Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ماتتا

ماتتا 7

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىپ يۈرمەڭلار. شۇنداقتا خۇدانىڭ ھۆكۈمىگە ئۇچرىمايسىلەر.
2چۈنكى سىلەر باشقىلار ئۈستىدىن قانداق باھا بىلەن ھۆكۈم قىلساڭلار، خۇدامۇ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن شۇنداق باھا بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ. سىلەر باشقىلارنى قانداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچىسەڭلار، خۇدامۇ سىلەرنى شۇنداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەيدۇ.  
3ئەمدى نېمە ئۈچۈن بۇرادىرىڭنىڭ كۆزىدىكى قىلنى كۆرۈپ، ئۆز كۆزۈڭدىكى لىمنى بايقىيالمايسەن؟!  
4سەن قانداقمۇ بۇرادىرىڭغا‫‪:‬‬ «قېنى، كۆزۈڭدىكى قىلنى ئېلىۋېتەي!» دېيەلەيسەن؟ چۈنكى مانا، ئۆزۈڭنىڭ كۆزىدە لىم تۇرىدۇ!؟
5ئەي ساختىپەز! ئاۋۋال ئۆزۈڭنىڭ كۆزىدىكى لىمنى ئېلىۋەت، ئاندىن ئېنىق كۆرۈپ، بۇرادىرىڭنىڭ كۆزىدىكى قىلنى ئېلىۋېتەلەيسەن.
6مۇقەددەس نەرسىنى ئىتلارغا بەرمەڭلار، ياكى ئۈنچە‫‪‎-‎‬‬مەرۋايىتلىرىڭلارنى توڭگۇزلارنىڭ ئالدىغا تاشلاپ قويماڭلار. بولمىسا، ئۇلار بۇلارنى پۇتلىرىدا دەسسەپ، ئاندىن بۇرۇلۇپ سىلەرنى تالايدۇ.
7تىلەڭلار، سىلەرگە ئاتا قىلىنىدۇ؛ ئىزدەڭلار، تاپىسىلەر؛ ئىشىكنى چېكىڭلار، ئېچىلىدۇ.
8چۈنكى ھەربىر تىلىگۈچى تىلىگىنىگە ئېرىشىدۇ؛ ئىزدىگۈچى ئىزدىگىنىنى تاپىدۇ؛ ئىشىكنى چەككۈچىلەرگە ئىشىك ئېچىلىدۇ.
9ئاراڭلاردا ئۆز ئوغلى نان تەلەپ قىلسا، ئۇنىڭغا تاش بېرىدىغانلار بارمۇ؟!
10ياكى بېلىق تەلەپ قىلسا، يىلان بېرىدىغانلار بارمۇ؟
11ئەمدى سىلەر رەزىل تۇرۇپمۇ ئۆز پەرزەنتلىرىڭلارغا ياخشى ئىلتىپاتلارنى بېرىشنى بىلگەن يەردە، ئەرشتىكى ئاتاڭلار ئۆزىدىن تىلىگەنلەرگە ياخشى نەرسىلەرنى تېخىمۇ ئىلتىپات قىلماسمۇ؟
12شۇڭا ھەر ئىشتا باشقىلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلساڭلار، سىلەرمۇ ئۇلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭلار؛ چۈنكى تەۋرات قانۇنى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تەلىماتلىرى مانا شۇدۇر.
13تار دەرۋازىدىن كىرىڭلار. چۈنكى كىشىنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان دەرۋازا كەڭ بولۇپ، يولى كەڭتاشا ۋە داغدامدۇر، ۋە ئۇنىڭدىن كىرىدىغانلار كۆپتۇر.
14بىراق ھاياتلىققا ئېلىپ بارىدىغان دەرۋازا تار، يولى قىستاڭ بولۇپ، ئۇنى تاپالايدىغانلارمۇ ئاز.
15ئالدىڭلارغا قوي تېرىسىگە ئورىنىۋېلىپ كەلگەن، ئىچى يىرتقۇچ چىلبۆرىدەك بولغان ساختا پەيغەمبەرلەردىن ھوشيار بولۇڭلار.
16سىلەر ئۇلارنى مېۋىلىرىدىن تونۇۋالالايسىلەر. تىكەندىن ئۈزۈملەر، قامغاقتىن ئەنجۈرلەر ئالغىلى بولامدۇ؟
17شۇنىڭغا ئوخشاش، ھەر ياخشى دەرەخ ياخشى مېۋە بېرىدۇ، پور دەرەخ ناچار مېۋە بېرىدۇ.
18ياخشى دەرەخ ناچار مېۋە بەرمەيدۇ، پور دەرەخ ياخشى مېۋە بەرمەيدۇ.

19ياخشى مېۋە بەرمەيدىغان ھەربىر دەرەخ كېسىلىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ.
20شۇنىڭدەك، مۇشۇنداق كىشىلەرنى مېۋىلىرىدىن تونۇۋالالايسىلەر.
21ماڭا «رەببىم، رەببىم» دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىلا ئەرش پادىشاھلىقىغا كىرەلمەيدۇ، بەلكى ئەرشتە تۇرغۇچى ئاتامنىڭ ئىرادىسىنى ئادا قىلغانلارلا كىرەلەيدۇ.
22شۇ كۈنىدە نۇرغۇن كىشىلەر ماڭا‫‪:‬‬ «رەببىم، رەببىم، بىز سېنىڭ نامىڭ بىلەن ۋەھىي‫‪‎-‎‬‬بېشارەتلەرنى يەتكۈزدۇق، سېنىڭ نامىڭ بىلەن جىنلارنى قوغلىدۇق ۋە نامىڭ بىلەن نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى كۆرسەتتۇق» دەيدۇ.   
23ھالبۇكى، ئۇ چاغدا مەن ئۇلارغا‫‪:‬‬ «سىلەرنى ئەزەلدىن تونۇمايمەن. كۆزۈمدىن يوقىلىڭلار، ئەي ئىتائەتسىزلەر!» دەپ ئېلان قىلىمەن.
24ئەمدى ھەربىرى بۇ سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ ئەمەل قىلغان بولسا، ئۇ ئۆز ئۆيىنى قورام تاش ئۈستىگە سالغان پەم‫‪‎-‎‬‬پاراسەتلىك كىشىگە ئوخشايدۇ.
25يامغۇر يىغىپ، كەلكۈن كېلىپ، بوران چىقىپ سوقسىمۇ، ئۇ ئۆي ئۆرۈلمىدى؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئۇلى قورام تاشنىڭ ئۈستىگە سېلىنغان.
26بىراق سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، ئەمەل قىلمايدىغان ھەربىرى ئۆيىنى قۇمنىڭ ئۈستىگە قۇرغان ئەخمەقكە ئوخشايدۇ.
27يامغۇر ياغقاندا، كەلكۈن كەلگەندە، بوران چىققاندا شۇ ئۆي ئۆرۈلۈپ كەتتى؛ ئۇنىڭ ئۆرۈلۈشى ئىنتايىن دەھشەتلىك بولدى!
28ۋە شۇنداق بولدىكى، ئەيسا بۇ سۆزلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، بۇ توپ‫‪‎-‎‬‬توپ خالايىق ئۇنىڭ تەلىملىرىگە ھەيرانۇھەس بولۇشتى.
29چۈنكى ئۇنىڭ تەلىملىرى تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭكىگە ئوخشىمايتتى، بەلكى تولىمۇ نوپۇزلۇق ئىدى.