Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ماتتا

ماتتا 21

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئۇلار يېرۇسالېمغا يېقىنلىشىپ، زەيتۇن تېغىنىڭ ئېتىكىدىكى بەيت‫‪‎-‎‬‬فاگى يېزىسىغا كەلگىنىدە، ئەيسا ئىككى مۇخلىسىغا مۇنۇلارنى تاپىلاپ ئالدىن ئەۋەتتى‫‪:‬‬
2ــ سىلەر ئۇدۇلۇڭلاردىكى يېزىغا بېرىڭلار. بارساڭلارلا، باغلاقلىق بىر ئېشەك ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى بىر تەخەينى كۆرىسىلەر. ئۇلارنى يېشىپ ئالدىمغا يېتىلەپ كېلىڭلار.
3ئەگەر بىرسى سىلەرگە بىر نېمە دېسە، «رەبنىڭ بۇلارغا ھاجىتى چۈشتى» دەڭلار، ئۇ دەرھال ئۇلارنى قويۇپ بېرىدۇ.
4بۇ پۈتۈن ۋەقە پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتىلغان مۇنۇ سۆزلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بولدى‫‪:‬‬ ــ
5«زىئون قىزىغا ئېيتىڭلار‫‪:‬‬ ــ مانا، پادىشاھىڭ كېلىۋاتىدۇ، كەمتەر‫‪‎-‎‬‬مۆمىن بولۇپ، مىنىپ بىر ئېشەككە، بويۇنتۇرۇقلۇق ئېشەكنىڭ تەخىيىگە، كېلىۋاتىدۇ يېنىڭغا سېنىڭ».  
6ئەمدى ھېلىقى ئىككى مۇخلىس بېرىپ ئەيسانىڭ تاپىلىغىنىدەك قىلدى.
7ئېشەك بىلەن تەخەينى يېتىلەپ كېلىپ، ئۈستىگە يېپىنچا‫‪‎-‎‬‬چاپانلىرىنى سالدى ۋە ئۇ ئۈستىگە مىندى.  
8ئەمدى توپ‫‪‎-‎‬‬توپ كىشىلەر يېپىنچا‫‪‎-‎‬‬چاپانلىرىنى يولغا پايانداز قىلىپ سالدى؛ يەنە بىر قىسمى دەرەخ شاخلىرىنى كېسىپ يولغا ياياتتى.
9ئالدىدا ماڭغان ۋە كەينىدىن ئەگەشكەن توپ‫‪‎-‎‬‬توپ خالايىق‫‪:‬‬ ــ «داۋۇتنىڭ ئوغلىغا ھوساننا بولغاي! پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە مۇبارەك بولسۇن! ئەرشىئەلادا تەشەككۈر‫‪‎-‎‬‬ھوساننالار ئوقۇلسۇن!» ــ دەپ ۋارقىرىشاتتى.  
10ئۇ يېرۇسالېمغا كىرگەندە، پۈتكۈل شەھەر لەرزىگە كەلدى. كىشىلەر‫‪:‬‬ ــ بۇ زادى كىمدۇ؟ ــ دېيىشەتتى.
11خالايىق‫‪:‬‬ ــ بۇ گالىلىيە ئۆلكىسىدىكى ناسارەتلىك پەيغەمبەر ئەيسا، دەپ جاۋاب بېرىشەتتى.
12ئەمدى ئەيسا ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ، ئۇ يەردە ئېلىم‫‪‎-‎‬‬سېتىم قىلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى ھەيدەپ چىقاردى. پۇل تېگىشكۈچىلەرنىڭ شىرەلىرىنى ۋە پاختەك‫‪‎-‎‬‬كەپتەر ساتقۇچىلارنىڭ ئورۇندۇقلىرىنى ئۆرۈپ،   
13ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدانىڭ‫‪:‬‬ «مېنىڭ ئۆيۈم دۇئا‫‪‎-‎‬‬تىلاۋەتخانا دەپ ئاتىلىدۇ» دېگەن سۆزى پۈتۈلگەن؛ لېكىن سىلەر ئۇنى بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلاندۇرۇۋاپسىلەر! ــ دېدى.  
14ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا بولغاندا قارىغۇ ۋە توكۇرلار ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى، ئۇ ئۇلارنى ساقايتتى.
15لېكىن باش كاھىنلار بىلەن تەۋرات ئۇستازلىرى ئۇنىڭ ياراتقان مۆجىزىلىرىنى كۆرۈپ ۋە بالىلارنىڭ ئىبادەتخانىدا‫‪:‬‬ «داۋۇتنىڭ ئوغلىغا ھوساننا‫‪‎-‎‬‬تەشەككۈرلەر بولغاي!» دەپ توۋلىغىنىنى ئاڭلاپ غەزەپلەندى.
