Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - باتۇر ھاكىملار - باتۇر ھاكىملار 18

باتۇر ھاكىملار 18:17-31

Help us?
Click on verse(s) to share them!
17ئۇ زېمىننى چارلاشقا بارغان بەش ئادەم بۇتخانىغا كىرىپ، ئويما بۇت، ئەفود تونى، تەرافىم بۇتلىرى ۋە قۇيما بۇتنى ئېلىپ چىقتى. كاھىن جەڭ قوراللىرىنى كۆتۈرگەن ئالتە يۈز كىشى بىلەن بىللە دەرۋازىدا تۇراتتى.
18بۇ بەش ئادەم مىكاھنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئويما بۇت، ئەفود تونىنى، تەرافىم بۇتلىرى ۋە قۇيما بۇتنى ئېلىپ چىققاندا كاھىن ئۇلاردىن‫‪:‬‬ ــ بۇ نېمە قىلغىنىڭلار؟! ــ دەپ سورىدى.
19ئۇلار ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ئۈن چىقارماي، ئاغزىڭنى قولۇڭ بىلەن ئېتىپ، بىز بىلەن مېڭىپ، بىزگە ھەم ئاتا ھەم كاھىن بولۇپ بەرگىن. سېنىڭ پەقەت بىر ئادەمنىڭ ئۆيىدىكىلەرگە كاھىن بولغىنىڭ ياخشىمۇ، ياكى ئىسرائىلنىڭ بىر جەمەتى بولغان پۈتۈن بىر قەبىلىگە كاھىن بولغىنىڭ ياخشىمۇ؟ ــ دېدى.
20شۇنداق دېۋىدى، كاھىننىڭ كۆڭلى خۇش بولۇپ، ئەفود، تەرافىم بۇتلىرى ۋە ئويما مەبۇدنى ئېلىپ خەلقنىڭ ئارىسىغا كىرىپ تۇردى.
21ئاندىن ئۇلار بۇرۇلۇپ، ئۇ يەردىن كەتتى؛ ئۇلار بالىلىرى ۋە چارپايلارنى ۋە يۈك‫‪‎-‎‬‬تاقلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئالدىدا ماڭدۇرۇۋەتكەنىدى.
22مىكاھنىڭ ئۆيىدىن خېلى يىراقلىغاندا مىكاھنىڭ ئۆيىنىڭ ئەتراپىدىكى خەلقلەر يىغىلىپ، دانلارغا قوغلاپ يېتىشتى.
23ئۇلار دانلارنى توۋلاپ چاقىردى، دانلار بۇرۇلۇپ مىكاھقا‫‪:‬‬ ــ ساڭا نېمە بولدى، بۇنچىۋىلا كۆپ خەلقنى يىغىپ كېلىپ نېمە قىلماقچىسەن؟! ‫‪‎-‎‬‬ دېدى.
24ئۇ جاۋاب بېرىپ‫‪:‬‬ ــ سىلەر مەن ياساتقان مەبۇدلارنى كاھىنىم بىلەن قوشۇپ ئالدىڭلار، ئاندىن كەتتىڭلار! ماڭا يەنە نېمە قالدى؟! شۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەر تېخى‫‪:‬‬ «ساڭا نېمە بولدى؟» ــ دەۋاتىسىلەرغۇ! ــ دېدى.
25دانلار ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ئۈنۈڭنى چىقارما، بولمىسا ئاچچىقى يامان كىشىلەر سېنى تۇتۇۋېلىپ، سېنى ۋە ئائىلەڭدىكىلەرنى جانلىرىدىن جۇدا قىلمىسۇن، يەنە، ــ دېدى.
26بۇلارنى دەپ دانلار ئۆز يولىغا ماڭدى؛ مىكاھ ئۇلارنىڭ ئۆزىدىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، يېنىپ ئۆز ئۆيىگە كەتتى.
27ئۇلار مىكاھ ياساتقۇزغان نەرسىلەر ۋە ئۇنىڭ كاھىنىنى ئېلىپ، لائىشقا ھۇجۇم قىلدى؛ ئۇ يەردىكى خەلق تىنچ‫‪‎-‎‬‬ئامان ۋە خاتىرجەم تۇرۇۋاتقانىدى؛ ئۇلار ئۇلارنى قىلىچلاپ قىرىپ، شەھەرنى ئوتتا كۆيدۈرۈۋەتتى.
28شەھەرنى قۇتقۇزغۇدەك ھېچ ئادەم چىقىمىدى؛ چۈنكى بۇ شەھەر زىدوندىن يىراقتا ئىدى، خەلقى ھېچكىم بىلەن باردى‫‪‎-‎‬‬كەلدى قىلىشمايتتى. شەھەر بەيت‫‪‎-‎‬‬رەھوبنىڭ يېنىدىكى جىلغىدا ئىدى. دانلار شەھەرنى قايتىدىن قۇرۇپ، ئولتۇراقلاشتى.
29ئۇلار بۇ شەھەرگە ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىدىن بولغان، ئۆز ئاتىسى داننىڭ ئىسمىنى قويۇپ دان دەپ ئاتىدى. ئىلگىرى ئۇ شەھەرنىڭ نامى لائىش ئىدى.
30دانلار شۇ يەردە بۇ ئويما بۇتنى ئۆزلىرىگە تىكلىدى؛ مۇسانىڭ ئوغلى گەرسومنىڭ ئەۋلادى يوناتان ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى بولسا شۇ زېمىننىڭ خەلقى سۈرگۈن بولۇشقا ئېلىپ كېتىلگەن كۈنگىچە دانلارنىڭ قەبىلىسىگە كاھىن بولۇپ تۇرغانىدى.
31خۇدانىڭ ئۆيى شىلوھدا تۇرغان بارلىق ۋاقىتلاردا، دانلار ئۆزلىرى ئۈچۈن تىكلىگەن، مىكاھ ياساتقۇزغان ئويما مەبۇد داندا تۇرغۇزۇلدى.

Read باتۇر ھاكىملار 18باتۇر ھاكىملار 18
Compare باتۇر ھاكىملار 18:17-31باتۇر ھاكىملار 18:17-31