10شۇنىڭ بىلەن، مۇسا بىلەن ھارۇن پىرەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنىدەك قىلدى؛ ھارۇن ھاسىسىنى پىرەۋن بىلەن ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالدىغا تاشلىۋىدى، ئۇ يىلانغا ئايلاندى.
11ئۇ ۋاقىتتا پىرەۋن دانىشمەنلىرى ۋە سېھرىگەرلىرىنى چاقىرتىپ كەلدى؛ مىسىرنىڭ جادۇگەرلىرىمۇ ئۆز جادۇسى بىلەن ئوخشاش ئىشنى قىلدى.
12ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز ھاسىسىنى تاشلىدى؛ ئۇلارمۇ يىلانغا ئايلاندى. لېكىن ھارۇننىڭ ھاسىسى ئۇلارنىڭ ھاسىلىرىنى يۇتۇپ كەتتى.