Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - مىكاھ

مىكاھ 2

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئورنىدا يېتىپ قەبىھلىكنى ئويلايدىغانلارغا ۋە يامانلىق ئەيلىگۈچىلەرگە ۋاي! پەقەت ئۇلارنىڭ قولىدىن كەلسىلا، ئۇلار تاڭ ئېتىشى بىلەنلا ئۇنى ئادا قىلىدۇ؛
2ئۇلارنىڭ ئاچكۆز كۆزى ئېتىزلارغا چۈشسىلا، ئۇلار زوراۋانلىق قىلىپ بۇلىۋالىدۇ؛ ئۆيلەرگىمۇ قىزىقىپلا قالسا، بۇلارنىمۇ ئېلىپ كېتىدۇ؛ ئۇلار باتۇر كىشىنىمۇ جەمەتى بىلەن بۇلايدۇ، ئادەمنى ئۆز مىراسلىرى بىلەن قوشۇپ چاڭگىلىغا كىرگۈزىۋالىدۇ.  
3شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ ــ مانا، مەن بۇ ئائىلىگە قاراپ، بويۇنلىرىڭلاردىن چىقىرالمايدىغان يامان بىر بويۇنتۇرۇرقنى ئويلاپ تەييارلىۋاتىمەن؛ سىلەر ئەمدى گىدىيىپ ماڭمايسىلەر؛ چۈنكى شۇ كۈنلەر يامان كۈنلەر بولىدۇ.
4شۇ كۈنى ئۇلار سىلەر توغراڭلاردا تەمسىلنى تىلغا ئېلىپ، ئېچىنىشلىق بىر زار بىلەن زارلايدۇ‫‪:‬‬ ــ «بىز پۈتۈنلەي بۇلاڭ‫‪‎-‎‬‬تالاڭ قىلىندۇق!؛ ئۇ خەلقىمنىڭ نېسىۋىسىنى باشقىلارغا بۆلۈۋەتتى؛ ئۇنى مەندىن شۇنچە دەھشەتلىك مەھرۇم قىلدى! ئۇ ئېتىزلىرىمىزنى مۇناپىققا تەقسىم قىلىپ بەردى!
5شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتى ئارىسىدىن، سىلەردە چەك تاشلاپ زېمىن ئۈستىگە تانا تارتىپ نېسىۋە بۆلگۈچىدىن بىرسىمۇ قالمايدۇ.
6ئۇلار‫‪:‬‬ «بېشارەت بەرمەڭلار!» ــ دەپ بېشارەت بېرىدۇ! ئەگەر پەيغەمبەرلەر بۇ ئىشلار توغرۇلۇق بېشارەت بەرمىسە، ئەمدى بۇ ئار‫‪‎-‎‬‬نومۇس بىزدىن ھەرگىز كەتمەيدۇ!  
7ئى ياقۇپ جەمەتى، «پەرۋەردىگارنىڭ روھى سەۋر‫‪‎-‎‬‬تاقەتسىزمۇ؟ بۇ ئىشلار راست ئۇنىڭ قىلغانلىرىمۇ؟» ــ دېگىلى بولامدۇ؟ مېنىڭ سۆزلىرىم دۇرۇس ماڭغۇچىغا ياخشىلىق كەلتۈرمەمدۇ؟
8بىراق تۈنۈگۈنلا مېنىڭ خەلقىم ھەتتا دۈشمەندەك ئورنىدىن قوزغالدى؛ سىلەر خاتىرجەملىكتە يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭ تونىنى ئىچ كىيىملىرى بىلەن سالدۇرۇۋالىسىلەركى، ئۇلارنى خۇددى ئۇرۇشتىن قايتقانلاردەك كىيىمسىز قالدۇرىسىلەر.
9خەلقىم ئارىسىدىكى ئاياللارنى ئۆزلىرىنىڭ ئىللىق ئۆيلىرىدىن قوغلايسىلەر؛ ئۇلارنىڭ ياش بالىلىرىنى سىلەر مېنىڭ گۈزەل گۆھىرىمدىن مەڭگۈگە مەھرۇم قىلىسىلەر.
10ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ نېرى كېتىڭلار؛ چۈنكى ھالاكەتنى، يەنى ئازابلىق بىر ھالاكەتنى كەلتۈرىدىغان ناپاكلىق تۈپەيلىدىن، بۇ يەر سىلەرگە تەۋە ئارامگاھ بولمايدۇ.
11ئەگەر بىھۇدىلىكتە، يالغانچىلىقتا يۈرگەن بىرسى يالغان گەپ قىلىپ‫‪:‬‬ ــ «مەن شاراب ۋە ھاراققا تايىنىپ سىلەرگە بېشارەت بېرىمەن» ــ دېسە، مانا، ئۇ شۇ خەلققە پەيغەمبەر بولۇپ قالىدۇ!
12مەن چوقۇم سېنى بىر پۈتۈن قىلىپ ئۇيۇشتۇرىمەن، ئى ياقۇپ؛ مەن چوقۇم ئىسرائىلنىڭ قالدىسىنى يىغىمەن؛ مەن ئۇلارنى بوزراھدىكى قويلاردەك، ئۆز يايلىقىدا يىغىلغان بىر پادىدەك جەم قىلىمەن؛ ئۇلار ئادىمىنىڭ كۆپلۈكىدىن ۋاراڭ‫‪‎-‎‬‬چۇرۇڭلۇققا تولىدۇ.
13بىر «بۆسۈپ ئۆتكۈچى» ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ ماڭىدۇ؛ ئۇلار بۆسۈپ چىقىپ، قوۋۇققا يېتىپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن چىقتى؛ ئۇلار بۆسۈپ چىقتى، يەنى قوۋۇققا يېتىپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن چىقتى؛ ئۇلارنىڭ پادىشاھى ئۇلارنىڭ ئالدىدا، پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ ماڭىدۇ.