Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لۇقا - لۇقا 1

لۇقا 1:1-13

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1گەرچە نۇرغۇن ئادەملەر ئارىمىزدا مۇتلەق ئىشەنچلىك دەپ قارالغان ئىشلارنى توپلاپ يېزىشقا كىرىشكەن بولسىمۇ،
2(خۇددى سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامغا باشتىن‫‪‎-‎‬‬ئاخىر ئۆز كۆزى بىلەن گۇۋاھچى بولغانلار، شۇنداقلا ئۇنى ساقلاپ يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ بىزگە ئامانەت قىلغان بايانلىرىدەك)،
3مەنمۇ بارلىق ئىشلارنى باشتىن تەپسىلىي تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن، ئى ھۆرمەتلىك تېئوفىلۇس جانابلىرى، سىلىگە بۇ ئىشلانى تەرتىپى بويىچە يېزىشنى لايىق تاپتىم.
4بۇنىڭدىن مەقسەت، سىلى قوبۇل قىلغان تەلىملەرنىڭ مۇتلەق ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە جەزم قىلىشلىرى ئۈچۈندۇر.
5يەھۇدىيە ئۆلكىسىگە پادىشاھ بولغان ھېرود سەلتەنەت قىلغان كۈنلىرىدە، «ئابىيا» كاھىنلىق نۆۋىتىدىن بىر كاھىن بار بولۇپ، ئىسمى زەكەرىيا ئىدى. ئۇنىڭ ئايالىمۇ ھارۇننىڭ ئەۋلادىدىن بولۇپ، ئىسمى ئېلىزابىت ئىدى.  
6ئۇلار ئىككىسى خۇدانىڭ ئالىدىدا ھەققانىي كىشىلەر بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ پۈتۈن ئەمر‫‪‎-‎‬‬بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئەيىبسىز ماڭاتتى.
7ئەمما ئېلىزابىت تۇغماس بولغاچقا، ئۇلار پەرزەنت كۆرمىگەنىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ئىككىسى خېلىلا ياشىنىپ قالغانىدى.
8ئۇ ئۆز تۈركۈمىدىكى كاھىنلار ئارىسىدا ئىبادەتخانىدا نۆۋەتچىلىك ۋەزىپىسىنى خۇدا ئالدىدا ئادا قىلىۋاتقاندا،
9شۇ چاغدىكى كاھىنلىق ئادىتى بويىچە، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ «مۇقەددەس جاي»ىغا كىرىپ خۇشبۇي سېلىشقا مۇيەسسەر بولۇشقا چەك تاشلىغاندا شۇنداق بولدىكى، چەك ئۇنىڭغا چىقتى.
10ئەمدى ئۇ خۇشبۇي سېلىۋاتقان ۋاقتىدا، جامائەت تاشقىرىدا تۇرۇپ دۇئا قىلىشىۋاتاتتى.
11تۇيۇقسىز پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى ئۇنىڭغا خۇشبۇيگاھنىڭ ئوڭ تەرىپىدە كۆرۈندى.
12ئۇنى كۆرگەن زەكەرىيا ھودۇقۇپ قورقۇنچقا چۆمۈپ كەتتى.
13بىراق پەرىشتە ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ئەي زەكەرىيا، قورقمىغىن! چۈنكى تىلىكىڭ ئىجابەت قىلىندى، ئايالىڭ ئېلىزابىت ساڭا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بېرىدۇ، سەن ئۇنىڭ ئىسمىنى يەھيا قويغىن.   

Read لۇقا 1لۇقا 1
Compare لۇقا 1:1-13لۇقا 1:1-13