Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پادىشاھلار «2» - پادىشاھلار «2» 13

پادىشاھلار «2» 13:2-10

Help us?
Click on verse(s) to share them!
2ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ، ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ گۇناھلىرىغا ئەگىشىپ ماڭدى؛ ئۇ ئۇلاردىن ھېچ چىقمىدى.
3بۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئىسرائىلغا قوزغالدى؛ ئۇ ئۇلارنى سۇرىيەنىڭ پادىشاھى ھازائەلنىڭ ۋە ھازائەلنىڭ ئوغلى بەن‫‪‎-‎‬‬ھادادنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى.
4يەھوئاھاز پەرۋەردىگاردىن رەھىم تىلىدى؛ ۋە پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ قىسىلىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ دۇئاسىغا قۇلاق سالدى. چۈنكى سۇرىيەنىڭ پادىشاھى ئۇلارغا زۇلۇم قىلىۋاتاتتى.
5پەرۋەردىگار ئىسرائىلغا بىر قۇتقۇزغۇچى تەيىنلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سۇرىيلەرنىڭ قولىدىن ئازاد بولۇپ قۇتۇلدى. كېيىن ئىسرائىل يەنە بۇرۇنقىدەك ئۆز ئۆي‫‪‎-‎‬‬چېدىرلىرىدە ماكانلاشتى.
6لېكىن ئۇلار ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان يەروبوئام جەمەتىنىڭ گۇناھلىرىدىن چىقمىدى؛ ئۇلار يەنىلا شۇ يولدا ماڭاتتى. ھەتتا سامارىيەدە بىر «ئاشەراھ» بۇتمۇ قالغانىدى.
7سۇرىيەنىڭ پادىشاھى يەھوئاھازغا پەقەت ئەللىك ئاتلىق لەشكەرنى، ئون جەڭ ھارۋىسى بىلەن ئون مىڭ پىيادە ئەسكىرىنىلا قالدۇرغانىدى. چۈنكى ئۇ يەھوئاھازنىڭ قوشۇنىنى يوقىتىپ خاماندىكى توپا‫‪‎-‎‬‬چاڭدەك قىلىۋەتكەنىدى.
8ئەمدى يەھوئاھازنىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى، جۈملىدىن سەلتەنىتىنىڭ ھەممە قۇدرىتى «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ‫‪‎-‎‬‬تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟
9يەھوئاھاز ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە سامارىيەدە دەپنە قىلىندى. ئاندىن ئوغلى يوئاش ئورنىدا پادىشاھ بولدى.
10يەھۇدانىڭ پادىشاھى يوئاشنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئوتتۇز يەتتىنچى يىلىدا يەھوئاھازنىڭ ئوغلى يەھوئاش سامارىيەدە ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇپ، ئون ئالتە يىل سەلتەنەت قىلدى.

Read پادىشاھلار «2» 13پادىشاھلار «2» 13
Compare پادىشاھلار «2» 13:2-10پادىشاھلار «2» 13:2-10