Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ماتتا

ماتتا 11

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئەيسا ئون ئىككى مۇخلىسىغا بۇ ئىشلارنى تاپىلاپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىمۇ شۇ يەردىكى ھەرقايسى شەھەرلەردە تەلىم بېرىش ۋە خۇدانىڭ كالامىنى جاكارلاش ئۈچۈن ئۇ يەردىن كەتتى.
2زىندانغا سولانغان يەھيا پەيغەمبەر مەسىھنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنى ئاڭلاپ، مۇخلىسلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇلار ئارقىلىق ئەيسادىن‫‪:‬‬
3«كېلىشى مۇقەررەر زات ئۆزۈڭمۇ، ياكى باشقا بىرسىنى كۈتۈشىمىز كېرەكمۇ؟» ــ دەپ سورىدى.
4ئەيسا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ يەھيانىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ، ئۆز ئاڭلاۋاتقانلىرىڭلارنى ۋە كۆرۈۋاتقانلىرىڭلارنى بايان قىلىپ ــ
5كورلار كۆرەلەيدىغان ۋە توكۇرلار ماڭالايدىغان بولدى، ماخاۋ كېسىلى بولغانلار ساقايتىلدى، گاسلار ئاڭلىيالايدىغان بولدى، ئۆلگەنلەرمۇ تىرىلدۈرۈلدى ۋە كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر جاكارلاندى» ــ دەپ ئېيتىڭلار.
6ۋە ئۇنىڭغا يەنە‫‪:‬‬ «مەندىن گۇمانلانماي پۇتلىشىپ كەتمىگەن كىشى بولسا بەختلىكتۇر!» دەپ قويۇڭلار، ــ دېدى.
7ئۇلار كەتكەندە، ئەيسا توپ‫‪‎-‎‬‬توپ ئادەملەرگە يەھيا توغرۇلۇق سۆزلەشكە باشلىدى‫‪:‬‬ ــ «سىلەر ئەسلى يەھيانى ئىزدەپ چۆلگە بارغىنىڭلاردا، زادى نېمىنى كۆرگىلى باردىڭلار؟ شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرغان قومۇشنىمۇ؟
8ياكى ئېسىل كىيىنگەن بىر ئەربابنىمۇ؟ مانا، ئېسىل كىيىملەرنى كىيگەنلەر خان ئوردىلىرىدىن تېپىلىدۇغۇ!
9ئەمدى سىلەر نېمە كۆرگىلى باردىڭلار؟ بىر پەيغەمبەرنىمۇ؟ دۇرۇس، ئەمما مەن شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، بۇ بولسا پەيغەمبەردىنمۇ ئۈستۈن بىر بولغۇچىدۇر.
10چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردىكى‫‪:‬‬ ــ «مانا، يۈز ئالدىڭغا ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن؛ ئۇ سېنىڭ ئالدىڭدا يولۇڭنى تەييارلايدۇ» ــ دەپ پۈتۈلگەن سۆز دەل ئۇنىڭ توغرىسىدا پۈتۈلگەندۇر.   
11مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئاياللاردىن تۇغۇلغانلار ئارىسىدا چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيادىنمۇ ئۇلۇغى تۇرغۇزۇلغىنى يوق؛ ئەمما ئەرش پادىشاھلىقىدىكى ئەڭ كىچىك بولغىنىمۇ ئۇنىڭدىن ئۇلۇغ تۇرىدۇ.
12ئەمما چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا ئوتتۇرىغا چىققان كۈنلەردىن بۈگۈنكى كۈنگىچە، ئەرش پادىشاھلىقىغا كىرىش يولى شىددەت بىلەن ئېچىلدى ۋە كىشىلەر ئۇنى شىددەت بىلەن تۇتۇۋالىدۇ.   
13چۈنكى بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ بېشارەت بېرىش خىزمىتى، شۇنداقلا تەۋراتتىكى يازمىلار ئارقىلىق بېشارەت يەتكۈزۈلۈش خىزمىتى يەھيا بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
14ۋە ئەگەر شۇ سۆزنى قوبۇل قىلالىساڭلار، «قايتىپ كېلىشى مۇقەررەر بولغان ئىلياس پەيغەمبەر» بولسا، يەھيانىڭ ئۆزىدۇر.   
15ئاڭلىغۇدەك قۇلىقى بارلار بۇنى ئاڭلىسۇن!
16لېكىن بۇ دەۋردىكى كىشىلەرنى زادى كىملەرگە ئوخشىتاي؟ ئۇلار خۇددى رەستە‫‪‎-‎‬‬بازارلاردا ئولتۇرۋېلىپ، بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىگە‫‪:‬‬
17«بىز سىلەرگە سۇناي چېلىپ بەرسەكمۇ، ئۇسسۇل ئوينىمىدىڭلار»، «ماتەم پەدىسىگە چېلىپ بەرسەكمۇ، يىغا‫‪‎-‎‬‬زار قىلمىدىڭلار» دەپ قاقشايدىغان تۇتۇرۇقسىز بالىلارغا ئوخشايدۇ.
18چۈنكى يەھيا كېلىپ زىياپەتتە ئولتۇرمايتتى، شاراب ئىچمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار‫‪:‬‬ «ئۇنىڭغا جىن چاپلىشىپتۇ» دېيىشىدۇ.   

