Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يەشۇئا - يەشۇئا 14

يەشۇئا 14:9-15

Help us?
Click on verse(s) to share them!
9ئۇ كۈنى مۇسا قەسەم قىلىپ‫‪:‬‬ ــ «سەن پۈتۈن قەلبىڭ بىلەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئەگەشكىنىڭ ئۈچۈن، سېنىڭ پۇتۇڭ دەسسىگەن زېمىن جەزمەن ئەبەدگىچە سېنىڭ بىلەن نەسلىڭنىڭ مىراسى بولىدۇ» ــ دېگەنىدى.
10ــ مانا ئىسرائىل چۆلدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەندە، پەرۋەردىگار مۇساغا شۇ سۆزلەرنى دېگەن كۈنىدىن كېيىنكى قىرىق بەش يىل ئىچىدە ئۆزى ئېيتقىنىدەك مېنى تىرىك ساقلىدى. مانا مەن بۈگۈن سەكسەن بەش ياشقا كىردىم.
11مەن مۇشۇ كۈندىمۇ مۇسا مېنى چارلاشقا ئەۋەتكەن كۈندىكىدەك كۈچلۈكمەن، مەيلى جەڭ قىلىش بولسۇن ياكى بىر يەرگە بېرىپ‫‪‎-‎‬‬كېلىش بولسۇن، مېنىڭ يەنىلا بالدۇرقىدەك كۈچ‫‪‎-‎‬‬دەرمانىم باردۇر.   
12ئەمدى پەرۋەردىگار شۇ كۈنىدە ۋەدە قىلغان بۇ تاغلىق يۇرتنى ماڭا مىراس قىلىپ بەرگىن؛ چۈنكى ئۇ كۈنى سەنمۇ ئۇ يەردە ئاناكىيلار تۇرىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا چوڭ ھەم مۇستەھكەم شەھەرلەر بارلىقىنى ئاڭلىدىڭغۇ. لېكىن پەرۋەردىگار مەن بىلەن بىللە بولسىلا، پەرۋەردىگار ئېيتقىنىدەك مەن ئۇلارنى قوغلىۋىتىمەن».
13بۇنى ئاڭلاپ يەشۇئا يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەبكە بەخت‫‪‎-‎‬‬بەرىكەت تىلەپ، ھېبروننى ئۇنىڭغا مىراس قىلىپ بەردى.
14شۇڭا ھېبرون تاكى بۈگۈنگىچە كەنىززىي يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەبنىڭ مىراسى بولۇپ تۇرماقتا؛ چۈنكى ئۇ پۈتۈن قەلبى بىلەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا ئەگەشكەن
15(ئىلگىرى ھېبرون بولسا كىرىئات‫‪‎-‎‬‬ئاربا دەپ ئاتىلاتتى. ئاربا دېگەن ئادەم ئاناكىيلار ئارىسىدا ئەڭ داڭقى چىققان ئادەم ئىدى). شۇنداق قىلىپ زېمىن جەڭدىن ئارام تاپتى.

Read يەشۇئا 14يەشۇئا 14
Compare يەشۇئا 14:9-15يەشۇئا 14:9-15