Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ماتتا

ماتتا 17

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ۋە ئالتە كۈندىن كېيىن، ئەيسا پېترۇس، ياقۇپ ۋە ياقۇپنىڭ ئىنىسى يۇھاننانى ئايرىپ ئېلىپ، ئېگىز بىر تاغقا چىقتى.
2ئۇ يەردە ئۇنىڭ سىياقى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆزگىرىپ، يۈزى قۇياشتەك پارلىدى، كىيىملىرى نۇردەك ئاپئاق بولۇپ چاقنىدى.
3ۋە مانا، مۇخلىسلارغا مۇسا ۋە ئىلياس پەيغەمبەرلەر ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىۋاتقان ھالدا كۆرۈندى.
4شۇنىڭ بىلەن پېترۇس ئەيساغا‫‪:‬‬ ــ ئى رەب، بۇ يەردە بولغىنىمىز نېمىدېگەن ياخشى! خالىساڭ، بىرىنى ساڭا، بىرىنى مۇساغا، يەنە بىرىنى ئىلياسقا ئاتاپ بۇ يەرگە ئۈچ كەپە ياسايلى! ــ دېدى.
5ئۇنىڭ گېپى تۈگىمەيلا، مانا نۇرلۇق بىر بۇلۇت ئۇلارنى قاپلىۋالدى. مانا، بۇلۇتتىن‫‪:‬‬ «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇمدۇر، مەن ئۇنىڭدىن خۇرسەنمەن. ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار!» دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.
6مۇخلىسلار بۇنى ئاڭلاپ ئۆزلىرىنى يەرگە تاشلاپ دۈم يېتىپ ۋەھىمىگە چۈشتى.
7بىراق ئەيسا كېلىپ، ئۇلارغا قولىنى تەگكۈزۈپ‫‪:‬‬ قوپۇڭلار، قورقماڭلار، ــ دېدى.
8ئۇلار بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، ئەيسادىن باشقا ھېچكىمنى كۆرمىدى.
9تاغدىن چۈشۈۋېتىپ، ئەيسا ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ ئىنسانئوغلى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلمىگۈچە، بۇ ئالامەت كۆرۈنۈشنى ھېچكىمگە ئېيتماڭلار، ــ دەپ تاپىلىدى.
10ئاندىن مۇخلىسلىرى ئۇنىڭدىن‫‪:‬‬ ــ تەۋرات ئۇستازلىرى نېمە ئۈچۈن‫‪:‬‬ «ئىلياس پەيغەمبەر مەسىھ كېلىشتىن ئاۋۋال قايتىپ كېلىشى كېرەك» دېيىشىدۇ؟ ــ دەپ سوراشتى.
11ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ ئىلياس پەيغەمبەر دەرۋەقە مەسىھتىن ئاۋۋال كېلىدۇ، ھەممە ئىشنى ئورنىغا كەلتۈرىدۇ.
12ئەمما مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئىلياس ئاللىقاچان كەلدى، لېكىن كىشىلەر ئۇنى تونۇمىدى، بەلكى ئۇنىڭغا خالىغانچە مۇئامىلە قىلدى. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئىنسانئوغلىمۇ ئۇلارنىڭ قوللىرىدا ئازاب چېكىش ئالدىدا تۇرىدۇ، ــ دېدى.
13شۇ چاغدا مۇخلىسلار ئۇنىڭ چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا توغرىسىدا سۆزلەۋاتقانلىقىنى چۈشەندى.
14ئۇلار خالايىقنىڭ يېنىغا بارغىنىدا، بىر كىشى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، تىزلىنىپ‫‪:‬‬
15رەب، ئوغلۇمغا ئىچىڭنى ئاغرىتقايسەن! چۈنكى ئۇنىڭ تۇتقاقلىق كېسىلى بار بولغاچقا، زور ئازاب چېكىۋاتىدۇ؛ چۈنكى ئۇ دائىم ئوتنىڭ ياكى سۇنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ كېتىدۇ.
16ئۇنى مۇخلىسلىرىڭغا ئېلىپ كەلگەنىدىم، ساقايتالمىدى، ــ دېدى.
17ئەيسا جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ ئەي ئېتىقادسىز ۋە تەتۈر دەۋر، سىلەر بىلەن قاچانغىچە تۇراي؟! مەن سىلەرگە يەنە قاچانغىچە سەۋر قىلاي؟ ــ بالىنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار ــ دېدى.
18شۇنىڭ بىلەن ئەيسا جىنغا تەنبىھ بېرىۋىدى، جىن بالىدىن چىقىپ كەتتى، بالىمۇ شۇئان ساقايدى.

