Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ماتتا

ماتتا 6

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ھېزى بولۇڭلاركى، خەير‫‪‎-‎‬‬ساخاۋەتلىك ئىشلىرىڭلارنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا كۆز‫‪‎-‎‬‬كۆز قىلماڭلار. بۇنداق قىلساڭلار، ئەرشتىكى ئاتاڭلارنىڭ ئىنئامىغا ئېرىشەلمەيسىلەر.
2شۇڭا خەير‫‪‎-‎‬‬ساخاۋەت قىلغىنىڭدا، داۋراڭ سالما. ساختىپەزلەرلا سىناگوگلاردا ۋە كوچىلاردا ئادەملەرنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ. مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئۇلار كۆزلىگەن ئىنئامىغا ئېرىشكەن بولىدۇ.  
3لېكىن سەن، خەير‫‪‎-‎‬‬ساخاۋەت قىلغىنىڭدا ئوڭ قولۇڭنىڭ نېمە قىلىۋاتقىنىنى سول قولۇڭ بىلمىسۇن.
4شۇنىڭ بىلەن خەير‫‪‎-‎‬‬ساخاۋىتىڭ يوشۇرۇن بولىدۇ ۋە يوشۇرۇن ئىشلارنى كۆرگۈچى ئاتاڭ ساڭا بۇنى قايتۇرىدۇ.
5دۇئا قىلغان ۋاقتىڭدا، ساختىپەزلەردەك بولما؛ چۈنكى ئۇلار باشقىلارغا كۆز‫‪‎-‎‬‬كۆز قىلىش ئۈچۈن سىناگوگلار ياكى تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرۇۋېلىپ دۇئا قىلىشقا ئامراقتۇر. مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئۇلار كۆزلىگەن ئىنئامىغا ئېرىشكەن بولىدۇ.
6لېكىن سەن بولساڭ، دۇئا قىلغان ۋاقتىڭدا، ئىچكىرى ئۆيگە كىرىپ، ئىشىكنى يېپىپ، يوشۇرۇن تۇرغۇچى ئاتاڭغا دۇئا قىلىڭلار؛ ۋە يوشۇرۇن كۆرگۈچى ئاتاڭ بۇنى ساڭا قايتۇرىدۇ.
7دۇئا‫‪‎-‎‬‬تىلاۋەت قىلغاندا، بۇتپەرەس يات ئەللىكلەردىكىدەك قۇرۇق گەپلەرنى تەكرارلاۋەرمەڭلار. چۈنكى ئۇلار دېگەنلىرىمىز كۆپ بولسا خۇدا تىلىگىنىمىزنى چوقۇم ئىجابەت قىلىدۇ، دەپ ئويلايدۇ.
8شۇڭا، سىلەر ئۇلارنى دورىماڭلار. چۈنكى ئاتاڭلار سىلەرنىڭ ئېھتىياجىڭلارنى سىلەر تىلىمەستىن بۇرۇنلا بىلىدۇ.
9شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇنداق دۇئا قىلىڭلار‫‪:‬‬ ــ «ئى ئاسمانلاردا تۇرغۇچى ئاتىمىز، سېنىڭ نامىڭ مۇقەددەس دەپ ئۇلۇغلانغاي.
10پادىشاھلىقىڭ كەلگەي، ئىرادەڭ ئەرشتە ئادا قىلىنغاندەك يەر يۈزىدىمۇ ئادا قىلىنغاي.
11بۈگۈنكى نېنىمىزنى بۈگۈن بىزگە بەرگەيسەن.
12بىزگە قەرزدار بولغانلارنى كەچۈرگىنىمىزدەك، سەنمۇ قەرزلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن.
13بىزنى ئازدۇرۇلۇشلارغا ئۇچراتقۇزمىغايسەن، بەلكى بىزنى رەزىل بولغۇچىدىن قۇتۇلدۇرغايسەن».  
14چۈنكى سىلەر باشقىلارنىڭ گۇناھ‫‪‎-‎‬‬سەۋەنلىكلىرىنى كەچۈرسەڭلار، ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ سىلەرنى كەچۈرىدۇ.
15بىراق باشقىلارنىڭ گۇناھ‫‪‎-‎‬‬سەۋەنلىكلىرىنى كەچۈرمىسەڭلەر، ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ گۇناھ‫‪‎-‎‬‬سەۋەنلىكلىرىڭلارنى كەچۈرمەيدۇ.
16روزا تۇتقان ۋاقتىڭلاردا، ساختىپەزلەردەك تاتىراڭغۇ قىياپەتكە كىرىۋالماڭلار. ئۇلار روزا تۇتقىنىنى كۆز‫‪‎-‎‬‬كۆز قىلىش ئۈچۈن چىرايلىرىنى سولغۇن قىياپەتتە كۆرسىتىدۇ. مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئۇلار كۆزلىگەن ئىنئامىغا ئېرىشكەن بولىدۇ.
17ئەمدى سەن، روزا تۇتقىنىڭدا، چاچلىرىڭنى مايلاپ، يۈزۈڭنى يۇيۇپ يۈر.
18شۇ چاغدا، روزا تۇتقىنىڭ ئىنسانلارغا ئەمەس، بەلكى پەقەت يوشۇرۇن تۇرغۇچى ئاتاڭغىلا كۆرۈنىدۇ؛ ۋە يوشۇرۇن كۆرگۈچى ئاتاڭ ئۇنى ساڭا قايتۇرىدۇ.