16ئۇلار ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ بۇ بالىلارنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاۋاتامسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ ئاڭلاۋاتىمەن! سىلەر مۇقەددەس يازمىلاردىن شۇنى ئوقۇپ باقمىغانكى، «ئۆزۈڭگە كىچىك بالىلار ۋە بوۋاقلارنىڭ تىللىرىدىن مەدھىيە سۆزلىرىنى مۇكەممەل قىلدىڭ»» دېدى.  
17ئاندىن ئۇ ئۇلاردىن ئايرىلىپ، شەھەردىن چىقىپ بەيت‫‪‎-‎‬‬ئانىيا يېزىسىغا بېرىپ، شۇ يەردە قوندى.
18ئەمدى سەھەردە، شەھەرگە قايتىپ كېتىۋاتقاندا، ئۇنىڭ قورسىقى ئاچقانىدى.

19ئۇ يول بويىدىكى بىر تۈپ ئەنجۈر دەرىخىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ يېنىغا باردى. لېكىن دەرەختىن يوپۇرماقتىن باشقا ھېچ نەرسە تاپالماي، ئۇنىڭغا قاراپ‫‪:‬‬ ــ ھازىردىن باشلاپ سەندىن مەڭگۈ مېۋە بولمىسۇن! ــ دېۋىدى، ئەنجۈر دەرىخى شۇئان قۇرۇپ كەتتى.  
20مۇخلىسلار بۇنى كۆرۈپ تەئەججۈپلىنىپ‫‪:‬‬ ــ ئەنجۈر دەرىخى نېمانچە تېزلا قۇرۇپ كەتتى! ــ دېدى.
21ئەيسا ئۇلارغا جاۋاب بەردى‫‪:‬‬ ــ مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئەگەر ھېچ گۇمان بولماي ئىشەنچىڭلار بار بولسا، ئەنجۈر دەرىخىدە بولغان ئىشلار بولۇپلا قالماي، بەلكى سىلەر ھەتتا بۇ تاغقا‫‪:‬‬ «بۇ يەردىن كۆتۈرۈلۈپ دېڭىزغا تاشلان!» دېسەڭلار، ئۇ شۇنداق بولىدۇ.
22دۇئا قىلىپ نېمىنى تىلىسەڭلار، ئىشەنچىڭلار بولسىلا، شۇلارغا ئېرىشىسىلەر.
23ئۇ ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرگەندىن كېيىن، كىشىلەرگە تەلىم بېرىۋاتقاندا، باش كاھىنلار ۋە ئاقساقاللار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ‫‪:‬‬ ــ سەن قىلىۋاتقان بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتىسەن؟ ساڭا بۇ ھوقۇقنى كىم بەرگەن؟ ــ دەپ سوراشتى.
24ئەيسا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ‫‪:‬‬ ــ مەن ئاۋۋال سىلەرگە بىر سوئال قوياي. ئەگەر سىلەر جاۋاب بەرسەڭلار، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتقانلىقىمنى ئېيتىمەن.
25يەھيا يۈرگۈزگەن چۆمۈلدۈرۈش نەدىن كەلگەن؟ ئەرشتىنمۇ، ياكى ئىنسانلاردىنمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇلار ئۆزئارا مۇلاھىزە قىلىشىپ‫‪:‬‬ ــ ئەگەر «ئەرشتىن كەلگەن» دېسەك، ئۇ بىزگە‫‪:‬‬ «ئۇنداقتا، سىلەر نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىشەنمىدىڭلار؟» دەيدۇ.
26ئەگەر‫‪:‬‬ «ئىنسانلاردىن كەلگەن» دېسەك، خەلقتىن قورقىمىز، چۈنكى ئۇلار ھەممىسى يەھيانى پەيغەمبەر دەپ بىلىدۇ ــ دېيىشتى.
27بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئەيساغا‫‪:‬‬ بىلمەيمىز، ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى. ــ ئۇنداقتا، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتقانلىقىمنى ئېيتمايمەن، ــ دېدى ئۇ ئۇلارغا.
28ئەمدى بۇ ئىشقا قانداق قارايسىلەر؟ بىر ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىكەن. ئۇ بىرىنچى ئوغلىنىڭ يېنىغا كېلىپ‫‪:‬‬ «ئوغلۇم، بۈگۈن ئۈزۈمزارلىقىمغا بېرىپ ئىشلىگىن» دەپتۇ.
29«بارمايمەن» دەپتۇ ئۇ، لېكىن كېيىن پۇشايمان قىلىپ يەنىلا بېرىپتۇ.
30ئۇ ئىككىنچى ئوغلىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغىمۇ شۇنداق دەپتۇ. ئۇ‫‪:‬‬ «خوپ ئەپەندىم، باراي» دەپتۇ‫‪‎-‎‬‬يۇ، لېكىن بارماپتۇ.
