Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ماتتا

ماتتا 8

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئۇ تاغدىن چۈشكەندە، توپ‫‪‎-‎‬‬توپ كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى.
2ۋە مانا، ماخاۋ كېسىلى بار بولغان بىر كىشى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، بېشىنى يەرگە ئۇرۇپ تىزلىنىپ‫‪:‬‬ ــ تەقسىر، ئەگەر خالىسىڭىز، مېنى كېسىلىمدىن پاك قىلالايسىز! ــ دېدى.  
3ئەيسا ئۇنىڭغا قولىنى تەگكۈزۈپ تۇرۇپ‫‪:‬‬ ــ خالايمەن، پاك بولغىن! ــ دېۋىدى، بۇ ئادەمنىڭ ماخاۋ كېسىلى شۇئان پاك بولۇپ ساقايدى.
4ئەيسا ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ھازىر بۇ ئىشنى ھېچكىمگە ئېيتما، بەلكى ئۇدۇل بېرىپ كاھىنغا ئۆزۈڭنى كۆرسىتىپ، ئۇلاردا بىر گۇۋاھلىق بولۇش ئۈچۈن، مۇسا بۇ ئىشتا ئەمر قىلغان ھەدىيە‫‪‎-‎‬‬قۇربانلىقنى سۇنغىن، ــ دېدى.  
5ئۇ كەپەرناھۇم شەھىرىگە بارغاندا، رىملىق بىر يۈزبېشى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن يېلىنىپ‫‪:‬‬
6ــ تەقسىر، چاكىرىم پالەچ بولۇپ قېلىپ، بەك ئازابلىنىپ ئۆيدە ياتىدۇ، ــ دېدى.
7مەن بېرىپ ئۇنى ساقايتىپ قوياي، ــ دېدى ئەيسا.
8يۈزبېشى جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ تەقسىر، تورۇسۇمنىڭ ئاستىغا كىرىشىڭىزگە لايىق ئەمەسمەن. پەقەت بىر ئېغىزلا سۆز قىلىپ قويسىڭىز، چاكىرىم ساقىيىپ كېتىدۇ.
9چۈنكى مەنمۇ باشقا بىرسىنىڭ ھوقۇقى ئاستىدىكى ئادەممەن، مېنىڭ قول ئاستىمدا لەشكەرلىرىم بار. بىرىگە بار دېسەم بارىدۇ، بىرىگە كەل دېسەم، كېلىدۇ. قۇلۇمغا بۇ ئىشنى قىل دېسەم، ئۇ شۇ ئىشنى قىلىدۇ، ــ دېدى.
10ئەيسا بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، ھەيران بولدى. ئۆزى بىللە كەلگەنلەرگە‫‪:‬‬ ــ مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، بۇنداق ئىشەنچنى ھەتتا ئىسرائىللار ئارىسىدىمۇ تاپالمىغانىدىم.
11سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، نۇرغۇن كىشىلەر كۈنچىقىش ۋە كۈنپېتىشتىن كېلىپ، ئەرش پادىشاھلىقىدا ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرىدۇ.
12لېكىن بۇ پادىشاھلىقنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرى بولسا، سىرتتا قاراڭغۇلۇققا تاشلىنىپ، ئۇ يەردە يىغا‫‪‎-‎‬‬زارلار كۆتۈرىدۇ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ، ــ دېدى.   
13ئاندىن، ئەيسا يۈزبېشىغا‫‪:‬‬ ــ ئۆيۈڭگە قايت، ئىشەنگىنىڭدەك سەن ئۈچۈن شۇنداق قىلىنىدۇ، دېدى. ھېلىقى چاكارنىڭ كېسىلى شۇ پەيتتە ساقايتىلدى.
14ئەيسا پېترۇسنىڭ ئۆيىگە بارغاندا، پېترۇسنىڭ قېينئانىسىنىڭ قىزىپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغىنىنى كۆردى.
15ئۇ ئۇنىڭ قولىنى تۇتىۋىدى، ئۇنىڭ قىزىتمىسى ياندى. ئايال دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەيسانى كۈتۈشكە باشلىدى.
16كەچ كىرگەندە، كىشىلەر جىن چاپلاشقان نۇرغۇن ئادەملەرنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ئۇ بىر ئېغىز سۆز بىلەنلا جىنلارنى ھەيدىۋەتتى ۋە بارلىق كېسەللەرنى ساقايتتى.
17بۇنىڭ بىلەن، يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن‫‪:‬‬ «ئۇ ئۆزى ئاغرىق‫‪‎-‎‬‬سىلاقلىرىمىزنى كۆتۈردى، كېسەللىرىمىزنى ئۈستىگە ئالدى» دېگەن سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.
18ئەيسا ئۆزىنى ئورىۋالغان توپ‫‪‎-‎‬‬توپ كىشىلەرنى كۆرۈپ، مۇخلىسلىرىغا دېڭىزنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتۈپ كېتىشنى ئەمر قىلدى.