19يەر يۈزىدە ئۆزۈڭلارغا بايلىقلارنى توپلىماڭلار. چۈنكى بۇ يەردە يا كۈيە يەپ كېتىدۇ، يا دات باسىدۇ ياكى ئوغرىلار تام تېشىپ ئوغرىلاپ كېتىدۇ.
20ئەكسىچە، ئەرشتە ئۆزۈڭلارغا بايلىقلار توپلاڭلار. ئۇ يەردە كۈيە يېمەيدۇ، دات باسمايدۇ، ئوغرىمۇ تام تېشىپ ئوغرىلىمايدۇ.
21چۈنكى بايلىقىڭ قەيەردە بولسا، قەلبىڭمۇ شۇ يەردە بولىدۇ.
22تەننىڭ چىرىغى كۆزدۇر. شۇڭا ئەگەر كۆزۈڭ ساپ بولسا، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ يورۇتۇلىدۇ.   
23لېكىن ئەگەر كۆزۈڭ يامان بولسا پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ قاراڭغۇ بولىدۇ. ئەگەر ۋۇجۇدۇڭدىكى «يورۇقلۇق» ئەمەلىيەتتە قاراڭغۇلۇق بولسا، ئۇ قاراڭغۇلۇق نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق‫‪‎-‎‬‬ھە!
24ھېچكىم بىرلا ۋاقىتتا ئىككى خوجايىننىڭ قۇللۇقىدا بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ ياكى بۇنى يامان كۆرۈپ، ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ؛ ياكى بۇنىڭغا باغلىنىپ، ئۇنىڭغا ئېتىبارسىز قارايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرنىڭ ھەم خۇدانىڭ، ھەم مال‫‪‎-‎‬‬دۇنيانىڭ قۇللۇقىدا بولۇشۇڭلار مۇمكىن ئەمەس.  
25شۇڭا مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ھاياتىڭلارغا كېرەكلىك يېمەك‫‪‎-‎‬‬ئىچمەك ياكى ئۇچاڭلارغا كىيىدىغان كىيىم‫‪‎-‎‬‬كېچەكنىڭ غېمىنى قىلماڭلار. ھاياتلىق ئوزۇقتىن، تەن كىيىم‫‪‎-‎‬‬كېچەكتىن ئەزىز ئەمەسمۇ؟
26ئاسماندىكى ئۇچار‫‪‎-‎‬‬قاناتلارغا قاراڭلار! ئۇلار تېرىمايدۇ، ئورمايدۇ، ئامبارلارغا يىغمايدۇ، لېكىن ئەرشتىكى ئاتاڭلار ئۇلارنىمۇ ئوزۇقلاندۇرىدۇ. سىلەر ئاشۇ قۇشلاردىن كۆپ ئەزىز ئەمەسمۇ؟
27ئاراڭلاردا قايسىڭلار غەم‫‪‎-‎‬‬قايغۇ بىلەن ئۆمرۈڭلارنى بىرەر سائەت ئۇزارتالايسىلەر؟
28سىلەرنىڭ كىيىم‫‪‎-‎‬‬كېچەكنىڭ غېمىنى قىلىشىڭلارنىڭ نېمە ھاجىتى؟! دالادىكى نېلۇپەرلەرنىڭ قانداق ئۆسىدىغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار! ئۇلار ئەمگەكمۇ قىلمايدۇ، چاق ئېگىرمەيدۇ؛
29لېكىن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، ھەتتا سۇلايمان تولۇق شان‫‪‎-‎‬‬شەرەپتە تۇرغاندىمۇ ئۇنىڭ كىيىنىشى نىلۇپەرلەرنىڭ بىر گۈلىچىلىكمۇ يوق ئىدى.
30ئەمدى خۇدا دالادىكى بۈگۈن ئېچىلسا، ئەتىسى قۇرۇپ ئوچاققا سېلىنىدىغان ئاشۇ گۈل‫‪‎-‎‬‬گىياھلارنى شۇنچە بېزىگەن يەردە، سىلەرنى تېخىمۇ كىيىندۈرمەسمۇ، ئەي ئىشەنچى ئاجىزلار!
31شۇڭا «نېمە يەيمىز»، «نېمە ئىچىمىز»، «نېمە كىيىمىز؟» دەپ غەم قىلماڭلار.
32چۈنكى يات ئەلدىكىلەر مانا شۇنداق ھەممە نەرسىگە ئىنتىلىدۇ، ئەمما ئەرشتىكى ئاتاڭلار سىلەرنىڭ بۇ ھەممە نەرسىلەرگە موھتاجلىقىڭلارنى بىلىدۇ؛
33شۇنداق ئىكەن، ھەممىدىن ئاۋۋال خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ۋە ھەققانىيلىقىغا ئىنتىلىڭلار. ئۇ چاغدا، بۇلارنىڭ ھەممىسى سىلەرگە قوشۇلۇپ نېسىپ بولىدۇ.
34شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەتىنىڭ غېمىنى قىلماڭلار. ئەتىنىڭ غېمى ئەتىگە قالسۇن. ھەر كۈننىڭ دەردى شۇ كۈنگە تۇشلۇق بولىدۇ.