Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پادىشاھلار «1» - پادىشاھلار «1» 22

پادىشاھلار «1» 22:31-40

Help us?
Click on verse(s) to share them!
31سۇرىيەنىڭ پادىشاھى جەڭ ھارۋىلىرى ئۈستىدىكى ئوتتۇز ئىككى سەردارغا‫‪:‬‬ ــ چوڭلىرى ياكى كىچىكلىرى بىلەن ئەمەس، پەقەت ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىلەن سوقۇشۇڭلار، دەپ بۇيرۇدى.
32ۋە شۇنداق بولدىكى، جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ سەردارلىرى يەھوشافاتنى كۆرگەندە‫‪:‬‬ ــ ئۇنى چوقۇم ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى دەپ، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغىلى بۇرۇلدى. لېكىن يەھوشافات پەرياد كۆتۈردى.
33جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ سەردارلىرى ئۇنىڭ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئەمەسلىكىنى كۆرگەندە ئۇنى قوغلىماي، بۇرۇلۇپ كېتىپ قېلىشتى.
34ئەمما بىرەيلەن قارىسىغىلا بىر ئوقيا ئېتىۋىدى، ئوق ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىنىڭ ساۋۇتىنىڭ مۈرىسىدىن تۆۋەنكى ئۇلىقىدىن ئۆتۈپ تەگدى. ئۇ ھارۋىكېشىگە‫‪:‬‬ ھارۋىنى ياندۇرۇپ مېنى سەپتىن چىقارغىن؛ چۈنكى مەن يارىدار بولدۇم، دېدى.
35ئۇ كۈنى جەڭ بارغانسېرى قاتتىق بولدى. پادىشاھ بولسا سۇرىيلەرنىڭ ئۇدۇلىدا ئۆز جەڭ ھارۋىسىغا يۆلىنىپ ئۆرە تۇردى. زەخمىدىن قېنى ھارۋىنىڭ تېگىگىچە ئېقىپ، كەچ كىرگەندە ئۇ ئۆلدى.
36كۈن پاتاردا قوشۇن ئارىسىدا بىر قاتتىق سادا ئاڭلىنىپ‫‪:‬‬ ــ ھەر ئادەم ئۆز شەھىرىگە يانسۇن! ھەربىرى ئۆز يۇرتىغا يېنىپ كەتسۇن! ــ دېيىلدى.
37پادىشاھ ئۆلدى، كىشىلەر ئۇنى سامارىيەگە ئېلىپ كەلدى؛ ئۇلار پادىشاھنى سامارىيەدە دەپنە قىلدى.
38بىرسى پادىشاھنىڭ ھارۋىسىنى سامارىيەنىڭ كۆلىدە يۇغاندا (بۇ كۆل پاھىشە ئاياللار يۇيۇنىدىغان جاي ئىدى)، پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، ئىتلار ئۇنىڭ قېنىنى يالىدى.
39ئاھابنىڭ باشقا ئىشلىرى، قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى، جۈملىدىن ئۇنىڭ ياسىغان «پىل چىش سارىيى» ۋە بىنا قىلغان ھەممە شەھەرلەر توغرۇلۇق «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ‫‪‎-‎‬‬تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟
40ئاھاب ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى. ئاندىن ئۇنىڭ ئوغلى ئاھازىيا ئورنىدا پادىشاھ بولدى.

Read پادىشاھلار «1» 22پادىشاھلار «1» 22
Compare پادىشاھلار «1» 22:31-40پادىشاھلار «1» 22:31-40