31بۇ ئىككىيلەننىڭ قايسىسى ئاتىسىنىڭ ئىرادىسىنى ئادا قىلغان بولىدۇ؟ ــ بىرىنچى ئوغلى، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار. ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، باجگىرلار بىلەن پاھىشىلەر خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا سىلەردىن بۇرۇن كىرمەكتە.
32چۈنكى گەرچە يەھيا پەيغەمبەر سىلەرگە ھەققانىيەت يولىنى ئايان قىلغىلى كەلگەن بولسىمۇ، سىلەر ئۇنىڭغا ئىشەنمىدىڭلار؛ لېكىن باجگىرلار بىلەن پاھىشىلەر ئۇنىڭغا ئىشەندى. سىلەر بۇنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ھەتتا كېيىنكى ۋاقىتلاردا يولۇڭلاردىن پۇشايمان قىلماي ئۇنىڭغا ئىشەنمىدىڭلار.  
33يەنە بىر تەمسىلنى ئاڭلاڭلار‫‪:‬‬ بىر يەر ئىگىسى بىر ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلىپ، ئەتراپىنى چىتلاپتۇ. ئۇ ئۇنىڭدا بىر شاراب كۆلچىكى قېزىپتۇ ۋە بىر كۆزەت مۇنارى ياساپتۇ. ئاندىن ئۇ ئۈزۈمزارلىقنى باغۋەنلەرگە ئىجارىگە بېرىپ، ئۆزى ياقا يۇرتقا كېتىپتۇ.
34ئۈزۈم پەسلى يېقىنلاشقاندا، ئۆزىگە تېگىشلىك ھوسۇلنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن قۇللىرىنى باغۋەنلەرنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپتۇ.
35لېكىن باغۋەنلەر قۇللىرىنى تۇتۇپ، بىرىنى دۇمبالاپتۇ، بىرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ، يەنە بىرىنى چالما‫‪‎-‎‬‬كېسەك قىلىپتۇ.
36ئۇ يەنە بىر قېتىم ئالدىنقىدىنمۇ كۆپ قۇللىرىنى ئەۋەتىپتۇ، بىراق باغۋەنلەر ئۇلارغىمۇ ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپتۇ.

37ئاخىردا، ئۇ «ئوغلۇمنىغۇ ھۆرمەت قىلار» دەپ، ئوغلىنى ئەۋەتىپتۇ.
38لېكىن باغۋەنلەر ئوغۇلنى كۆرۈپ، ئۆزئارا‫‪:‬‬ «بۇ بولسا مىراسخور؛ كېلىڭلار، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ مىراسىنى ئىگىلىۋالايلى» دېيىشىپتۇ.
39شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى تۇتۇپ ئۈزۈمزارلىقنىڭ سىرتىغا تاشلاپ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ.
40ئەمدى ئۈزۈمزارلىقنىڭ ئىگىسى كەلگەندە، شۇ باغۋەنلەرنى قانداق قىلار؟
41ئۇلار ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ بۇ رەزىل ئادەملەرنى ۋەھشىيلىك بىلەن يوقىتىدۇ. ئۈزۈمزارلىقنى بولسا مېۋىلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا ئۆزىگە تاپشۇرىدىغان باشقا باغۋەنلەرگە ئىجارىگە بېرىدۇ، ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى.
42ئەيسا ئۇلاردىن سورىدى‫‪:‬‬ ــ مۇقەددەس يازمىلاردىكى مۇنۇ سۆزلەرنى ئوقۇپ باقمىغانمۇسىلەر؟‫‪:‬‬ ــ «تامچىلار تاشلىۋەتكەن تاش بولسا، بۇرجەك تېشى بولۇپ تىكلەندى. بۇ ئىش پەرۋەردىگاردىندۇر، بۇ كۆزىمىز ئالدىدا كارامەت بىر ئىشتۇر».  
43شۇ سەۋەبتىن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەردىن تارتىۋېلىنىپ، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مېۋىلەرنى بېرىدىغان باشقا بىر ئەلگە ئاتا قىلىنىدۇ.
44بۇ «تاش»قا يىقىلغان كىشى پارە‫‪‎-‎‬‬پارە بولۇپ كېتىدۇ؛ لېكىن بۇ تاش ھەركىمنىڭ ئۈستىگە چۈشسە، ئۇنى كۇكۇم‫‪‎-‎‬‬تالقان قىلىۋېتىدۇ.  
45باش كاھىنلار ۋە پەرىسىيلەر ئۇنىڭ ئېيتقان تەمسىللىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنى ئۆزلىرىگە قارىتىپ ئېيتقانلىقىنى چۈشەندى.
46ئۇنى تۇتۇش يولىنى ئىزدىگەن بولسىمۇ، لېكىن خالايىق ئۇنى پەيغەمبەر دەپ قارىغاچقا، ئۇلاردىن قورقۇشتى.