19كېيىن، ئەيسا ئايرىم قالغاندا، مۇخلىسلار ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ‫‪:‬‬ ــ بىز نېمە ئۈچۈن جىننى قوغلىۋېتەلمىدۇق؟ ــ دەپ سوراشتى.
20ئۇ ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ ئىشەنچىڭلار بولمىغانلىقى ئۈچۈن. مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، سىلەردە قىچا ئۇرۇقىدەك زەررىچە ئىشەنچ بولسىلا، سىلەر ئاۋۇ تاغقا‫‪:‬‬ «بۇ يەردىن ئۇ يەرگە كۆچ» دېسەڭلار، كۆچىدۇ؛ شۇنداقلا سىلەرگە مۇمكىن بولمايدىغان ھېچ ئىش بولمايدۇ.
21بىراق، بۇنداق جىنلارنى دۇئا قىلىش ۋە روزا تۇتۇش بىلەن بولمىسا ھەيدىگىلى بولمايدۇ ــ دېدى.
22ئۇلار گالىلىيە ئۆلكىسىدە ئايلىنىپ يۈرگىنىدە، ئەيسا ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ ئىنسانئوغلى ساتقۇنلۇقتىن ئىنسانلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ؛
23ئۇلار ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ، لېكىن ئۈچىنچى كۈنى ئۇ تىرىلىدۇ، ــ دېدى. بۇنى ئاڭلاپ مۇخلىسلار ئېغىر غەم‫‪‎-‎‬‬قايغۇغا چۆمۈپ كەتتى.
24ئاندىن ئۇلار كەپەرناھۇم شەھىرىگە كەلگىنىدە، ئىبادەتخانا «ئىككى دراقما» بېجىنى يىغقۇچىلار پېترۇسنىڭ يېنىغا كېلىپ‫‪:‬‬ ــ ئۇستازىڭلار «ئىككى دراقما»نى تۆلەمدۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
25تۆلەيدۇ، ــ دېدى پېترۇس. لېكىن ئۇ ئۆيگە كىرگىشىگىلا، تېخى بىر نېمە دېمەستىلا ئەيسا ئۇنىڭدىن‫‪:‬‬ ــ سىمون، سېنىڭچە بۇ دۇنيادىكى پادىشاھلار كىملەردىن باج ئالىدۇ؟ ئۆز پەرزەنتلىرىدىنمۇ، ياكى ياتلاردىنمۇ، ــ دەپ سورىدى.
26پېترۇس ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ياتلاردىن، ــ دېۋىدى، ئەيسا ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ئۇنداقتا، پەرزەنتلەر باجدىن خالىي بولىدۇ.
27بىراق باج يىغقۇچىلارغا پۇتلىكاشاڭ بولماسلىقىمىز ئۈچۈن، دېڭىزغا بېرىپ قارماقنى تاشلا. تۇتقان بىرىنچى بېلىقنى ئېلىپ، ئاغزىنى ئاچساڭ، تۆت دراقمىلىق بىر تەڭگە پۇل چىقىدۇ. ئۇنى ئېلىپ مەن ۋە سەن ئىككىمىزنىڭ بېجى ئۈچۈن ئۇلارغا بەر، ــ دېدى.