Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - مالاكى

مالاكى 2

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ــ ئەمدى، ھەي كاھىنلار، بۇ ئەمر‫‪‎-‎‬‬پەرمان سىلەرگە چۈشتى‫‪:‬‬ ــ
2سىلەر ئاڭلىمىساڭلار، نامىمغا شان‫‪‎-‎‬‬شەرەپ كەلتۈرۈشكە كۆڭۈل قويمىساڭلار، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ مەن ئاراڭلارغا لەنەتنى چۈشۈرۈپ ئەۋەتىمەن؛ سىلەرنىڭ بەرىكەتلىرىڭلارغىمۇ لەنەت قىلىمەن. بەرھەق، مەن ئاللىقاچان ئۇلارغا لەنەت ئوقۇدۇم، چۈنكى سىلەر شەرىپىمگە كۆڭۈل قويمىدىڭلار.
3مانا، مەن ئۇرۇقلىرىڭلارغا تەنبىھ بېرىمەن، سىلەرنىڭ يۈزۈڭلەرگە پوق، ھېيتىڭلاردىكى پوقنى سۈرىمەن؛ بىرسى سىلەرنى شۇ پوق بىلەن بىللە ئاپىرىپ تاشلايدۇ.
4شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ سىلەرگە بۇ ئەمرنى ئەۋەتكەنلىكىمنى بىلىسىلەر، مەقسەت، مېنىڭ لاۋىي بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنىڭ ساقلىنىۋېرىشى ئۈچۈندۇر، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار.
5ــ مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن تۈزگەن ئەھدەم ھاياتلىق ھەم ئارام‫‪‎-‎‬‬خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىدۇ؛ ئۇنى مەندىن قورقسۇن دەپ بۇلارنى ئۇنىڭغا بەردىم؛ ئۇ مەندىن قورقۇپ نامىم ئالدىدا تىترىگەنىدى.
6ئاغزىدىن ھەقىقەتنىڭ تەلىم‫‪‎-‎‬‬تەربىيىسى چۈشمىگەن، لەۋلىرىدىن ناھەقلىق تېپىلمىغان؛ ئۇ ئاراملىق‫‪‎-‎‬‬خاتىرجەملىك ھەم دۇرۇسلۇقتا مەن بىلەن بىللە ماڭغان، نۇرغۇن كىشىلەرنى قەبىھلىكتىن ياندۇرغان.
7چۈنكى كاھىننىڭ لەۋلىرى ئىلىم‫‪‎-‎‬‬بىلىمنى ساقلىشى كېرەك، خەقلەر ئۇنىڭ ئاغزىدىن تەۋرات‫‪‎-‎‬‬قانۇنىنى ئىزدىشى لازىم؛ چۈنكى ئۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئەلچىسىدۇر.
8ــ بىراق سىلەر يولدىن چەتنەپ كەتتىڭلار؛ سىلەر نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن تەۋرات‫‪‎-‎‬‬قانۇنىنى پۇتلىكاشاڭغا ئايلاندۇرۇۋەتتىڭلار؛ سىلەر لاۋىي بىلەن تۈزۈلگەن ئەھدىنى بۇزغانسىلەر ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار،
9ــ شۇڭا مەن سىلەرنىمۇ پۈتۈن خەلق ئالدىدا نەپرەتلىك ۋە پەسكەش قىلدىم، چۈنكى سىلەر يوللىرىمنى تۇتمىغان، شۇنداقلا تەۋرات‫‪‎-‎‬‬قانۇنىنى ئىجرا قىلغاندا بىر تەرەپكە يان باسقان.
10ــ بىزدە بىر ئاتا بار ئەمەسمۇ؟ بىزنى ياراتقۇچى پەقەت بىرلا تەڭرى ئەمەسمۇ؟ ئەمدى نېمىشقا ھەربىرىمىز ئۆز قېرىندىشىمىزغا ۋاپاسىزلىق قىلىپ، ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىمىز بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى بۇلغايمىز؟
11يەھۇدا ۋاپاسىزلىق قىلدى، ئىسرائىلدا ھەم يېرۇسالېمدا يىرگىنچلىك بىر ئىش سادىر قىلىندى؛ چۈنكى يەھۇدا پەرۋەردىگار سۆيگەن مۇقەددەس جايىنى بۇلغاپ، يات بىر ئىلاھنىڭ قىزىنى ئەمرىگە ئالدى.
12ئۇنداق قىلغۇچى، يەنى ئازدۇرغۇچى بولسۇن، ئازدۇرۇلغۇچى بولسۇن، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارغا «ئاشلىق ھەدىيە»نى ئېلىپ كەلگۈچى بولسۇن، پەرۋەردىگار ئۇلارنى ياقۇپنىڭ چېدىرلىرىدىن ئۈزۈپ تاشلايدۇ.
13سىلەر شۇنىڭدەك شۇنداق قىلىسىلەركى، قۇربانگاھنى كۆز ياشلىرى، يىغا، ئاھ‫‪‎-‎‬‬زارلار بىلەن قاپلايسىلەر ــ چۈنكى ئۇ قۇربانلىق‫‪‎-‎‬‬ھەدىيىلەرگە ھېچ قارىمايدىغان بولدى، ئۇنىڭدىن ھېچ رازى بولماي قولۇڭلاردىن قوبۇل قىلمايدىغان بولدى.
14بىراق سىلەر‫‪:‬‬ «نېمىشقا؟» دەپ سورايسىلەر. ــ چۈنكى پەرۋەردىگار سەن ۋە ياشلىقىڭدا ئالغان ئايالىڭ ئوتتۇرىسىدا گۇۋاھچى بولغانىدى؛ سەن ئۇنىڭغا ۋاپاسىزلىق قىلدىڭ، گەرچە ئۇ سېنىڭ ھەمراھىڭ ۋە سەن ئەھدە تۈزگەن ئايالىڭ بولسىمۇ.
15خۇدا ئەر‫‪‎-‎‬‬ئايالنى بىر قىلغان ئەمەسمۇ؟ شۇنداقلا، بۇنىڭغا روھىنى قالدۇرغان ئەمەسمۇ؟ خۇدا نېمىشقا ئۇلارنى بىر قىلدى؟ چۈنكى ئۇ ئۇلاردىن ئىخلاسمەن پەرزەنت كۈتكەنىدى. ئەمدى ھەربىرىڭلار ئۆز قەلب‫‪‎-‎‬‬روھىڭلارغا دىققەت قىلىڭلار، ھېچقايسىسى ياشلىقتا ئالغان ئايالىغا ۋاپاسىزلىق قىلمىسۇن!
16چۈنكى مەن تالاق قىلىشقا ئۆچتۇرمەن، دەيدۇ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار، ــ شۇنىڭدەك ئۆز تونىغا زومبۇرلۇق چاپلاشتۇرۇۋالغۇچىغا ئۆچمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. ــ شۇڭا قەلب‫‪‎-‎‬‬روھىڭلارغا دىققەت قىلىڭلار، ھېچقايسىڭلار ۋاپاسىزلىق قىلماڭلار!
17ــ سىلەر سۆزلىرىڭلار بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ سەۋر‫‪‎-‎‬‬تاقىتىنى قويمىدىڭلار، ئاندىن سىلەر‫‪:‬‬ «بىز نېمە قىلىپ ئۇنىڭ سەۋر‫‪‎-‎‬‬تاقىتىنى قويماپتۇق؟» ــ دەيسىلەر. سەۋر‫‪‎-‎‬‬تاقىتىنى قويمىغانلىقىڭلار بولسا دەل‫‪:‬‬ «رەزىللىك قىلغۇچى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە ياخشىدۇر، ئۇ ئۇلاردىن خۇرسەن بولىدۇ»؛ ياكى «ئادالەتنى يۈرگۈزگۈچى خۇدا زادى نەدىدۇر؟» ــ دېگىنىڭلەردە بولمامدۇ!