1ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، مۇخلىسلىرىغا:
2ــ سىلەرگە مەلۇمكى، ئىككى كۈندىن كېيىن «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى» بولىدۇ، شۇ چاغدا ئىنسانئوغلى كرېستلىنىش ئۈچۈن تۇتۇپ بېرىلىدۇ، ــ دېدى.
3باش كاھىنلار ۋە ئاقساقاللار قايافا ئىسىملىك باش كاھىننىڭ سارىيىدا جەم بولۇشتى.
4ئۇلار ئەيسانى قانداق قىلىپ ھىيلە-نەيرەڭ بىلەن تۇتۇپ ئۆلتۈرۈش توغرىسىدا مەسلىھەت قىلىشتى.
5بىراق ئۇلار: ــ بۇ ئىش ھېيت-ئايەم كۈنلىرى قىلىنمىسۇن. بولمىسا، خەلق ئارىسىدا مالىمانچىلىق چىقىشى مۇمكىن، ــ دېيىشتى.
6ئەمدى ئەيسا بەيت-ئانىيا يېزىسىدا، «سىمون ماخاۋ»نىڭ ئۆيىدە بولغىنىدا،
7بىر ئايال ئۇنىڭ يېنىغا كىردى. ئۇ ئاق قاشتېشى شېشىدە ناھايىتى قىممەتلىك ئەتىرنى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ئەيسا داستىخاندا ئولتۇرغاندا، ئەتىرنى ئۇنىڭ بېشىغا قۇيدى.
8لېكىن مۇخلىسلار بۇنى كۆرۈپ خاپا بولۇشۇپ: ــ زادى نېمىشقا بۇنداق ئىسراپچىلىق قىلىنىدۇ؟
9چۈنكى بۇ ئەتىرنى كۆپ پۇلغا سېتىپ، پۇلىنى كەمبەغەللەرگە سەدىقە قىلسا بولاتتىغۇ! ــ دېيىشتى.
10لېكىن ئەيسا ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىپ ئۇلارغا: ــ بۇ ئايالنىڭ كۆڭلىنى نېمە دەپ ئاغرىتىسىلەر؟ چۈنكى ئۇ مەن ئۈچۈن ياخشى بىر ئىشنى قىلدى.
11چۈنكى كەمبەغەللەر دائىم سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بولىدۇ، لېكىن مېنىڭ ئاراڭلاردا بولۇشۇم سىلەرگە دائىم نېسىپ بولىۋەرمەيدۇ!
12بۇ ئايالنىڭ بۇ ئەتىرنى بەدىنىمگە قۇيۇشى مېنىڭ دەپنە قىلىنىشىمغا تەييار بولۇشۇم ئۈچۈن بولدى.
13مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ خۇش خەۋەر پۈتكۈل دۇنيانىڭ قەيېرىدە جاكارلانسا، بۇ ئايال ئەسلىنىپ، ئۇنىڭ قىلغان بۇ ئىشى تەرىپلىنىدۇ، ــ دېدى.
14بۇ ئىشتىن كېيىن، ئون ئىككىيلەندىن يەھۇدا ئىشقارىيوت ئىسىملىك بىرى باش كاھىنلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ:
15ــ ئۇنى تۇتۇپ بەرسەم، ماڭا نېمە بېرىسىلەر؟ ــ دېدى. ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىغا ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگە قويدى.
16يەھۇدا شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇنى تۇتۇپ بېرىشكە مۇۋاپىق پۇرسەت ئىزدەشكە باشلىدى.
17پېتىر نان ھېيتىنىڭ بىرىنچى كۈنى، مۇخلىسلار ئەيسانىڭ يېنىغا كېلىپ: ــ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى يېيىشىڭ ئۈچۈن قەيەردە تەييارلىشىمىزنى خالايسەن؟ ــ دەپ سورىدى.
18ئۇ ئۇلارغا: ــ شەھەرگە كىرىپ پالانچىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنىڭغا: «ئۇستاز: ــ ۋاقىت-سائىتىم يېقىنلىشىپ قالدى، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى مۇخلىسلىرىم بىلەن بىرلىكتە سېنىڭ ئۆيۈڭدە ئۆتكۈزەي ــ دەيدۇ» دەپ ئېيتىڭلار، ــ دېدى.
19مۇخلىسلار ئەيسانىڭ تاپىلىغىنىدەك ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى شۇ يەردە تەييارلىدى.
20كەچقۇرۇن، ئۇ ئون ئىككىيلەن بىلەن داستىخاندا ئولتۇردى.
