Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ماتتا - ماتتا 13

ماتتا 13:3-9

Help us?
Click on verse(s) to share them!
3ئۇ ئۇلارغا تەمسىللەر بىلەن نۇرغۇن ھېكمەتلەرنى ئېيتىپ بىرىپ، مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ مانا، ئۇرۇق چاچقۇچى ئۇرۇق چاچقىلى ئېتىزغا چىقىپتۇ.
4ئۇرۇق چاچقاندا ئۇرۇقلاردىن بەزىلىرى چىغىر يول ئۈستىگە چۈشۈپتۇ، قۇشلار كېلىپ ئۇلارنى يەپ كېتىپتۇ.
5بەزىلىرى تېشى كۆپ، توپىسى ئاز يەرلەرگە چۈشۈپتۇ. تۇپرىقى چوڭقۇر بولمىغاچقا، تېزلا ئۈنۈپ چىقىپتۇ،
6لېكىن كۈن چىقىشى بىلەنلا ئاپتاپتا كۆيۈپ، يىلتىزى بولمىغاچقا قۇرۇپ كېتىپتۇ.
7بەزىلىرى تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چۈشۈپتۇ، تىكەنلەر ئۆسۈپ مايسىلارنى بوغۇۋاپتۇ.
8بەزىلىرى بولسا ياخشى تۇپراققا چۈشۈپتۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يۈز ھەسسە، بەزىلىرى ئاتمىش ھەسسە، يەنە بەزىلىرى ئوتتۇز ھەسسە ھوسۇل بېرىپتۇ.
9قۇلىقى بارلار بۇنى ئاڭلىسۇن!

Read ماتتا 13ماتتا 13
Compare ماتتا 13:3-9ماتتا 13:3-9