Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ماتتا

ماتتا 22

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئەيسا ئۇلارغا يەنە تەمسىللەر بىلەن مۇنداق دېدى‫‪:‬‬
2ئەرش پادىشاھلىقى خۇددى ئۆز ئوغلى ئۈچۈن توي زىياپىتىنى تەييارلىغان بىر پادىشاھقا ئوخشايدۇ.
3ئۇ چاكارلىرىنى توي زىياپىتىگە تەكلىپ قىلىنغانلارنى چاقىرىشقا ئەۋەتىپتۇ، لېكىن ئۇلار كېلىشكە ئۇنىماپتۇ.
4ئۇ يەنە باشقا چاكارلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا تاپىلاپ‫‪:‬‬ «چاقىرىلغانلارغا‫‪:‬‬ ــ مانا، مەن زىياپىتىمنى تەييار قىلدىم؛ مېنىڭ تورپاقلىرىم، بورداق ماللىرىم سويۇلدى، ھەممە نەرسە تەييار. زىياپەتكە مەرھەمەت قىلغاي، دەيدۇ، دەپ ئېيتىڭلار، ــ دەپتۇ.
5بىراق ئۇلار تەكلىپىنى ئېتىبارغا ئالماي، بىرسى ئېتىزلىقىغا كەتسە، يەنە بىرى سودىسىغا كېتىپتۇ.
6قالغانلىرى بولسا پادىشاھنىڭ چاكارلىرىنى تۇتۇۋېلىپ، خورلاپ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ.
7پادىشاھ بۇنى ئاڭلاپ قاتتىق غەزەپلىنىپ، ئەسكەرلىرىنى چىقىرىپ، ئۇ قاتىللارنى يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ شەھىرىگە ئوت قويۇۋېتىپتۇ.
8ئاندىن ئۇ چاكارلىرىغا‫‪:‬‬ «توي زىياپىتى تەييار بولدى، لېكىن چاقىرىلغانلار مېھمانلىققا مۇناسىپ كەلمىدى.
9ئەمدى سىلەر ئاچا يوللارغا بېرىپ، ئۇدۇل كەلگەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى توي زىياپىتىگە تەكلىپ قىلىڭلار» دەپتۇ.
10بۇنىڭ بىلەن چاكارلار يوللارغا چىقىپ، ياخشى بولسۇن، يامان بولسۇن، ئۇدۇل كەلگەنلىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ ئەكەپتۇ. توي سورۇنى مېھمانلار بىلەن لىق تولۇپتۇ.
11پادىشاھ مېھمانلار بىلەن كۆرۈشكىلى كىرگەندە، ئۇ يەردە زىياپەت كىيىمى كىيمىگەن بىر كىشىنى كۆرۈپتۇ.
12پادىشاھ ئۇنىڭدىن‫‪:‬‬ «بۇرادەر، زىياپەت كىيىمى كىيمەي، بۇ يەرگە قانداق كىردىڭ؟» دەپ سوراپتۇ، بىراق ئۇ كىشى جاۋاب بېرەلمەي قاپتۇ.
13پادىشاھ چاكارلىرىغا‫‪:‬‬ «ئۇنى پۇت‫‪‎-‎‬‬قوللىرىدىن باغلاپ، تېشىدىكى قاراڭغۇلۇققا ئاچىقىپ تاشلاڭلار! ئۇ يەردە يىغا‫‪‎-‎‬‬زارلار كۆتۈرۈلىدۇ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ» دەپتۇ.
14چۈنكى چاقىرىلغانلار كۆپ، لېكىن تاللانغانلار ئازدۇر.
15بۇنىڭ بىلەن پەرىسىيلەر ئۇ يەردىن چىقىپ، قانداق قىلىپ ئۇنى ئۆز سۆزى بىلەن تۇزاققا چۈشۈرۈش ھەققىدە مەسلىھەتلەشتى.
16ئۇلار مۇخلىسلىرىنى ھېرودنىڭ تەرەپدارلىرى بىلەن بىللە ئۇنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپ‫‪:‬‬ ــ ئۇستاز، سىلىنى سەمىمىي ئادەم، كىشىلەرگە خۇدانىڭ يولىنى سادىقلىق بىلەن ئۆگىتىپ كېلىۋاتىدۇ ۋە ئادەملەرگە قەتئىي يۈز‫‪‎-‎‬‬خاتىرە قىلماي ھېچكىمگە يان باسمايدۇ، دەپ بىلىمىز.
17قېنى، قانداق ئويلايلا؟ رىم ئىمپېراتورى قەيسەرگە باج‫‪‎-‎‬‬سېلىق تاپشۇرۇش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ‫‪‎-‎‬‬يوق؟ ــ دېيىشتى.
18لېكىن ئەيسا ئۇلارنىڭ رەزىل نىيىتىنى بىلىپ‫‪:‬‬ ــ ئەي ساختىپەزلەر، مېنى نېمىشقا سىنىماقچىسىلەر؟