21ئۇلار غىزالىنىۋاتقاندا ئۇ: ــ مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئاراڭلاردىكى بىرەيلەن ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدۇ، ــ دېدى.
22بۇنى ئاڭلاپ ئۇلار ئىنتايىن قايغۇغا چۆمۈپ، بىر-بىرلەپ ئۇنىڭدىن: ــ يا رەب، مەن ئەمەستىمەن؟ ــ دەپ سوراشقا باشلىدى.
23ئۇ جاۋابەن: ــ قولىدىكى ناننى مەن بىلەن تەڭ تاۋاققا تۆگۈرگەن كىشى، ماڭا ساتقۇنلۇق قىلغۇچى شۇ بولىدۇ.
24ئىنسانئوغلى دەرۋەقە مۇقەددەس يازمىلاردا ئۆزى توغرىسىدا پۈتۈلگىنىدەك ئۆلۈمگە كېتىدۇ؛ بىراق ئىنسانئوغلىنىڭ تۇتۇپ بېرىلىشىگە ۋاسىتىچى بولغان ئادەمنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇ ئادەم تۇغۇلمىغان بولسا ياخشى بولاتتى! ــ دېدى.
25ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان يەھۇدا: ــ ئۇستاز، مەن ئەمەستىمەن؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ ئۇنىڭغا: ــ ئۆزۈڭ دېدىڭ جۇمۇ، ــ دېدى.
26ئۇلار غىزالىنىۋاتقاندا، ئەيسا بىر ناننى قولىغا ئېلىپ خۇداغا تەشەككۈر-ھەمدۇسانا ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇنى ئوشتۇپ، مۇخلىسلىرىغا ئۈلەشتۈرۈپ بەردى ۋە: ــ ئېلىڭلار، يەڭلار، بۇ مېنىڭ تېنىم، ــ دېدى.
27ئاندىن، قولىغا جامنى ئېلىپ خۇداغا تەشەككۈر-ھەمدۇسانا ئېيتىپ، ئۇنى مۇخلىسلىرىغا تۇتۇپ: ــ ھەممەيلەن بۇنىڭدىن ئىچىڭلار.
28بۇ مېنىڭ نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن تۆكۈلىدىغان، يېڭى ئەھدىنى تۈزىدىغان قېنىمدۇر.
29لېكىن مەن شۇنى سىلەرگە ئېيتايكى، ئاتامنىڭ پادىشاھلىقىدا سىلەر بىلەن بىرلىكتە يېڭىدىن شارابتىن ئىچمىگۈچە، ئۈزۈم تېلىنىڭ شەربىتىنى ھەرگىز ئىچمەيمەن، ــ دېدى.
30ئۇلار مەدھىيە كۈيىنى ئېيتقاندىن كېيىن تالاغا چىقىپ، زەيتۇن تېغىغا قاراپ كېتىشتى.
31ئاندىن ئەيسا ئۇلارغا: ــ بۈگۈن كېچە سىلەر ھەممىڭلار مېنىڭ تۈپەيلىمدىن تاندۇرۇلۇپ پۇتلىشىسىلەر، چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا: ــ «مەن پادىچىنى ئۇرۇۋېتىمەن، پادىدىكى قويلار پاتىپاراق بولۇپ تارقىتىۋېتىلىدۇ» دەپ پۈتۈلگەن.
32لېكىن مەن تىرىلگەندىن كېيىن گالىلىيەگە سىلەردىن بۇرۇن بارىمەن، ــ دېدى.
33پېترۇس ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ھەممەيلەن سېنىڭ تۈپەيلىڭدىن تاندۇرۇلۇپ پۇتلاشسىمۇ، مەن ھەرگىز پۇتلاشمايمەن، دېدى.
34ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ مەن ساڭا بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۈگۈن كېچە خوراز چىللاشتىن بۇرۇن، سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن، ــ دېدى.
35پېترۇس ئۇنىڭغا: ــ سەن بىلەن بىللە ئۆلۈشۈم كېرەك بولسىمۇ، سەندىن ھەرگىز تانمايمەن، ــ دېدى. قالغان مۇخلىسلارنىڭ ھەممىسىمۇ شۇنداق دېيىشتى.
36ئاندىن ئەيسا ئۇلار بىلەن بىللە گېتسىمانە دېگەن يەرگە كەلدى. ئۇ مۇخلىسلارغا: «مەن ئۇ ياققا بېرىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ كەلگۈچە، مۇشۇ جايدا ئولتۇرۇپ تۇرۇڭلار» دېدى.
