Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ھېكمەت توپلىغۇچى

ھېكمەت توپلىغۇچى 11

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1نانلىرىڭنى سۇلارغا ئەۋەت؛ كۆپ كۈنلەردىن كېيىن ئۇنى قايتىدىن تاپىسەن.
2بىر ئۈلۈشنى يەتتە كىشىگە، سەككىزىگىمۇ بەرگىن؛ چۈنكى يەر يۈزىدە نېمە يامانلىق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيسەن.  
3بۇلۇتلار يامغۇرغا تولغان بولسا، ئۆزلىرىنى زېمىن ئۈستىگە بوشىتىدۇ؛ دەرەخ شىمال تەرەپكە ئۆرۈلسە، ياكى جەنۇب تەرەپكە ئۆرۈلسە، قايسى تەرەپكە چۈشكەن بولسا، شۇ يەردە قالىدۇ.
4شامالنى كۆزىتىدىغانلار تېرىقچىلىق قىلمايدۇ؛ بۇلۇتلارغا قارايدىغانلار ئورما ئورمايدۇ.
5سەن شامالنىڭ يولىنى بىلمىگىنىڭدەك ياكى بويىدا بارنىڭ ھامىلىسىنىڭ ئۇستىخانلىرىنىڭ بالىياتقۇدا قانداق ئۆسىدىغانلىقىنى بىلمىگىنىڭدەك، سەن ھەممىنى ياسىغۇچى خۇدانىڭ قىلغىنىنى بىلمەيسەن.  
6سەھەردە ئۇرۇقۇڭنى تېرىغىن، كەچتىمۇ قولۇڭنى ئىشتىن قالدۇرما؛ چۈنكى نېمە ئىشنىڭ، ئۇ ياكى بۇ ئىشنىڭ پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى ۋە ياكى ھەر ئىككىسىنىڭ ئوخشاشلا ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلمەيسەن.
7نۇر شېرىن بولىدۇ، ئاپتاپنى كۆرۈشمۇ ھۇزۇرلۇق ئىشتۇر.
8شۇڭا بىرسى كۆپ يىل ياشىغان بولسا، بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن ھۇزۇر ئالسۇن. ھالبۇكى، ئۇ يەنە قاراڭغۇلۇق كۈنلىرىنى ئېسىدە تۇتسۇن، چۈنكى ئۇلار كۆپ بولىدۇ؛ كەلگۈسىدىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىمەنىلىكتۇر!
9ياشلىقىڭدىن ھۇزۇر ئال، ئى يىگىت؛ ياشلىقىڭ كۈنلىرىدە كۆڭلۈڭ ئۆزۈڭگە خۇشاللىقنى يەتكۈزگەي؛ كۆڭلۈڭ خالىغىنى بويىچە ۋە كۆزلىرىڭ كۆرگىنى بويىچە يۈرگىن؛ بىراق شۇنى بىلگىنكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن خۇدا سېنى سوراققا تارتىدۇ.
10ئەمدى كۆڭلۈڭدىن غەشلىكنى ئېلىپ تاشلا، تېنىڭدىن يامانلىقنى نېرى قىل؛ چۈنكى بالىلىق ۋە ياشلىقمۇ بىمەنىلىكتۇر.