Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پادىشاھلار «1» - پادىشاھلار «1» 9

پادىشاھلار «1» 9:1-19

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى، پادىشاھ ئوردىسى ۋە شۇنداقلا قۇرۇشنى ئارزۇ قىلغان باشقا قۇرۇلۇشلارنى كۆڭلىدىكىدەك پۈتكۈزۈپ بولغاندا،
2پەرۋەردىگار سۇلايمانغا گىبېئوندا كۆرۈنگەندەك ئەمدى ئىككىنچى قېتىم ئۇنىڭغا كۆرۈندى.
3پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ «سەن مېنىڭ ئالدىمدا قىلغان دۇئا ۋە ئىلتىجايىڭنى ئاڭلىدىم؛ مېنىڭ نامىم ئۇنىڭدا ئەبەدگىچە ئايان قىلىنىشى ئۈچۈن، سەن ياسىغان بۇ ئۆينى ئۆزۈمگە مۇقەددەس قىلدىم. مېنىڭ كۆزلىرىم ۋە كۆڭلۈم شۇ يەردە ھەمىشە بولىدۇ.
4سەن بولساڭ، ئاتاڭ داۋۇتنىڭ ئالدىمدا ماڭغىنىدەك، سەنمۇ ساڭا بۇيرۇغىنىمنىڭ ھەممىسىگە مۇۋاپىق ئەمەل قىلىش ئۈچۈن، بەلگىلىمىلىرىم ۋە ھۆكۈملىرىمنى تۇتۇپ، پاك كۆڭۈل ۋە دۇرۇسلۇق بىلەن ئالدىمدا ماڭساڭ،
5مەن ئەمدى ئاتاڭ داۋۇتقا‫‪:‬‬ «ئىسرائىلنىڭ تەختىدە ساڭا ئەۋلادىڭدىن ئولتۇرۇشقا بىر زات كەم بولمايدۇ» دەپ ۋەدە قىلغىنىمدەك، مەن پادىشاھلىق تەختىڭنى ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە ئەبەدگىچە مەھكەم قىلىمەن.
6لېكىن ئۆزۈڭ يا ئوغۇللىرىڭ ماڭا ئەگىشىشتىن ۋاز كېچىپ مەن ئالدىڭلاردا قويغان ئەمرلىرىم بىلەن بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتماي، بەلكى باشقا ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرىپ ئۇلارغا سەجدە قىلساڭلار،
7شۇ چاغدا مەن ئىسرائىلنى ئۇلارغا تەقدىم قىلغان زېمىنىدىن ئۈزۈپ چىقىرىمەن؛ ۋە ئۆز نامىمنى كۆرسىتىشكە ئۆزۈمگە مۇقەددەس قىلغان بۇ ئۆينى نەزىرىمدىن تاشلايمەن ۋە ئىسرائىل ھەممە خەلقلەر ئارىسىدا سۆز‫‪‎-‎‬‬چۆچەك ۋە تاپا‫‪‎-‎‬‬تەنىنىڭ ئوبيېكتى بولىدۇ؛
8بۇ ئۆي گەرچە ھازىر كۆركەم كۆرۈنسىمۇ، شۇ زاماندا ئۇنىڭدىن ئۆتكەنلەرنىڭ ھەممىسى زور ھەيران قېلىشىپ ئۈشقىرتىپ‫‪:‬‬ «پەرۋەردىگار بۇ زېمىنغا ۋە بۇ ئۆيگە نېمىشقا شۇنداق قىلدى؟» دەپ سورايدۇ.  
9كىشىلەر‫‪:‬‬ ــ چۈنكى زېمىندىكى خەلقلەر ئۆز ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىنى مىسىر زېمىنىدىن چىقارغان پەرۋەردىگار خۇداسىنى تاشلاپ، ئۆزلىرىنى باشقا ئىلاھلارغا باغلاپ، ئۇلارغا سەجدە قىلىپ قۇللۇقىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار بۇ پۈتكۈل كۈلپەتنى ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشۈرۈپتۇ، دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
10شۇنداق بولدىكى، يىگىرمە يىل ئۆتۈپ، سۇلايمان ئۇ ئىككى ئۆينى، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى بىلەن پادىشاھ ئۆيىنى ياساپ بولغاندىن كېيىن،
11تۇرنىڭ پادىشاھى ھىرام سۇلايمانغا بارلىق تەلەپلىرى بويىچە كېدىر دەرەخلىرى، ئارچا دەرەخلىرى ۋە ئالتۇن تەمىنلىگىنى ئۈچۈن سۇلايمان پادىشاھ ئۇنىڭغا گالىلىيە ئۆلكىسىدىن يىگىرمە شەھەرنى بەردى.
12ھىرام سۇلايمان ئۇنىڭغا بەرگەن شەھەرلەرنى كۆرۈشكە تۇردىن چىقىپ كەلدى؛ لېكىن ئۇلار ئۇنىڭغا ھېچ ياقمىدى.
13ئۇ‫‪:‬‬ ــ ھەي بۇرادىرىم، سەن مۇشۇ ماڭا بەرگىنىڭ زادى قانداق شەھەرلەر؟! ــ دېدى. ئۇ ئۇلارنى «كابۇلنىڭ يۇرتى» دەپ ئاتىدى، ۋە ئۇلار بۈگۈنكى كۈنگىچە شۇنداق ئاتىلىدۇ.
14ھىرام بولسا پادىشاھقا بىر يۈز يىگىرمە تالانت ئالتۇن ئەۋەتكەنىدى.
15سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى، ئۆز ئۆيىنى، مىللونى، يېرۇسالېمنىڭ سېپىلىنى، ھازورنى، مەگىددونى ۋە گەزەر شەھەرلىرىنى ياساش ئۈچۈن ھاشارغا تۇتقان ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئىشلىرى مۇنداق‫‪:‬‬ ــ
16(مىسىرنىڭ پادىشاھى پىرەۋن چىقىپ گەزەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئېلىپ، ئۇنى ئوتتا كۆيدۈرۈپ، شەھەردە تۇرۇۋاتقان قانائانىيلارنى قىرىپ، شەھەرنى توي سوۋغىسى سۈپىتىدە سۇلايماننىڭ خوتۇنى بولغان ئۆز قىزىغا بەرگەنىدى)
17سۇلايمان گەزەر بىلەن تۆۋەنكى بەيت‫‪‎-‎‬‬ھوروننى بىنا قىلدى؛
18ئۇ بائالات بىلەن ئۆز زېمىنىدىكى چۆلگە جايلاشقان تادمورنىمۇ يېڭىدىن ياسىدى،
19شۇنداقلا ئۆزىگە خاس ھەممە ئامبار شەھەرلىرىنى، «جەڭ ھارۋىسى شەھەرلىرى»نى، «ئاتلىقلار شەھەرلىرى»نى ۋە يېرۇسالېمدا، لىۋاندا ۋە ئۆزى سورايدىغان بارلىق زېمىندا خالىغىنىنى بىنا قىلدى.

Read پادىشاھلار «1» 9پادىشاھلار «1» 9
Compare پادىشاھلار «1» 9:1-19پادىشاھلار «1» 9:1-19