19قېنى، باجغا تاپشۇرۇلىدىغان بىر تەڭگە ماڭا كۆرسىتىڭلار، ــ دېدى. ئۇلار بىر دىنار پۇلىنى ئەكەلدى.
20ئۇ ئۇلاردىن‫‪:‬‬ ــ بۇنىڭ ئۈستىدىكى سۈرەت ۋە نام‫‪‎-‎‬‬ئىسىم كىمنىڭ؟ ــ دەپ سورىدى.
21قەيسەرنىڭ، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار. ئۇ ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ ئۇنداق بولسا، قەيسەرنىڭ ھەققىنى قەيسەرگە، خۇدانىڭ ھەققىنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار، ــ دېدى.  
22ئۇلار بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، ھەيران بولۇپ قېلىشتى‫‪‎-‎‬‬دە، ئۇنىڭ يېنىدىن كېتىپ قالدى.
23شۇ كۈنى، «ئۆلگەنلەر تىرىلمەيدۇ» دەيدىغان سادۇقىيلار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ قىستاپ سوئال قويدى‫‪:‬‬  
24ــ ئۇستاز، مۇسا پەيغەمبەر تەۋراتتا‫‪:‬‬ «بىر كىشى پەرزەنتسىز ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ ئاكا ياكى ئىنىسى تۇل يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئېلىپ، قېرىندىشى ئۈچۈن نەسىل قالدۇرۇشى لازىم» دەپ تاپىلىغان.   
25بۇرۇن ئارىمىزدا يەتتە ئاكا‫‪‎-‎‬‬ئۇكا بار ئىدى. چوڭى ئۆيلەنگەندىن كېيىن ئۆلۈپ كەتتى. پەرزەنت كۆرمىگەنلىكتىن، ئايالىنى ئىككىنچى قېرىندىشىنىڭ ئەمرىگە قالدۇردى.
26بىراق ئىككىنچىسىدىكى ئەھۋالمۇ ئۇنىڭكىگە ئوخشاش بولدى، ئاندىن بۇ ئىش ئۈچىنچىسىدە تاكى يەتتىنچى قېرىنداشقىچە ئوخشاش داۋاملاشتى.
27ئاخىردا، ئۇ ئايالمۇ ئۆلۈپ كەتتى.
28ئەمدى تىرىلىش كۈنىدە بۇ ئايال يەتتە ئاكا‫‪‎-‎‬‬ئۇكىنىڭ قايسىسىنىڭ ئايالى بولىدۇ؟ چۈنكى ئۇنى ھەممىسى ئەمرىگە ئالغان‫‪‎-‎‬‬دە!
29ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى‫‪:‬‬ ــ سىلەر نە مۇقەددەس يازمىلارنى نە خۇدانىڭ قۇدرىتىنى بىلمىگەنلىكىڭلار ئۈچۈن ئازغانسىلەر.
30چۈنكى ئۆلۈمدىن تىرىلگەندە ئىنسانلار ئۆيلەنمەيدۇ، ئەرگە تەگمەيدۇ، بەلكى خۇدانىڭ ئەرشتىكى پەرىشتىلىرىگە ئوخشاش بولىدۇ.
31ئەمدى ئۆلۈمدىن تىرىلىش مەسىلىسى ھەققىدە خۇدانىڭ سىلەرگە ئېيتقان‫‪:‬‬
32«مەن ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارنىڭ خۇداسىدۇرمەن!» دېگەن شۇ سۆزىنى ئوقۇمىدىڭلارمۇ؟ خۇدا ئۆلۈكلەرنىڭ ئەمەس، بەلكى تىرىكلەرنىڭ خۇداسىدۇر!».  
33بۇ سۆزنى ئاڭلىغان خەلق ئۇنىڭ تەلىمىدىن ھەيرانۇھەس قېلىشتى.
34پەرىسىيلەر ئۇنىڭ سادۇقىيلارنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلىغانلىقىنى ئاڭلاپ، بىر يەرگە جەم بولۇشتى.
35ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر تەۋرات‫‪‎-‎‬‬قانۇن ئۇستازى ئۇنى سىناش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن‫‪:‬‬
36ــ ئۇستاز، تەۋرات قانۇنىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەمر قايسى؟ ــ دەپ قىستاپ سورىدى.

37ئۇ ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ «پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ، پۈتۈن زېھنىڭ بىلەن سۆيگىن»   
38ــ ئەڭ ئۇلۇغ، بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئەمر مانا شۇ.
39ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئىككىنچى ئەمر بولسا «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي».   
40پۈتۈن تەۋرات قانۇنى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرى بۇ ئىككى ئەمرگە ئېسىلغان ھالدا ماڭىدۇ.
41پەرىسىيلەر جەم بولۇپ تۇرغان ۋاقىتتا، ئەيسا ئۇلاردىن‫‪:‬‬
42ــ مەسىھ توغرىسىدا قانداق ئويلاۋاتىسىلەر؟ ئۇ كىمنىڭ ئوغلى؟ ــ دەپ سورىدى. داۋۇتنىڭ ئوغلى، ــ دېيىشتى ئۇلار.
43ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن زەبۇردا داۋۇت مەسىھنى روھتا «رەببىم» دەپ ئاتاپ، ــ
44«پەرۋەردىگار مېنىڭ رەببىمگە ئېيتتىكى‫‪:‬‬ ــ «مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى ئايىغىڭ ئاستىدا دەسسەتكۈچە، ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرغىن!» ــ دەيدۇ؟  
45داۋۇت مەسىھنى شۇنداق «رەببىم» دەپ ئاتىغان تۇرسا، ئەمدى مەسىھ قانداقمۇ داۋۇتنىڭ ئوغلى بولىدۇ؟
46ۋە ھېچكىم ئۇنىڭغا جاۋابەن بىر ئېغىزمۇ سۆز قايتۇرالمىدى؛ شۇ كۈندىن ئېتىبارەن، ھېچكىم ئۇنىڭدىن سوئال سوراشقىمۇ پېتىنالمىدى.