19شۇ چاغدا، تەۋرات ئۇستازلىرىدىن بىرى كېلىپ، ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ئۇستاز، سەن قەيەرگە بارساڭ، مەنمۇ ساڭا ئەگىشىپ شۇ يەرگە بارىمەن، ــ دېدى.
20ئەيسا ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ تۈلكىلەرنىڭ ئۆڭكۈرلىرى، ئاسماندىكى قۇشلارنىڭ ئۇۋىلىرى بار؛ بىراق ئىنسانئوغلىنىڭ بېشىنى قويغۇدەك يېرىمۇ يوق، ــ دېدى.
21مۇخلىسلىرىدىن يەنە بىرى ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ رەب، مېنىڭ ئاۋۋال بېرىپ ئاتامنى يەرلىككە قويۇشۇمغا ئىجازەت بەرگەيسەن، ــ دېدى.
22بىراق ئەيسا ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ماڭا ئەگەشكىن، ۋە ئۆلۈكلەر ئۆز ئۆلۈكلىرىنى يەرلىككە قويسۇن، ــ دېدى.  
23ئۇ كېمىگە چۈشتى، مۇخلىسلىرىمۇ چۈشۈپ بىللە ماڭدى.
24ۋە مانا، دېڭىز ئۈستىدە قاتتىق بوران چىقىپ كەتتى؛ شۇنىڭ بىلەن دولقۇنلار كېمىدىن ھالقىپ كېمىنى غەرق قىلىۋېتەي دەپ قالدى. لېكىن ئۇ ئۇخلاۋاتاتتى.
25مۇخلىسلار كېلىپ ئۇنى ئويغىتىپ‫‪:‬‬ ــ ئى ئۇستاز، بىزنى قۇتۇلدۇرغايسەن! بىز ھالاكەت ئالدىدا تۇرىمىز ــ دېدى.
26ــ نېمىشقا قورقىسىلەر، ئى ئىشەنچى ئاجىزلار! ــ دېدى ئۇ ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ، بوران‫‪‎-‎‬‬چاپقۇنغا ۋە دېڭىزغا تەنبىھ بېرىۋىدى، ھەممىسى بىردىنلا تىنچىدى.
27مۇخلىسلار ئىنتايىن ھەيران بولۇپ، بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىگە‫‪:‬‬ ــ بۇ زادى قانداق ئادەمدۇ؟ ھەتتا بوران‫‪‎-‎‬‬چاپقۇنلار ۋە دېڭىزمۇ ئۇنىڭغا بويسۇنىدىكەن‫‪‎-‎‬‬ھە! ــ دەپ كېتىشتى.
28ئەيسا دېڭىزنىڭ ئۇ قېتىدىكى گادارالىقلارنىڭ يۇرتىغا بارغىنىدا، جىن چاپلاشقان ئىككى كىشى گۆرلىرىدىن چىقىپ ئۇنىڭغا ئالدىغا كەلدى. ئۇلار شۇنچە ۋەھشىي ئىدىكى، ھېچكىم بۇ يەردىن ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلالمايتتى.   
29ئۇنى كۆرگەندە ئۇلار‫‪:‬‬ ــ ئى خۇدانىڭ ئوغلى، سېنىڭ بىز بىلەن نېمە كارىڭ! سەن ۋاقىت‫‪‎-‎‬‬سائىتى كەلمەيلا بىزنى قىينىغىلى كەلدىڭمۇ؟ ــ دەپ توۋلىدى.
30شۇ يەردىن خېلى يىراقتا چوڭ بىر توپ توڭگۇز پادىسى ئوتلاپ يۈرەتتى.
31جىنلار ئەمدى ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ئەگەر سەن بىزنى قوغلىۋەتمەكچى بولساڭ، بىزنى توڭگۇز پادىسى ئىچىگە كىرگۈزۈۋەتكەيسەن، ــ دەپ يالۋۇرۇشتى.
32ئۇ ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ چىقىڭلار! ــ دېۋىدى، جىنلار چىقىپ، توڭگۇزلارنىڭ تېنىگە كىرىۋالدى. مانا، پۈتكۈل توڭگۇز پادىسى تىك ياردىن ئېتىلىپ چۈشۈپ، سۇلاردا غەرق بولدى.
33لېكىن توڭگۇز باققۇچىلار بەدەر قېچىپ، شەھەرگە كىرىپ، بۇ ئىشنىڭ باش‫‪‎-‎‬‬ئاخىرىنى، جۈملىدىن جىن چاپلاشقان كىشىلەرنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى خالايىققا ئېيتىپ بېرىشتى.
34ۋە مانا، پۈتۈن شەھەردىكىلەر ئەيسا بىلەن كۆرۈشكىلى چىقتى. ئۇلار ئۇنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ ئۆزلىرىنىڭ شۇ رايونىدىن ئايرىلىپ كېتىشىنى ئۆتۈندى.