Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پادىشاھلار «1» - پادىشاھلار «1» 17

پادىشاھلار «1» 17:4-22

Help us?
Click on verse(s) to share them!
4ۋە شۇنداق بولىدۇكى، سەن ئېقىننىڭ سۈيىدىن ئىچىسەن؛ مانا، ساڭا ئۇ يەردە ئوزۇق يەتكۈزۈپ بېرىشكە قاغا‫‪‎-‎‬‬قۇزغۇنلارنى بۇيرۇدۇم، دېيىلدى.
5شۇنىڭ بىلەن ئۇ پەرۋەردىگار بۇيرۇغاندەك قىلىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى قېرىت ئېقىنىغا بېرىپ، ئۇ يەردە تۇردى.
6قاغا‫‪‎-‎‬‬قۇزغۇنلار ئەتىگەندە نان بىلەن گۆش، ھەر كەچتە يەنە نان بىلەن گۆش يەتكۈزۈپ بېرەتتى. ئۇ ئۆزى ئېقىننىڭ سۈيىدىن ئىچەتتى.
7لېكىن زېمىندا يامغۇر ياغمىغىنى ئۈچۈن بىرمەزگىلدىن كېيىن ئېقىن سۇ قۇرۇپ كەتتى.
8ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇنىڭغا كېلىپ‫‪:‬‬ ــ
9ئورنۇڭدىن تۇرۇپ زىدوندىكى زارەفاتقا بېرىپ، ئۇ يەردە تۇرغىن؛ مانا، مەن ئۇ يەردىكى بىر تۇل خوتۇننى سېنى بېقىشقا بۇيرۇدۇم، دېيىلدى.
10ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ زارەفاتقا بېرىپ، شەھەرنىڭ دەرۋازىسىغا كەلگەندە، مانا ئۇ يەردە بىر تۇل خوتۇن ئوتۇن تېرىپ تۇراتتى. ئۇ تۇل خوتۇننى چاقىرىپ‫‪:‬‬ ــ ئۆتۈنىمەن، قاچىدا ماڭا ئىچكىلى ئازراق سۇ ئېلىپ كەلگەيسەن، دېدى.
11ئۇ سۇ ئالغىلى ماڭغاندا، ئۇ يەنە‫‪:‬‬ ــ ئۆتۈنىمەن، ماڭا قولۇڭدا بىر چىشلەم نانمۇ ئالغاچ كەلگەيسەن، دېدى.
12ئەمما ئۇ‫‪:‬‬ ــ پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ھاياتى بىلەن، ساڭا قەسەم قىلىمەنكى، مەندە ھېچ نان يوق، پەقەت ئىدىشتا بىر چاڭگال ئۇن، كوزىدا ئازغىنە ماي بار، مانا ئىككى تال ئوتۇن تېرىۋاتىمەن؛ ئاندىن بېرىپ ئۆزۈم بىلەن ئوغلۇمغا نان ئېتىپ، ئۇنى يەپ ئۆلىمىز، دېدى.
13ئىلىياس ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ قورقمىغىن؛ بېرىپ ئېيتقىنىڭدەك قىلغىن؛ لېكىن ئاۋۋال بىر كىچىك توقاچ ئېتىپ، ماڭا ئېلىپ كەلگىن؛ ئاندىن ئۆزۈڭ بىلەن ئوغلۇڭغا نان ئەتكىن.
14چۈنكى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ ــ «پەرۋەردىگار يەر يۈزىگە يامغۇر ياغدۇرىدىغان كۈنگىچىلىك ئىدىشتىكى ئۇن تۈگىمەيدۇ ۋە كوزىدىكى ماي كېمەيمەيدۇ»، دېدى.
15شۇنىڭ بىلەن ئۇ بېرىپ، ئىلىياسنىڭ ئېيتقىنىدەك قىلدى ۋە ئۇ، ئىلىياس ۋە ئايالنىڭ ئۆيىدىكىلەر خېلى كۈنلەرگىچە يېدى.
16پەرۋەردىگارنىڭ ئىلىياس ئارقىلىق ئېيتقان سۆزى بويىچە، ئىدىشتىكى ئۇن تۈگىمىدى ۋە كوزىدىكى مايمۇ كېمەيمىدى.
17شۇ ئىشلاردىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، ئۆينىڭ ئىگىسى بولغان بۇ ئايالنىڭ ئوغلى كېسەل بولدى. ئۇنىڭ كېسىلى شۇنداق ئېغىرلىشىپ كەتتىكى، ئۇنىڭدا نەپەس قالمىدى.
18ئايال ئىلىياسقا‫‪:‬‬ ــ ئى خۇدانىڭ ئادىمى، مېنىڭ سەن بىلەن نېمە ئالاقەم بار ئىدى؟ سەن گۇناھىمنى يادقا كەلتۈرۈپ، ئوغلۇمنىڭ جېنىغا زامىن بولۇشقا كەلدىڭمۇ؟ ــ دېدى.
19ئۇ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ئوغلۇڭنى قولۇمغا بەرگىن، دەپ ئۇنى ئۇنىڭ قۇچىقىدىن ئېلىپ ئۆزى ئولتۇرغان بالىخانىغا ئېلىپ چىقىپ ئۆز ئورنىغا قويۇپ،
20پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلىپ‫‪:‬‬ ــ ئى خۇدايىم پەرۋەردىگار، مەن مېھمان بولغان بۇ تۇل خوتۇننىڭ ئوغلىنى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئۇنىڭ بېشىغىمۇ بالا چۈشۈردۇڭمۇ؟ ــ دەپ نىدا قىلدى.
21ئۇ بالىنىڭ ئۈستىگە ئۈچ قېتىم ئۆزىنى چاپلاپ، پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلىپ‫‪:‬‬ ــ ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، بۇ بالىنىڭ جېنى ئۆزىگە يەنە يېنىپ كىرسۇن! ــ دەپ نىدا قىلدى.
22پەرۋەردىگار ئىلىياسنىڭ پەريادىنى ئاڭلىدى؛ بالىنىڭ جېنى ئۇنىڭغا يېنىپ كىرىشى بىلەن ئۇ تىرىلدى.

Read پادىشاھلار «1» 17پادىشاھلار «1» 17
Compare پادىشاھلار «1» 17:4-22پادىشاھلار «1» 17:4-22