Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پادىشاھلار «1» - پادىشاھلار «1» 18

پادىشاھلار «1» 18:13-29

Help us?
Click on verse(s) to share them!
13يىزەبەل پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئۆلتۈرگەندە مېنىڭ قانداق قىلغىنىم، يەنى مەن پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن يۈزنى ئەللىكتىن‫‪‎-‎‬‬ئەللىكتىن ئايرىم‫‪‎-‎‬‬ئايرىم ئىككى غارغا يوشۇرۇپ، ئۇلارنى نان ۋە سۇ بىلەن تەمىنلەپ باققانلىقىم سەن غوجامغا مەلۇم قىلىنغان ئەمەسمۇ؟
14ئەمدى سەن ھازىر ماڭا‫‪:‬‬ ــ «بېرىپ غوجاڭغا‫‪:‬‬ ــ مانا ئىلىياس كەلدى دېگىن»، ــ دېدىڭ. شۇنداق قىلسام ئۇ مېنى ئۆلتۈرىدۇ!».
15لېكىن ئىلىياس‫‪:‬‬ ــ مەن خىزمىتىدە تۇرۇۋاتقان ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن جەزمەن بۈگۈن ئۇنىڭ ئالدىدا ئايان بولىمەن، دېدى.
16شۇنىڭ بىلەن ئوبادىيا ئاھابنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا خەۋەر بەردى. ئاھاب ئىلىياس بىلەن كۆرۈشكىلى باردى.
17ئاھاب ئىلىياسنى كۆرگەندە ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ بۇ سەنمۇ، ئى ئىسرائىلغا بالا كەلتۈرگۈچى؟! ــ دېدى.
18ئۇ جاۋاب بېرىپ‫‪:‬‬ ــ ئىسرائىلغا بالا كەلتۈرگۈچى مەن ئەمەس، بەلكى سەن بىلەن ئاتاڭنىڭ جەمەتىدىكىلەر! چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىنى تاشلاپ بائال دېگەن بۇتلارغا تايىنىپ ئەگەشكەنسىلەر.
19ئەمدى ئادەم ئەۋەتىپ كارمەل تېغىدا پۈتكۈل ئىسرائىلنى يېنىمغا جەم قىل، شۇنداقلا يىزەبەلنىڭ داستىخىنىدىن غىزالىنىدىغان بائالنىڭ تۆت يۈز ئەللىك پەيغەمبىرى بىلەن ئاشەراھنىڭ تۆت يۈز پەيغەمبىرىنى يىغدۇر، ــ دېدى.
20شۇنىڭ بىلەن ئاھاب ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسىگە ئادەملەرنى ئەۋەتىپ، پەيغەمبەرلەرنى كارمەل تېغىغا يىغدۇردى.
21ئىلىياس بارلىق خەلققە يېقىن كېلىپ‫‪:‬‬ ــ قاچانغىچە ئىككى پىكىر ئارىسىدا ئارىسالدى تۇرىسىلەر؟ ئەگەر پەرۋەردىگار خۇدا بولسا، ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار؛ بائال خۇدا بولسا، ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار، دېدى. ئەمما خەلق ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمەي، ئۈن‫‪‎-‎‬‬تىن چىقارمىدى.
22ئىلىياس خەلققە‫‪:‬‬ ــ پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن پەقەت مەن يالغۇز قالدىم. ئەمما بائالنىڭ پەيغەمبەرلىرى تۆت يۈز ئەللىك كىشىدۇر.
23ئەمدى بىزگە ئىككى بۇقا بېرىلسۇن. ئۇلار ئۆزلىرىگە بىر بۇقىنى تاللاپ، سويۇپ پارچىلاپ ئوتۇننىڭ ئۈستىگە قويسۇن، ئەمما ئوت ياقمىسۇن. مەنمۇ باشقا بىر بۇقىنى تەييار قىلىپ ئوت ياقماي ئوتۇننىڭ ئۈستىگە قوياي.
24سىلەر بولساڭلار، ئۆز ئىلاھلىرىڭلارنىڭ نامىنى چاقىرىپ نىدا قىلىڭلار. مەن بولسام، پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى چاقىرىپ نىدا قىلىمەن. قايسى خۇدا ئوت بىلەن جاۋاب بەرسە، شۇ خۇدا بولسۇن، دېدى. ھەممە خەلق‫‪:‬‬ ــ بۇ ئوبدان گەپ، دەپ جاۋاب بەردى.
25ئىلىياس بائالنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە‫‪:‬‬ سىلەر كۆپ بولغاچ ئاۋۋال ئۆزۈڭلار ئۈچۈن بىر بۇقىنى تاللاپ تەييار قىلىڭلار؛ ئاندىن ھېچ ئوت ياقماي ئۆز ئىلاھىڭلارنىڭ نامىنى قىچقىرىپ نىدا قىلىڭلار، دېدى.
26ئۇلار ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە ئۆزلىرىگە بېرىلگەن بۇقىنى ئېلىپ ئۇنى تەييار قىلدى. ئەتىگەندىن چۈشكىچە ئۇلار بائالنىڭ نامىنى قىچقىرىپ‫‪:‬‬ ــ ئى بائال، بىزگە جاۋاب بەرگىن! دەپ نىدا قىلدى. لېكىن ھېچ ئاۋاز ياكى ھېچ جاۋاب بولمىدى. ئۇلار راسلانغان قۇربانگاھ چۆرىسىدە توختىماي سەكرەيتتى.
27چۈش كىرگەندە ئىلىياس ئۇلارنى زاڭلىق قىلىپ‫‪:‬‬ ــ ئۈنلۈكرەك قىچقىرىڭلار؛ چۈنكى ئۇ بىر ئىلاھ ئەمەسمۇ؟ بەلكىم ئۇ چوڭقۇر خىيالغا چۆمۈپ كەتكەندۇ، ياكى ئىش بىلەن چىقىپ كەتكەندۇ، ياكى بىر سەپەرگە چىقىپ كەتكەندۇ؟ ياكى بولمىسا ئۇ ئۇخلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، ئۇنى ئويغىتىشىڭلار كېرەك؟! ــ دېدى.
28ئۇلار تېخىمۇ ئۈنلۈك چاقىرىپ ئۆز قائىدىسى بويىچە قانغا مىلىنىپ كەتكۈچە ئۆزلىرىنى قىلىچ ۋە نەيزە بىلەن تىلاتتى.
29چۈشتىن كېيىن ئۇلار «بېشارەت بېرىۋاتقان» ھالەتكە چۈشۈپ كەچلىك قۇربانلىق ۋاقتىغىچە شۇ ھالەتتە تۇردى. لېكىن ھېچ ئاۋاز ئاڭلانمىدى، ياكى جاۋاب بەرگۈچى ياكى ئىجابەت قىلغۇچى مەلۇم بولمىدى.

Read پادىشاھلار «1» 18پادىشاھلار «1» 18
Compare پادىشاھلار «1» 18:13-29پادىشاھلار «1» 18:13-29