Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - مىكاھ

مىكاھ 5

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئەمدى ئۆزۈڭلار قوشۇن‫‪‎-‎‬‬قوشۇن بولۇپ يىغىلىڭلار، ئى قوشۇن قىزى؛ چۈنكى بىرسى بىزنى مۇھاسىرىگە ئالدى؛ ئۇلار ئىسرائىلنىڭ ھاكىم‫‪‎-‎‬‬سوراقچىسىنىڭ مەڭزىگە ھاسا بىلەن ئۇرىدۇ؛
2(سەن، ئى بەيت‫‪‎-‎‬‬لەھەم‫‪‎-‎‬‬ئەفراتاھ، يەھۇدادىكى مىڭلىغان شەھەر‫‪‎-‎‬‬يېزىلار ئارىسىدا ئىنتايىن كىچىك بولغان بولساڭمۇ، سەندىن مەن ئۈچۈن ئىسرائىلغا ھاكىم بولغۇچى چىقىدۇ؛ ئۇنىڭ ھۇزۇرۇمدىن چىقىشلىرى قەدىمدىن، يەنى ئەزەلدىن بار ئىدى)  
3شۇڭا تولغاق تۇتقان ئايال تۇغۇپ بولغۇچە، ئۇ ئۇلارنى دۈشمەنلىرىگە تاشلاپ قويىدۇ؛ شۇ چاغدا ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى بولغان قالدىسى ئىسرائىللارنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىدۇ.
4ئۇ بولسا پەرۋەردىگارنىڭ كۈچى بىلەن، پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ نامىنىڭ ھەيۋىتىدە پادىسىنى بېقىشقا ئورنىدىن تۇرىدۇ؛ شۇنداق قىلىپ ئۇلار مەزمۇت تۇرۇپ قالىدۇ؛ چۈنكى ئۇ شۇ چاغدا يەر يۈزىنىڭ قەرىلىرىگىچە ئۇلۇغ دەپ بىلىنىدۇ.
5ۋە بۇ ئادەم ئارام‫‪‎-‎‬‬خاتىرجەملىكىمىز بولىدۇ؛ ئاسۇرىيەلىك زېمىنىمىزغا بۆسۈپ كىرگەندە، ئوردىلىرىمىزنى دەسسەپ چەيلىگەندە، بىز ئۇنىڭغا قارشى يەتتە خەلق پادىچىسىنى، سەككىز قابىلىيەتلىك يېتەكچىنى چىقىرىمىز؛
6ئۇلار ئاسۇرىيە زېمىنىنى قىلىچ بىلەن، نىمرودنىڭ زېمىنىنى ئۆتكەللىرىدە خارابە قىلىدۇ؛ ۋە ئاسۇرىيەلىك زېمىنىمىزغا بۆسۈپ كىرگەندە، چېگرىمىز ئىچىنى چەيلىگەندە، ئۇ ئادەم بىزنى ئۇنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدۇ.
7ۋە ياقۇپنىڭ قالدىسى نۇرغۇن خەلقلەر ئارىسىدا پەرۋەردىگاردىن چۈشكەن شەبنەمدەك بولىدۇ، چۆپ ئۈستىگە ياغقان يامغۇرلاردەك بولىدۇ؛ بۇلار ئىنسان ئۈچۈن كېچىكمەيدۇ، ئادەم بالىلىرىنىڭ ئەجرىنى كۈتۈپ تۇرمايدۇ.
8ياقۇپنىڭ قالدىسى ئەللەر ئارىسىدا، يەنى نۇرغۇن خەلقلەر ئارىسىدا ئورماندىكى ھايۋانلار ئارىسىدىكى شىردەك بولىدۇ، قوي پادىلىرى ئارىسىدىكى ئارسلاندەك بولىدۇ؛ شىر ئۆتكەندە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن، ھېچكىم قۇتقۇزۇپ ئالالمىغۇدەك چەيلەپ دەسسەيدۇ، تىتما‫‪‎-‎‬‬تىت قىلىپ يىرتىۋېتىدۇ.
9قولۇڭ كۈشەندىلىرىڭ ئۈستىگە كۆتۈرۈلىدۇ، بارلىق دۈشمەنلىرىڭ ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ.
10شۇ كۈنىدە شۇنداق بولىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، مەن ئاراڭلاردىن بارلىق ئاتلىرىڭنى ئۈزۈپ تاشلايمەن، جەڭ ھارۋىلىرىڭنى ھالاك قىلىمەن.  
11زېمىنىڭدىكى شەھەرلىرىڭنى يوقىتىمەن، بارلىق ئىستىھكاملىرىڭنى غۇلىتىمەن.
12سېھىرلەرنى قولۇڭدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن؛ سىلەردە پالچىلار بولمايدۇ.
13مەن ئويما مەبۇدلىرىڭنى، «بۇت تۈۋرۈك»لىرىڭلارنى ئوتتۇرۇڭدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن؛ سەن ئۆز قولۇڭنىڭ ياسىغىنىغا ئىككىنچى باش ئۇرمايسەن.
14ئاراڭدىن «ئاشېراھ»لىرىڭنى يۇلۇۋېتىمەن، ۋە شەھەرلىرىڭنى ھالاك قىلىمەن؛
15ۋە ماڭا قۇلاق سالمىغان ئەللەرنىڭ ئۈستىگە ئاچچىق ۋە دەرغەزەپ بىلەن ئىنتىقامنى يۈرگۈزىمەن.