسۇن، دېدى. لېكىن يەھوشافات ئۇنىمىدى.
51يەھوشافات ئۆز ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە «داۋۇتنىڭ شەھىرى»دە ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىنىڭ قەبرىسىدە دەپنە قىلىندى. ئاندىن ئوغلى يەھورام ئورنىدا پادىشاھ بولدى.
52ئاھابنىڭ ئوغلى ئاھازىيا يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوشافاتنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون يەتتىنچى يىلىدا سامارىيەدە ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە پادىشاھ بولۇپ ئىككى يىل سەلتەنەت قىلدى.

Read پادىشاھلار «1» 22پادىشاھلار «1» 22
Compare پادىشاھلار «1» 22:44-52پادىشاھلار «1» 22:44-52