1پەرۋەردىگارنىڭ نېمە دەۋاتقىنىنى ھازىر ئاڭلاڭلار: ــ «ئورنۇڭدىن تۇر، تاغلار ئالدىدا دەۋايىڭنى بايان قىل، ئېگىزلىكلەرگە ئاۋازىڭنى ئاڭلاتقىن».
2«ئى تاغلار، ۋە سىلەر، يەر-زېمىننىڭ ئۆزگەرمەس ئۇللىرى، پەرۋەردىگارنىڭ دەۋاسىنى ئاڭلاڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقى بىلەن بىر دەۋاسى بار، ئۇ ئىسرائىل بىلەن مۇنازىلىشىپ ئەيىبىنى كۆرسەتمەكچى؛
3ئى خەلقىم، مەن ساڭا زادى نېمە قىلدىم؟ سېنى نېمە ئىشتا بىزار قىلىپتىمەن؟ مېنىڭ خاتالىقىم توغرۇلۇق گۇۋاھلىق بېرىشكىن!
4چۈنكى مەن سېنى مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىقاردىم، سېنى قۇللۇق ماكانىدىن ھۆرلۈككە قۇتقۇزدۇم؛ ئالدىڭدا يېتەكلەشكە مۇسا، ھارۇن ۋە مەريەملەرنى ئەۋەتتىم.
5ئى خەلقىم، پەرۋەردىگارنىڭ ھەققانىيلىقلىرىنى بىلىپ يېتىشىڭلار ئۈچۈن، موئاب پادىشاھى بالاكنىڭ قانداق نىيىتىنىڭ بارلىقىنى، بېئورنىڭ ئوغلى بالائامنىڭ ئۇنىڭغا قانداق جاۋاب بەرگەنلىكىنى، شىتتىمدىن گىلگالغىچە نېمە ئىشلار بولغانلىقىنى ھازىر ئېسىڭلارغا كەلتۈرۈڭلار.
6ــ مەن ئەمدى نېمىنى كۆتۈرۈپ پەرۋەردىگار ئالدىغا كېلىمەن؟ نېمەم بىلەن ھەممىدىن ئالىي بولغۇچى خۇدانىڭ ئالدىدا ئېگىلىمەن؟ ئۇنىڭ ئالدىغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى، بىر يىللىق موزايلارنى ئېلىپ كېلەمدىم؟
7پەرۋەردىگار مىڭلىغان قوچقارلاردىن، تۈمەنلىگەن زەيتۇن مېيى دەريالىرىدىن ھۇزۇر ئالامدۇ؟ ئىتائەتسىزلىكىم ئۈچۈن تۇنجى بالامنى، تېنىمنىڭ پۇشتىنى جېنىمنىڭ گۇناھىغا ئاتامدىمەن!؟
8ئى ئىنسان، ئۇ ساڭا نېمە ئىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى، بەرھەق، پەرۋەردىگار سەندىن نېمە تەلەپ قىلغانلىقىنى كۆرسەتتى ــ ئادالەتنى يۈرگۈزۈش، مېھرىبانلىقنى سۆيۈش، سېنىڭ خۇدايىڭ بىلەن بىللە كەمتەرلىك بىلەن مېڭىشتىن باشقا يەنە نېمە ئىشىڭ بولسۇن؟
9پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى شەھەرگە خىتاب قىلىپ چاقىرىدۇ؛ (پەم-دانالىق بولسا نامىڭغا ھۆرمەت بىلەن قارايدۇ!) ئەمدى ھۆكۈم پالىقىنى ۋە ئۇنى بېكىتكىنىنى ئاڭلاڭلار: ــ
10رەزىل ئادەمنىڭ ئۆيىدە رەزىللىكتىن ئالغان بايلىقلار يەنە بارمىدۇ؟ كەم ئۆلچەيدىغان يىرگىنچلىك ئۆلچەم يەنە بارمىدۇ؟
11بىئادىل تارازا بىلەن، بىر خالتا ساختا تارازا تاشلىرى بىلەن پاك بولالامدىم؟
12چۈنكى شەھەرنىڭ بايلىرى زوراۋانلىق بىلەن تولغان، ئۇنىڭ ئاھالىسى يالغان گەپ قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىكى تىلى ئالدامچىدۇر.
13شۇڭا مەن سېنى ئۇرۇپ كېسەل قىلىمەن، گۇناھلىرىڭ تۈپەيلىدىن سېنى خارابە قىلىمەن.
14يەيسەن، بىراق تويۇنمايسەن، ئوتتۇراڭدا ئاچ-بوشلۇق قالىدۇ، سەن مۈلكۈڭنى ئېلىپ يۆتكىمەكچى بولىسەن، بىراق ساقلىيالمايسەن؛ ساقلاپ قالدۇرغىنىڭ بولسىمۇ، ئۇنى قىلىچقا تاپشۇرىمەن.
15تېرىيسەن، بىراق ھوسۇل ئالمايسەن؛ زەيتۇنلارنى چەيلەيسەن، بىراق ئۆزۈڭنى مېيىنى سۈرتۈپ مەسىھ قىلالمايسەن، يېڭى شارابنى چەيلەپ چىقىرىسەن، بىراق شاراب ئىچەلمەيسەن.
16چۈنكى «ئومرىنىڭ بەلگىلىمىلىرى»نى، «ئاھابنىڭ جەمەتىدىكىلەر قىلغانلىرى»نى تۇتىسەن؛ سەن ئۇلارنىڭ نەسىھەتلىرىدە ماڭىسەن، شۇنىڭ بىلەن مەن سېنى خارابە، سەندە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئىسقىرتىش ئوبيېكتى قىلىمەن؛ سەن خەلقىمدىكى شەرمەندىچىلىكنى كۆتۈرىسەن.