1ــ چۈنكى ئەرش پادىشاھلىقى بىر يەر ئىگىسىگە ئوخشايدۇ. ئىگىسى ئۈزۈمزارلىقىدا ئىشلەشكە ئادەملەرنى ياللاش ئۈچۈن تاڭ سەھەردە سىرتقا چىقىپتۇ.
2ئۇ ئىشلەمچىلەر بىلەن كۈنلۈكى ئۈچۈن بىر كۈمۈش دىناردىن بېرىشكە كېلىشىپ، ئۇلارنى ئۈزۈمزارلىقىغا ئەۋەتىپتۇ.
3سائەت توققۇزلاردا ئۇ يەنە سىرتقا چىقىپ، بازاردا بىكار تۇرغان باشقا كىشىلەرنى كۆرۈپتۇ.
4ئۇلارغا: «سىلەرمۇ ئۈزۈمزارلىقىمغا بېرىڭلار، ھەققىڭلارغا تېگىشلىكىنى بېرىمەن» ــ دەپتۇ.
5ئۇلار ئۈزۈمزارلىققا بېرىپتۇ. چۈشتە ۋە سائەت ئۈچتىمۇ ئۇ يەنە چىقىپ يەنە شۇنداق قىلىپتۇ.
6لېكىن كەچقۇرۇن سائەت بەشلەردە چىققاندا ئۇ يەردە تۇرغان يەنە باشقىلارنى كۆرۈپ، ئۇلاردىن: «نېمە ئۈچۈن بۇ يەردە كۈن بويى بىكار تۇرىسىلەر؟» دەپ سوراپتۇ.
7ئۇلار: «بىزنى ھېچكىم ياللىمىدى» دەپ جاۋاب قايتۇرۇپتۇ. ئۇ ئۇلارغا: «ئۇنداقتا، سىلەرمۇ ئۈزۈمزارلىقىمغا بېرىپ ئىشلەڭلار» ــ دەپتۇ.
8كەچ بولغاندا، ئۈزۈمزارلىق ئىگىسى غوجىدارىغا: «ئىشلەمچىلەرنى چاقىرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا كەلگەنلەردىن باشلاپ ئەڭ ئاۋۋال كەلگەنلەرگىچە ھەممىسىنىڭ ئىش ھەققىنى بەر» دەپتۇ.
9ئاۋۋال كەچقۇرۇن سائەت بەشتە ئىشقا كەلگەنلەر كېلىپ، ھەربىرى بىر كۈمۈش دىناردىن ئېلىپتۇ.
10ئەڭ ئاۋۋال ياللاپ كېلىنگەنلەرنىڭ نۆۋىتى كەلگەندە، ئۇلار: تېخىمۇ كۆپ ئىش ھەققى ئالىمىزغۇ، دەپ ئويلىشىپتۇ؛ بىراق ئۇلارمۇ بىر كۈمۈش دىناردىن ئېلىپتۇ.
11ئۇلار ئىش ھەققىنى ئالغىنى بىلەن يەر ئىگىسىدىن ئاغرىنىپ:
12«بۇ ئاخىردا كەلگەنلەر پەقەت بىر سائەتلا ئىشلىدى، بىراق سىز ئۇلارنى كۈن بويى جاپالىق ۋە قاتتىق ئىسسىقنى چەككەن بىزلەر بىلەن باراۋەر ھېسابلىدىڭىزغۇ، دەپ غۇدۇرىشىپتۇ.
13لېكىن يەر ئىگىسى ئۇلارنىڭ بىرىگە جاۋاب قايتۇرۇپ: «بۇرادەر، ساڭا ناھەقلىق قىلغىنىم يوق! سەن بىلەن بىر كۈمۈش دىنارغا كېلىشمىگەنمىدۇق؟
14ھەققىڭنى ئېلىپ قايتىپ كەتكىن. بۇ ئاخىردا كەلگەنگىمۇ ساڭا ئوخشاش بەرگۈم بار.
15ئۆزۈمنىڭكىنى ئۆزۈم بىلگەنچە ئىشلىتىش ھوقۇقۇم يوقمۇ؟ سېخىي بولغانلىقىمغا كۆزۈڭ قىزىرىۋاتامدۇ؟
16شۇنداق قىلىپ «ئالدىدا تۇرغانلار ئارقىغا ئۆتىدۇ، ئارقىدا تۇرغانلار ئالدىغا ئۆتىدۇ»؛ چۈنكى چاقىرىلغانلار كۆپ، ئەمما تاللانغانلار ئاز بولىدۇ.
