Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ماتتا

ماتتا 3

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1شۇ چاغلاردا، چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا يەھۇدىيەدىكى چۆل‫‪‎-‎‬‬باياۋانغا كېلىپ  
2كىشىلەرگە‫‪:‬‬ ــ توۋا قىلىڭلار! چۈنكى ئەرش پادىشاھلىقى يېقىنلىشىپ قالدى! ــ دەپ جاكارلاشقا باشلىدى.
3چۈنكى چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا بولسا ئىلگىرى يەشايا پەيغەمبەر بېشارىتىدە كۆرسەتكەن كىشىنىڭ دەل ئۆزى بولۇپ‫‪:‬‬ ــ «باياۋاندا توۋلايدىغان بىر كىشىنىڭ‫‪:‬‬ رەبنىڭ يولىنى تەييارلاڭلار، ئۇنىڭ چىغىر يوللىرىنى تۈپتۈز قىلىڭلار! ــ دېگەن ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ».  
4يەھيا پەيغەمبەر تۆگە يۇڭىدىن قىلىنغان كىيىم كىيگەن، بېلىگە كۆن تاسما باغلىغانىدى. يەيدىغىنى بولسا چېكەتكىلەر بىلەن ياۋا ھەرە ھەسىلى ئىدى.
5ئەمدى يېرۇسالېم شەھىرى، پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسى ۋە پۈتكۈل ئىئوردان دەريا ۋادىسىنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىشىپ،
6گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىشتى ۋە ئۇنىڭ ئۆزلىرىنى ئىئوردان دەرياسىدا چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشتى.  
7لېكىن پەرىسىي ۋە سادۇقىي مەزھىپىدىكىلەردىن كۆپلىرىنىڭ ئۇنىڭ چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلغىلى كەلگەنلىكىنى كۆرگىنىدە ئۇ ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ ئەي يىلانلارنىڭ بالىلىرى! كىم سىلەرنى خۇدانىڭ چۈشۈش ئالدىدا تۇرغان غەزىپىدىن قېچىڭلار دەپ ئاگاھلاندۇردى؟!  
8ئەمدى توۋىغا لايىق مېۋىنى كەلتۈرۈڭلار!  
9ۋە ئۆز ئىچىڭلاردا‫‪:‬‬ «بىزنىڭ ئاتىمىز بولسا ئىبراھىمدۇر!» دەپ خىيال قىلىپ يۈرمەڭلار؛ چۈنكى مەن شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، خۇدا ئىبراھىمغا مۇشۇ تاشلاردىنمۇ پەرزەنتلەرنى ئاپىرىدە قىلالايدۇ.  
10پالتا ئاللىقاچان دەرەخلەرنىڭ يىلتىزىغا تەڭلەپ قويۇلدى؛ ياخشى مېۋە بەرمەيدىغان ھەرقايسى دەرەخلەر كېسىلىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ.   
11مەن دەرۋەقە سىلەرنى توۋا قىلىشىڭلار ئۈچۈن سۇغا چۆمۈلدۈرىمەن. لېكىن مەندىن كېيىن كەلگۈچى زات مەندىن قۇدرەتلىكتۇر. مەن ھەتتا ئۇنىڭ كەشىنى كۆتۈرۈشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن؛ ئۇ سىلەرنى مۇقەددەس روھقا ھەم ئوتقا چۆمۈلدۈرىدۇ.
12ئۇنىڭ سورۇغۇچى كۈرىكى قولىدا تۇرىدۇ؛ ئۇ ئۆز خامىنىنى توپا‫‪‎-‎‬‬ساماندىن تەلتۆكۈس تازىلايدۇ، ساپ بۇغداينى ئامبارغا يىغىدۇ، ئەمما توپا‫‪‎-‎‬‬ساماننى ئۆچمەس ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىدۇ، ــ دېدى.
13شۇ ۋاقىتتا، ئەيسا يەھيادىن چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن گالىلىيە ئۆلكىسىدىن ئىئوردان دەرياسى بويىغا، ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى.
14بىراق يەھيا چۆمۈلدۈرۈشكە ئۇنىماي ئۇنى توسۇپ‫‪:‬‬ ــ ئەسلى چۆمۈلدۈرۈلۈشنى مەن سەندىن قوبۇل قىلىشىم كېرەك ئىدى، بىراق سەن مېنىڭ ئالدىمغا كەپسەنغۇ؟ ــ دېدى.
15لېكىن ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ ھازىرچە شۇنىڭغا يول قويغىن؛ چۈنكى ھەققانىيلىقنىڭ بارلىق تەلەپلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، شۇنداق قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن، يەھيا ئۇنىڭغا يول قويدى.
16ۋە ئەيسا چۆمۈلدۈرۈلۈپ بولۇپلا، سۇدىن چىقتى؛ ئۇ سۇدىن چىقىشى بىلەن مانا، ئەرشلەر ئۇنىڭغا ئېچىلىپ، خۇدانىڭ روھى كەپتەر قىياپىتىدە ئەرشتىن چۈشۈپ، ئۈستىگە قونۇۋاتقانلىقىنى كۆردى.   
17ۋە مانا، ئەرشتىن بىر ئاۋاز‫‪:‬‬ ــ «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن ئۇنىڭدىن تولۇق خۇرسەنمەن!» ــ دەپ ئاڭلاندى.