19ئىنسانئوغلى بولسا كېلىپ ھەم يەيدۇ ھەم ئىچىدۇ ۋە مانا، ئۇلار‫‪:‬‬ «تازا بىر تويماس ۋە بىر مەيخور ئىكەن. ئۇ باجگىرلار ۋە گۇناھكارلارنىڭ دوستى» دېيىشىدۇ. لېكىن دانالىق بولسا ئۆز پەرزەنتلىرى ئارقىلىق دۇرۇس دەپ تونۇلىدۇ».
20ئاندىن ئۇ ئۆزى كۆپ مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكەن شەھەرلەردە تۇرۇۋاتقانلارنى توۋا قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلەپ، مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ
21ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي قورازىنلىقلار! ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي بەيت‫‪‎-‎‬‬سائىدالىقلار! چۈنكى سىلەردە كۆرسىتىلگەن مۆجىزىلەر تۇر ۋە زىدون شەھەرلىرىدە كۆرسىتىلگەن بولسا، ئۇ يەرلەردىكىلەر خېلى بۇرۇنلا بۆز كىيىمىگە يۆگىنىپ، كۈلگە مىلىنىپ توۋا قىلغان بولاتتى.   
22مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، قىيامەت كۈنىدە تۇر ۋە زىدوندىكىلەرنىڭ كۆرىدىغىنى سىلەرنىڭكىدىن يېنىك بولىدۇ.
23ئەي ئەرشكە كۆتۈرۈلگەن كەپەرناھۇملۇقلار! سىلەر تەھتىساراغا چۈشۈرۈلىسىلەر. چۈنكى ئاراڭلاردا يارىتىلغان مۆجىزىلەر سودومدا يارىتىلغان بولسا، ئۇ شەھەر بۈگۈنگىچە ھالاك بولمىغان بولاتتى.
24ئەمما مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، قىيامەت كۈنىدە سودوم زېمىنىدىكىلەرنىڭ كۆرىدىغىنى سىلەرنىڭكىدىنمۇ يېنىك بولىدۇ.
25شۇ ۋاقىتلاردا، ئەيسا بۇ ئىشلارغا قاراپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ ئاسمان‫‪‎-‎‬‬زېمىن ئىگىسى ئى ئاتا! سەن بۇ ھەقىقەتلەرنى دانىشمەن ۋە ئەقىللىقلاردىن يوشۇرۇپ، سەبىي بالىلارغا ئاشكارىلىغانلىقىڭ ئۈچۈن ساڭا مەدھىيىلەر ئوقۇيمەن!
26بەرھەق، ئى ئاتا، نەزىرىڭدە بۇنداق قىلىش راۋا ئىدى.
27ھەممە ماڭا ئاتامدىن تەقدىم قىلىندى؛ ئوغۇلنى ئاتىدىن باشقا ھېچكىم تونۇمايدۇ، ۋە ئاتىنىمۇ ئوغۇل ۋە ئوغۇل ئاشكارىلاشنى لايىق كۆرگەن كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم تونۇمايدۇ.
28ئەي جاپاكەشلەر ۋە ئېغىر يۈك يۈكلەنگەن ھەممىڭلار! مېنىڭ يېنىمغا كېلىڭلار، مەن سىلەرگە ئاراملىق بېرەي.
29مېنىڭ بويۇنتۇرۇقۇمنى كىيىپ، مەندىن ئۆگىنىڭلار؛ چۈنكى مەن مۆمىن ۋە كەمتەرمەن؛ شۇنداق قىلغاندا، كۆڭلۈڭلار ئارام تاپىدۇ.
30چۈنكى مېنىڭ بويۇنتۇرۇقۇمدا بولۇش ئاسان، مېنىڭ ئارتىدىغان يۈكۈم يېنىكتۇر.