17ئەيسا يېرۇسالېمغا چىقىۋېتىپ، يولدا ئون ئىككى مۇخلىسىنى بىر چەتكە تارتىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
18ــ مانا بىز ھازىر يېرۇسالېمغا چىقىپ كېتىۋاتىمىز. ئىنسانئوغلى باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرىغا تاپشۇرۇلىدۇ. ئۇلار ئۇنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىدۇ
19ئاندىن ئۇنى مەسخىرە قىلىپ، قامچىلاپ ۋە كرېستلەشكە يات ئەللىكلەرگە تاپشۇرىدۇ. لېكىن ئۇ ئۈچىنچى كۈنى قايتا تىرىلىدۇ.
20شۇ چاغدا، زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئانىسى ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ، ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن بىر ئىشنى تەلەپ قىلماقچى بولۇپ سەجدە قىلدى.
21نېمە تەلىپىڭ بار؟ ــ دەپ سورىدى ئۇ. ئايال ئۇنىڭغا: ــ شۇنى ئەمر قىلغايسەنكى، سېنىڭ پادىشاھلىقىڭدا بۇ ئىككى ئوغلۇمدىن بىرى ئوڭ يېنىڭدا، بىرى سول يېنىڭدا ئولتۇرسۇن، ــ دېدى.
22ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن: ــ سىلەر نېمە تەلەپ قىلىۋاتقىنىڭلارنى بىلمەيۋاتىسىلەر. مەن ئىچىشكە تەمشەلگەن قەدەھنى ئىچەلەمسىلەر؟ ئىچەلەيمىز، ــ دېيىشتى ئۇلار.
23ئۇ ئۇلارغا: ــ سىلەر ھەقىقەتەنمۇ مېنىڭ قەدەھىمدىن ئورتاق ئىچىسىلەر. بىراق ئوڭ ياكى سول يېنىمدا ئولتۇرۇش نېسىۋىسى مېنىڭ ئىختىيارىمدا ئەمەس، بەلكى ئاتام كىملەرگە تەييارلىغان بولسا، شۇلارغا نېسىپ بولىدۇ.
24قالغان ئون مۇخلىس بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندا، ئىككى قېرىندىشىدىن خاپا بولدى.
25لېكىن ئەيسا ئۇلارنى يېنىغا چاقىرىپ، مۇنداق دېدى: ــ سىلەرگە مەلۇمكى، ئەللەردىكى ھۆكۈمرانلار قول ئاستىدىكىلەر ئۈستىدىن بۇيرۇقۋازلىق قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ، ۋە ئۇلارنىڭ ھوقۇقدارلىرى ئۇلارنى خوجايىنلارچە ئىدارە قىلىدۇ.
26بىراق سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا شۇنداق بولمىسۇن؛ بەلكى سىلەردىن كىم ئۈستۈن بولۇشنى خالىسا، سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلاردا بولسۇن؛
27ۋە كىم ئاراڭلاردىكىلەرنىڭ ئالدىنقىسى بولۇشنى خالىسا، سىلەرنىڭ قۇلۇڭلار بولسۇن.
28ئىنسانئوغلىمۇ دەرۋەقە شۇ يولدا كۆپچىلىك خىزمىتىمدە بولسۇن دېمەي، بەلكى كۆپچىلىكنىڭ خىزمىتىدە بولاي ۋە جېنىمنى پىدا قىلىش بەدىلىگە نۇرغۇن ئادەملەرنى ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرەي دەپ كەلدى.
29ئۇلار يېرىخو شەھىرىدىن چىققاندا، زور بىر توپ ئادەملەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى.
30ۋە مانا، يول بويىدا ئولتۇرغان ئىككى ئەما ئەيسانىڭ ئۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىنى ئاڭلاپ: ــ ئى رەب، داۋۇتنىڭ ئوغلى، بىزگە رەھىم قىلغايسەن، ــ دەپ توۋلىدى.
31كۆپچىلىك ئۇلارنى «ئۈن چىقارماڭلار!» دەپ ئەيىبلىدى. لېكىن، ئۇلار: ــ يا رەب، ئى داۋۇتنىڭ ئوغلى، بىزگە رەھىم قىلغايسەن! ــ دەپ تېخىمۇ قاتتىق توۋلىدى.
32ئەيسا قەدىمىنى توختىتىپ، ئۇلارنى چاقىرىپ: ــ سىلەر ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىپ بېرىشىمنى خالىسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى.
33يا رەب، كۆزلىرىمىز ئېچىلسۇن! ــ دېيىشتى ئۇلار.
34ئەيسا ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ، قولىنى ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە تەگكۈزىۋىدى، كۆزلىرى شۇئان ئەسلىگە كېلىپ كۆرىدىغان بولدى؛ ئۇلار دەرھال ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى.