Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - مالاكى

مالاكى 1

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1پەرۋەردىگاردىن مالاكىغا يۈكلەنگەن ۋەھىي، ئۇ ئارقىلىق ئىسرائىلغا كەلگەن‫‪:‬‬ ــ
2ــ مەن سىلەرنى سۆيۈپ كەلدىم ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ بىراق سىلەر‫‪:‬‬ «سەن بىزنى قانداقمۇ سۆيۈپ كەلدىڭ؟» ــ دەيسىلەر. ئەساۋ ياقۇپقا ئاكا بولغان ئەمەسمۇ؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ بىراق ياقۇپنى سۆيدۈم،
3ئەساۋغا نەپرەتلەندىم؛ ئۇنىڭ تاغلىرىنى چۆل قىلدىم، مىراسىنى چۆل‫‪‎-‎‬‬باياۋاندىكى چىلبۆرىلەرگە تاپشۇرۇپ بەردىم.
4ئېدوم‫‪:‬‬ «بىز ۋەيران قىلىندۇق، بىراق بىز خارابىلەشكەن جايلارنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىمىز» ــ دېسە، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ ــ ــ ئۇلار قۇرىدۇ، بىراق مەن ئۆرۈيمەن؛ خەقلەر ئۇلارنى «رەزىللىكنىڭ زېمىنى»، «پەرۋەردىگار مەڭگۈگە غەزەپلىنىدىغان ئەل» دەپ ئاتايدۇ.
5سىلەرنىڭ كۆزلىرىڭلار بۇنى كۆرۈپ‫‪:‬‬ «پەرۋەردىگار ئىسرائىل چېگراسىنىڭ سىرتىدا ئۇلۇغلاندى!» ــ دەيسىلەر.
6ــ ئوغۇل ئاتىسىنى، قۇل ئىگىسىنى ھۆرمەتلەيدۇ؛ ئەمدى مەن ئاتا بولسام، ھۆرمىتىم قېنى؟ ئىگە بولسام، مەندىن بولغان ئەيمىنىش قېنى؟ ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنداق دەيدۇ، ئى مېنىڭ نامىمنى كەمسىتكەن كاھىنلار! بىراق سىلەر‫‪:‬‬ «بىز نېمە قىلىپ نامىڭنى كەمسىتىپتۇق؟» ــ دەيسىلەر.
7سىلەر قۇربانگاھىم ئۈستىگە بۇلغانغان ئوزۇقنى سۇنىسىلەر؛ ئاندىن سىلەر‫‪:‬‬ «بىز نېمە قىلىپ سېنى بۇلغاپ قويدۇق؟» ــ دەيسىلەر؛ ئەمەلىيەتتە سىلەر‫‪:‬‬ «پەرۋەردىگارنىڭ داستىخىنىنىڭ تايىنى يوقتۇر» ــ دەيسىلەر.
8كور مالنى قۇربانلىققا سۇنساڭلار، بۇ قەبىھلىك ئەمەسمۇ؟ توكۇر ياكى كېسەل مالنى قۇربانلىققا سۇنساڭلار، بۇ قەبىھلىك ئەمەسمۇ؟ ھازىر بۇنى سېنىڭ ۋالىيىڭغا سۇنۇپ باق؛ ئۇ سەندىن خۇرسەن بولامدۇ؟ ساڭا يۈز‫‪‎-‎‬‬خاتىرە قىلامدۇ؟ ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار.
9ــ ئەمدى، قېنى، سىلەر تەڭرىدىن بىزگە شەپقەت كۆرسەتكەيسەن دەپ ئۆتۈنۈپ بېقىڭلار؛ قولۇڭلاردىن مۇشۇلار كەلگەندىن كېيىن، ئۇ سىلەردىن ھەرقاندىقىڭلارنى قوبۇل قىلامدۇ؟ ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار.
10ــ ئاراڭلاردىن دەرۋازىلارنى ئېتىپ قويغۇدەك بىرسى چىقمامدۇ؟ شۇنداق بولغاندا سىلەر قۇربانگاھىمدا بىكاردىن‫‪‎-‎‬‬بىكار ئوت قالاپ يۈرمەيتتىڭلار. مېنىڭ سىلەردىن ھېچ خۇرسەنلىكىم يوق، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ ۋە قولۇڭلاردىن ھېچقانداق «ئاشلىق ھەدىيە»نى قوبۇل قىلمايمەن.  
11كۈن چىقاردىن كۈن پاتارغا مېنىڭ نامىم ئەللەر ئارىسىدا ئۇلۇغ دەپ قارىلىدۇ؛ ھەربىر جايدا نامىمغا خۇشبۇي سېلىنىدىغان بولىدۇ، پاك بىر «ئاشلىق ھەدىيە» سۇنۇلىدۇ؛ چۈنكى نامىم ئەللەر ئارىسىدا ئۇلۇغ دەپ قارىلىدۇ، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار.
12بىراق سىلەر بولساڭلار‫‪:‬‬ «پەرۋەردىگارنىڭ داستىخىنى بۇلغانغان، ئۇنىڭ مېۋىسى، يەنى ئاش‫‪‎-‎‬‬ئوزۇقى نەپرەتلىكتۇر» ــ دېگىنىڭلاردا، سىلەر ئۇنى ھارام قىلىسىلەر؛
13ۋە سىلەر‫‪:‬‬ «مانا، نېمىدېگەن ئاۋارىچىلىك!» دەيسىلەر ۋە ماڭا قاراپ دىمىغىڭلارنى قاقىسىلەر، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ سىلەر يارىلانغان، توكۇر ھەم كېسەل ماللارنى ئېلىپ كېلىسىلەر. قۇربانلىق‫‪‎-‎‬‬ھەدىيىلەرنى شۇ پېتى ئېلىپ كېلىسىلەر؛ مەن بۇنى قولۇڭلاردىن قوبۇل قىلامدىمەن؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
14بەرھەق، پادىسىدا قوچقار تۇرۇپ، رەبكە قىلغان قەسىمىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن بۇلغانغان نەرسىنى قۇربانلىق قىلىدىغان ئالدامچى لەنەتكە قالىدۇ؛ چۈنكى مەن ئۇلۇغ پادىشاھدۇرمەن، نامىم ئەللەر ئارىسىدا ھۆرمەتلىنىدىغان بولىدۇ، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار.