Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پادىشاھلار «2» - پادىشاھلار «2» 17

پادىشاھلار «2» 17:28-34

Help us?
Click on verse(s) to share them!
28ئۇنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۇلار سامارىيەدىن يۆتكىگەن كاھىنلارنىڭ بىرى كېلىپ، بەيت‫‪‎-‎‬‬ئەلدە تۇرۇپ پەرۋەردىگارنىڭ قورقۇنچىنى ئۇلارغا ئۆگەتتى.
29لېكىن شۇ خەلقلەرنىڭ ھەربىرى ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ بۇتلىرىنى ياساپ، سامارىيەلىكلەر سالغان «يۇقىرى جايلار»دىكى ئىبادەتگاھلار ئىچىگە تۇرغۇزدى؛ ھەربىر خەلق ئۆزى تۇرغان شەھەردە شۇنداق قىلدى.
30بابىلدىن كەلگەنلەر سۇككوت‫‪‎-‎‬‬بىنوت دېگەن مەبۇدنى ياسىدى، كۇتتىن كەلگەنلەر نەرگال بۇتنى، خاماتتىن كەلگەنلەر ئاشىما بۇتنى،
31ئاۋۋىيلار نىبھاز بىلەن تارتاك بۇتلارنى ياسىدى؛ سەفارۋىيلار سەفارۋائىمدىكى بۇتلىرى بولغان ئادراممەلەك بىلەن ئاناممەلەكگە ئۆز بالىلىرىنى ئاتاپ ئوتتا كۆيدۈردى.
32ئۇلار ئەمدى مۇشۇنداق ھالەتتە پەرۋەردىگاردىن قورقۇپ، ئۆز ئارىسىدىكى ھەر تۈرلۈك ئادەملەرنى ئۆزلىرى ئۈچۈن «يۇقىرى جايلار»دىكى بۇتخانىلاردا قۇربانلىقلارنى سۇنىدىغان كاھىن قىلىپ بېكىتكەن.
33ئۇلار پەرۋەردىگاردىن قورقاتتى ۋە شۇنىڭ بىلەن تەڭ قايسى ئەلدىن كەلگەن بولسا، شۇ ئەلنىڭ قائىدە‫‪‎-‎‬‬يوسۇنلىرىدا ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ قۇللۇقىدىمۇ بولاتتى.
34بۈگۈنگە قەدەر ئۇلار ئىلگىرىكى ئادەتلەر بويىچە مېڭىپ كەلمەكتە؛ ئۇلار پەرۋەردىگاردىن قورقماي، پەرۋەردىگار ئىسرائىل دەپ ئاتىغان ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىغا تاپىلىغان بەلگىلىمىلەر ۋە ھۆكۈملەر، قانۇن ۋە ئەمرلەرگە مۇۋاپىق ئىش كۆرمەيدۇ.   

Read پادىشاھلار «2» 17پادىشاھلار «2» 17
Compare پادىشاھلار «2» 17:28-34پادىشاھلار «2» 17:28-34