Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پادىشاھلار «1» - پادىشاھلار «1» 21

پادىشاھلار «1» 21:5-23

Help us?
Click on verse(s) to share them!
5خوتۇنى يىزەبەل ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ‫‪:‬‬ روھىي كەيپىياتىڭ نېمىشقا شۇنچە تۆۋەن، نېمىشقا نان يېمەيسەن؟ ــ دېدى.
6ئۇ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ مەن يىزرەئەللىك نابوتقا سۆز قىلىپ‫‪:‬‬ «ئۈزۈمزارلىقىڭنى ماڭا پۇلغا بەرسەڭ، ياكى لايىق كۆرسەڭ ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا ئۈزۈمزارلىق بېرەي» دېدىم. لېكىن ئۇ‫‪:‬‬ «ساڭا ئۈزۈمزارلىقىمنى بەرمەيمەن» دېدى، ــ دېدى.
7خوتۇنى يىزەبەل ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ سەن ھازىر ئىسرائىلنىڭ ئۈستىگە سەلتەنەت قىلغۇچى ئەمەسمۇ؟ قوپۇپ نان يەپ، كۆڭلۈڭنى خۇش قىلغىن؛ مەن ساڭا يىزرەئەللىك نابوتنىڭ ئۈزۈمزارلىقىنى ئېرىشتۈرىمەن، دېدى.
8ئاندىن ئۇ ئاھابنىڭ نامىدا بىر خەت يېزىپ، ئۈستىگە ئۇنىڭ مۆھۈرىنى بېسىپ، خەتنى نابوتنىڭ شەھىرىدە ئۇنىڭ بىلەن تۇرۇۋاتقان ئاقساقاللار ۋە مۆتىۋەرلەرگە ئەۋەتتى.
9خەتتە ئۇ مۇنداق يازغانىدى‫‪:‬‬ ــ «روزا تۇتۇش كېرەك دەپ بۇيرۇپ، خەلقنىڭ ئارىسىدا نابوتنى تۆردە ئولتۇرغۇزغىن؛
10ئىككى ئادەمنى، يەنى بېلىيالنىڭ بالىسىنى ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇلارنى نابوتنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلغۇزۇپ‫‪:‬‬ «سەن خۇداغا ۋە پادىشاھقا لەنەت ئوقۇدۇڭ» دەپ گۇۋاھلىق بەرگۈزۈڭلار. ئاندىن ئۇنى ئېلىپ چىقىپ چالما‫‪‎-‎‬‬كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈڭلار».
11شەھەرنىڭ ئادەملىرى، يەنى ئۇنىڭ شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان ئاقساقالار بىلەن مۆتىۋەرلەر يىزەبەلنىڭ ئۇلارغا ئەۋەتكەن خېتىدە پۈتۈلگەندەك قىلدى؛
12ئۇلار روزىنى بۇيرۇپ، خەلقنىڭ ئارىسىدا نابوتنى تۆردە ئولتۇرغۇزدى.
13ئاندىن ئۇ ئىككى ئادەم، يەنى بېلىيالنىڭ بالىلىرى خەلقنىڭ ئالدىدا نابوت ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ‫‪:‬‬ «نابوت خۇداغا ۋە پادىشاھقا دەشنەم قىلدى» دەپ گۇۋاھلىق بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار نابوتنى شەھەرنىڭ تاشقىرىغا سۆرەپ ئېلىپ چىقىپ، تاشلار بىلەن چالما‫‪‎-‎‬‬كېسەك قىلىپ ئۆلتۈردى.
14ئاندىن ئۇلار يىزەبەلگە ئادەم ئەۋەتىپ‫‪:‬‬ «نابوت چالما‫‪‎-‎‬‬كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈلدى» دەپ خەۋەر بەردى.
15يىزەبەل نابوتنىڭ چالما‫‪‎-‎‬‬كېسەك قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئاڭلىغاندا ئاھابقا‫‪:‬‬ قوپۇپ، يىزرەئەللىك نابوتنىڭ ساڭا پۇلغا بەرگىلى ئۇنىمىغان ئۈزۈمزارلىقىنى تاپشۇرۇپ ئالغىن؛ چۈنكى نابوت ھايات ئەمەس، بەلكى ئۆلدى، دېدى.
16شۇنداق بولدىكى، ئاھاب نابوتنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، يىزرەئەللىك نابوتنىڭ ئۈزۈمزارلىقىنى ئىگىلەش ئۈچۈن شۇ يەرگە باردى.
17لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى تىشبىلىق ئىلىياسقا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى‫‪:‬‬ ــ
18«قوپۇپ بېرىپ، سامارىيەدە ئولتۇرۇشلۇق ئىسرائىل پادىشاھى ئاھاب بىلەن ئۇچراشقىن؛ مانا ئۇ نابوتنىڭ ئۈزۈمزارلىقىدا تۇرىدۇ؛ چۈنكى ئۇنى ئىگىلىۋېلىش ئۈچۈن ئۇ يەرگە باردى.
19ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ «ئادەم ئۆلتۈردۈڭمۇ، يېرىنى ئىگىلىۋالدىڭمۇ؟» ــ دېگىن. ئاندىن ئۇنىڭغا يەنە سۆز قىلىپ‫‪:‬‬ ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ ــ «نابوتنىڭ قېنىنى ئىتلار يالىغان جايدا سېنىڭ قېنىڭنىمۇ ئىتلار يالايدۇ» ــ دېگىن».
20ئاھاب ئىلىياسقا‫‪:‬‬ ــ ئى دۈشمىنىم، مېنى تاپتىڭمۇ؟ ــ دېدى. ئۇ جاۋابەن مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ راست، مەن سېنى تاپتىم؛ چۈنكى سەن پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىللىك قىلىش ئۈچۈن ئۆزۈڭنى سېتىۋەتتىڭ.
21پەرۋەردىگار‫‪:‬‬ «مانا، مەن ئۈستۈڭگە بالا چۈشۈرۈپ نەسلىڭنى يوقىتىپ، سەن ئاھابنىڭ ئىسرائىلدا قالغان جەمەتىدىكى ھەممە ئەركەكنى، ھەتتا ئاجىز ياكى مېيىپ بولسۇن، ھەممىسىنى ئۈزۈپ يوقىتىمەن؛   
22ۋە سەن مېنىڭ غەزىپىمنى قوزغاپ ئىسرائىلنى گۇناھقا ئازدۇرغىنىڭ ئۈچۈن سېنىڭ جەمەتىڭنى نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ جەمەتى ۋە ئاخىياھنىڭ ئوغلى بائاشانىڭ جەمەتىگە ئوخشاش قىلىمەن» ــ دەيدۇ، ‫‪‎-‎‬‬ دېدى.
23ــ يىزەبەل توغرىسىدىمۇ پەرۋەردىگار سۆز قىلىپ‫‪:‬‬ «يىزرەئەلنىڭ سېپىلىنىڭ تېشىدا ئىتلار يىزەبەلنى يەيدۇ.

Read پادىشاھلار «1» 21پادىشاھلار «1» 21
Compare پادىشاھلار «1» 21:5-23پادىشاھلار «1» 21:5-23