Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لۇقا - لۇقا 9

لۇقا 9:5-25

Help us?
Click on verse(s) to share them!
5ئەمدى قايسى يەردىكى كىشىلەر سىلەرنى قوبۇل قىلمىسا، ئۇ شەھەردىن چىققىنىڭلاردا ئۇلارغا ئاگاھ‫‪‎-‎‬‬گۇۋاھ بولسۇن ئۈچۈن ئايىغىڭلاردىكى توپىنىمۇ قېقىۋېتىڭلار! ــ دېدى.  
6مۇخلىسلار يولغا چىقىپ، يېزا‫‪‎-‎‬‬قىشلاقلارنى ئارىلاپ خۇش خەۋەرنى ئېلان قىلىپ، ھەممە يەردە كېسەللەرنى ساقايتتى.
7ئەمدى ھېرود ھاكىم ئۇنىڭ بارلىق قىلغانلىرىدىن خەۋەر تېپىپ، قايمۇقۇپ قالدى. چۈنكى بەزىلەر‫‪:‬‬ «مانا يەھيا ئۆلۈمدىن تىرىلىپتۇ!» دېسە،  
8يەنە بەزىلەر‫‪:‬‬ «ئىلياس پەيغەمبەر قايتا پەيدا بولدى» ۋە يەنە باشقىلار‫‪:‬‬ «قەدىمكى پەيغەمبەرلەردىن بىرى قايتىدىن تىرىلىپتۇ!» دەيتتى.
9ھېرود‫‪:‬‬ «مەن يەھيانىڭ كاللىسىنى ئالدۇرغانىدىم، ئەمدى مەن مۇشۇ گېپىنى ئاڭلاۋاتقان زات زادى كىمدۇ؟» ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنى كۆرۈش پۇرسىتىنى ئىزدىدى.
10روسۇللار بولسا قايتىپ كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەيساغا مەلۇم قىلدى. ئۇ ئۇلارنى ئېلىپ، خۇپىيانە ھالدا بەيت‫‪‎-‎‬‬سائىدا دېگەن شەھەردىكى خىلۋەت بىر يەرگە كەلدى.
11بىراق خالايىق بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلدى. ئۇ ئۇلارنى قارشى ئېلىپ، ئۇلارغا خۇدانىڭ پادىشاھلىقى توغرىسىدا سۆزلىدى ۋە شىپاغا موھتاجلارنى ساقايتتى.
12كۈن ئولتۇراي دېگەندە، ئون ئىككىيلەن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ خالايىقنى يولغا سالساڭ، ئۇلار ئەتراپتىكى يېزا‫‪‎-‎‬‬قىشلاقلارغا ۋە ئېتىزلارغا بېرىپ قونغۇدەك جايلار ۋە ئوزۇق‫‪‎-‎‬‬تۈلۈك تاپسۇن؛ چۈنكى مۇشۇ يەر چۆللۈك ئىكەن، ــ دېدى.
13لېكىن ئۇ ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ ئۇلارغا ئۆزۈڭلار ئوزۇق بېرىڭلار، ــ دېدى. ــ بىزدە پەقەت بەش نان بىلەن ئىككى بېلىقتىن باشقا نەرسە يوق. بۇ بارلىق خەلقكە ئوزۇق‫‪‎-‎‬‬تۈلۈك سېتىۋېلىپ كېلەمدۇق؟! ــ دېيىشتى ئۇلار.
14چۈنكى شۇ يەردە يىغىلغان ئەرلەرنىڭلا سانى بەش مىڭچە ئىدى. ئۇ مۇخلىسلارغا‫‪:‬‬ ــ خالايىقنى ئەللىكتىن‫‪‎-‎‬‬ئەللىكتىن بۆلۈپ ئولتۇرغۇزۇڭلار، ــ دېدى.
15ئۇلار ئۇنىڭ دېگىنىچە قىلىپ ھەممەيلەننى ئولتۇرغۇزدى.
16ئەيسا بەش نان بىلەن ئىككى بېلىقنى قولىغا ئېلىپ، ئاسمانغا قاراپ خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىپ بۇلارنى بەرىكەتلىدى. ئاندىن ئۇلارنى ئوشتۇپ، خالايىققا سۇنۇپ بېرىش ئۈچۈن مۇخلىسلىرىغا بەردى.
17ھەممەيلەن يەپ تويۇندى. ئاندىن شۇلاردىن ئېشىپ قالغان پارچىلىرىنى ئون ئىككى سېۋەتكە يىغىپ قاچىلىدى.
18ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ ئۆزى يالغۇز دۇئا قىلىۋاتقاندا، مۇخلىسلىرى يېنىدا تۇراتتى. ئۇ ئۇلاردىن‫‪:‬‬ ــ خالايىق مېنى كىم دەيدۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
19ئۇلار جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ بەزىلەر سېنى چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا، بەزىلەر ئىلياس پەيغەمبەر، ۋە يەنە بەزىلەر قەدىمكى پەيغەمبەرلەردىن بىرى تىرىلىپتۇ دەيدۇ، ــ دېدى.
20ئۇ ئۇلاردىن‫‪:‬‬ ــ سىلەرچۇ؟ سىلەر مېنى كىم دەپ بىلىسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. پېترۇس جاۋاب بېرىپ‫‪:‬‬ ــ سەن خۇدانىڭ مەسىھىدۇرسەن، ــ دېدى.
21ئۇ ئۇلارغا قاتتىق جېكىلەپ، بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنماڭلار، دەپ تاپىلىدى.
22ــ چۈنكى ئىنسانئوغلىنىڭ نۇرغۇن ئازاب‫‪‎-‎‬‬ئوقۇبەت تارتىشى، ئاقساقاللار، باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىشى، ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە ئۈچ كۈندىن كېيىن تىرىلدۈرۈلۈشى مۇقەررەر، ــ دېدى.
23ئاندىن ئۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ كىمدەكىم ماڭا ئەگىشىشنى نىيەت قىلسا، ئۆزىدىن كېچىپ، ھەر كۈنى ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ ماڭا ئەگەشسۇن!   
24چۈنكى كىمدەكىم ئۆز ھاياتىنى قۇتقۇزىمەن دەيدىكەن، چوقۇم ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ، لېكىن مەن ئۈچۈن ئۆز ھاياتىدىن مەھرۇم بولغان كىشى ھاياتىنى قۇتقۇزىدۇ.
25چۈنكى بىر ئادەم پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولۇپ، ئۆزىنى ھالاك قىلسا ياكى ئۆزىدىن مەھرۇم قالسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟!

Read لۇقا 9لۇقا 9
Compare لۇقا 9:5-25لۇقا 9:5-25