44 ئۇ ھەر ئىشتا ئاتىسى ئاسانىڭ بارلىق يوللىرىدا يۈرۈپ، ئۇلاردىن چىقماي پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلاتتى. پەقەت «يۇقىرى جايلار»لا يوقىتىلمىغانىدى؛ خالايىق يەنىلا «يۇقىرى جايلار»دا قۇربانلىق قىلىپ خۇشبۇي ياقاتتى.
45 ۋە يەھوشافات بىلەن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق بولدى.
46 يەھوشافاتنىڭ باشقا ئىشلىرى، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن قۇدرىتى، قانداق جەڭ قىلغانلىرى توغرىسىدا «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟
47 ئۇ ئاتىسى ئاسانىڭ كۈنلىرىدە زېمىندىن قوغلىۋېتىلمىگەن كەسپىي بەچچىۋازلارنى زېمىنىدىن ھەيدەپ چىقاردى.
48 ئۇ ۋاقىتتا ئېدومنىڭ پادىشاھى يوق ئىدى، بەلكى بىر ۋالىي ھۆكۈم سۈرەتتى.
49 يەھوشافات ئوفىردىن ئالتۇن ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن بىر «تارشىش كېمە» ئەترىتىنى قۇردى. لېكىن كېمىلەر ھېچيەرگە بارالمىدى؛ چۈنكى ئۇلار ئەزىئون-گەبەردە ئۇرۇلۇپ ۋەيران بولغانىدى.
50 ئۇ ۋاقىتتا ئاھابنىڭ ئوغلى ئاھازىيا يەھوشافاتقا: ــ مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم سېنىڭ خىزمەتكارلىرىڭ بىلەن كېمىلەردە بارسۇن، دېدى. لېكىن يەھوشافات ئۇنىمىدى.
51 يەھوشافات ئۆز ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە «داۋۇتنىڭ شەھىرى»دە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبرىسىدە دەپنە قىلىندى. ئاندىن ئوغلى يەھورام ئورنىدا پادىشاھ بولدى.
52 ئاھابنىڭ ئوغلى ئاھازىيا يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوشافاتنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون يەتتىنچى يىلىدا سامارىيەدە ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە پادىشاھ بولۇپ ئىككى يىل سەلتەنەت قىلدى.