Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - مىكاھ

مىكاھ 3

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1مەن مۇنداق دېدىم‫‪:‬‬ «ئاڭلاڭلار، ئى ياقۇپنىڭ ھاكىملىرى، ئىسرائىل جەمەتىنىڭ ئەمىرلىرى! ئادىل ھۆكۈمنى بىلىش سىلەرگە خاس ئەمەسمۇ؟
3ئى ياخشىلىقنى ئۆچ كۆرگۈچى، يامانلىقنى ياخشى كۆرگۈچىلەر ــ سىلەر ئۆز خەلقىمدىن تېرىسىنى، ئۇستىخانلىرىدىن گۆشىنى يۇلىدىغان، ئۇلارنىڭ گۆشىنى يەيدىغان، تېرىسى سويۇلغۇچە ئۈستىدىن ساۋايدىغان، ئۇستىخانلىرىنى چاقىدىغان، ئۇلارنى قازانغا تەييارلىغاندەك، داشقازاندىكى گۆشنى توغرىغاندەك توغرايسىلەر!
4بۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار پەرۋەردىگارغا نىدا قىلىدۇ، بىراق ئۇ ئۇلارنى ئاڭلىمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىكى ھەر تۈرلۈك قەبىھلىكى ئۈچۈن، ئۇ چاغدا ئۇ يۈزىنى ئۇلاردىن قاچۇرۇپ يوشۇرىدۇ!».
5پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى ئازدۇرغۇچى پەيغەمبەرلەر توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ ــ (ئۇلار چىشلىرى بىلەن چىشلەيدۇ، «ئامان‫‪‎-‎‬‬تىنچلىق!» دەپ ۋارقىرايدۇ، كىمەركىم ئۇلارنىڭ گېلىنى مايلىمىسا، شۇلارغا قارشى ئۇرۇش ھازىرلايدۇ!)  
6ــ شۇڭا سىلەرنى «ئالامەت كۆرۈنۈش»نى كۆرمەيدىغان بىر كېچە، پال سالغىلى بولمايدىغان قاراڭغۇلۇق باسىدۇ؛ پەيغەمبەرلەر ئۈچۈن قۇياش پاتىدۇ، كۈن ئۇلار ئۈستىدە قارا بولىدۇ؛
7«ئالامەت كۆرۈنۈشنى كۆرگۈچىلەر» شەرمەندە بولىدۇ، پالچىلار يەرگە قارىتىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى كالپۇكلىرىنى توسۇپ يۈرىدۇ؛ چۈنكى خۇدادىن ھېچ جاۋاب كەلمەيدۇ.
8بىراق مەن بەرھەق پەرۋەردىگارنىڭ روھىدىن كۈچكە تولغانمەن، ياقۇپقا ئۆزىنىڭ ئىتائەتسىزلىكىنى، ئىسرائىلغا ئۇنىڭ گۇناھىنى جاكارلاش ئۈچۈن، توغرا ھۆكۈملەرگە ھەم قۇدرەتكە تولغانمەن.
9بۇنى ئاڭلاڭلار، ئۆتۈنىمەن، ئى ياقۇپ جەمەتىنىڭ ھاكىملىرى، ئىسرائىل جەمەتىنىڭ ئەمىرلىرى! ئادىل ھۆكۈمگە ئۆچ بولغانلار، بارلىق ئادالەتنى بۇرمىلايدىغانلار،
10زىئوننى قان تۆكۈش بىلەن، يېرۇسالېمنى ھەققانىيەتسىزلىك بىلەن قۇرىدىغانلار!  
11زىئوننىڭ ھاكىملىرى پارىلار ئۈچۈن ھۆكۈم چىقىرىدۇ، كاھىنلار «ئىش ھەققى» ئۈچۈن تەلىم بېرىدۇ؛ «پەيغەمبەرلەر» پۇل ئۈچۈن پالچىلىق قىلىدۇ؛ بىراق ئۇلار «پەرۋەردىگارغا تايىنار»مىش تېخى، ۋە‫‪:‬‬ ــ «پەرۋەردىگار ئارىمىزدا ئەمەسمۇ؟ بىزگە ھېچ يامانلىق چۈشمەيدۇ» ــ دېيىشىدۇ.
12شۇڭا سىلەرنىڭ ۋەجەڭلاردىن زىئون تېغى ئېتىزدەك ئاغدۇرۇلىدۇ، يېرۇسالېم دۆڭ‫‪‎-‎‬‬تۆپىلىك بولۇپ قالىدۇ، «ئۆي جايلاشقان تاغ» بولسا ئورمانلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى جايلاردەكلا بولىدۇ، خالاس.