37ئۇ پېترۇسنى، شۇنداقلا زەبەدىينىڭ ئىككى ئوغلىنى بىرگە ئېلىپ ماڭدى ۋە قاتتىق ئازابلىنىپ، كۆڭلى تولىمۇ پەرىشان بولۇشقا باشلىدى.
38ئۇ ئۇلارغا: ــ جېنىم ئۆلىدىغاندەك بەكمۇ ئازابلانماقتا. سىلەر بۇ يەردە قېلىپ، مەن بىلەن بىرلىكتە ئويغاق تۇرۇڭلار، ــ دېۋىدى،
39سەل نېرىراق بېرىپ، ئۆزىنى يەرگە ئېتىپ دۈم يېتىپ دۇئا قىلىپ: ــ ئى ئاتام، مۇمكىن بولسا، بۇ قەدەھ مەندىن ئۆتۈپ كەتسۇن! لېكىن بۇ ئىش مەن خالىغاندەك ئەمەس، سەن خالىغاندەك بولسۇن، ــ دېدى.
40ئۇ مۇخلىسلارنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگىنىدە، ئۇلارنىڭ ئۇخلاپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، پېترۇسقا: ــ مەن بىلەن بىللە بىرەر سائەتمۇ ئويغاق تۇرالمىدىڭلارمۇ؟!
41ئېزىقتۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئويغاق تۇرۇپ دۇئا قىلىڭلار. روھ پىداكار بولسىمۇ، لېكىن كىشىنىڭ ئەتلىرى ئاجىزدۇر، ــ دېدى.
42ئۇ ئىككىنچى قېتىم بېرىپ، يەنە دۇئا قىلىپ: ــ ئى ئاتام، ئەگەر مەن بۇ قەدەھنى ئىچمىسەم ئۇ مەندىن كەتمىسە، ئۇنداقتا سېنىڭ ئىرادەڭ ئادا قىلىنسۇن، ــ دېدى.
43ئۇ ئۇلارنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگىنىدە، يەنە ئۇخلاپ قالغانلىقىنى كۆردى، چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئۇيقۇغا ئىلىنغانىدى.
44شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلاردىن ئايرىلىپ ئۈچىنچى قېتىم بېرىپ، يەنە شۇ سۆزلەر بىلەن دۇئا قىلدى.
45ئاندىن ئۇ مۇخلىسلارنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇلارغا: ــ سىلەر تېخىچە ئۇخلاۋاتامسىلەر، تېخىچە دەم ئېلىۋاتامسىلەر؟ مانا، ۋاقىت-سائىتى يېقىنلاشتى؛ ئىنسانئوغلى گۇناھكارلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ.
46قوپۇڭلار، كېتەيلى؛ مانا، ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان كىشى يېقىن كەلدى! ــ دېدى.
47ئۇنىڭ سۆزى تېخى تۈگىمەيلا، ئون ئىككىيلەندىن بىرى بولغان يەھۇدا كەلدى؛ ئۇنىڭ يېنىدا باش كاھىنلار ۋە خەلق ئاقساقاللىرى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن، قىلىچ-توقماقلارنى كۆتۈرگەن زور بىر توپ ئادەم بار ئىدى.
48ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلغۇچى ئۇلار بىلەن ئاللىبۇرۇن ئىشارەتنى بېكىتىپ: «مەن كىمنى سۆيسەم، ئۇ دەل شۇدۇر. سىلەر ئۇنى تۇتۇڭلار» دەپ كېلىشكەنىدى.
49ئۇ ئۇدۇل ئەيسانىڭ ئالدىغا بېرىپ: ــ سالام، ئۇستاز! ــ دەپ ئۇنى سۆيۈپ كەتتى.
50ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ئاغىنەم، نېمە دەپ كەلدىڭ؟ ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن، ھېلىقى ئادەملەر يوپۇرۇلۇپ كېلىپ، ئەيساغا قول سېلىپ، ئۇنى تۇتقۇن قىلدى.
51ۋە مانا، ئەيسانىڭ يېنىدىكىلەردىن بىرەيلەن قىلىچىنى سۇغۇرۇپ، باش كاھىننىڭ چاكىرىغا ئۇرۇۋىدى، ئۇنىڭ قۇلىقىنى شىلىپ چۈشۈرۈۋەتتى.
52ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ قىلىچىڭنى قىنىغا سال، قىلىچ كۆتۈرگەنلەر قىلىچ ئاستىدا ھالاك بولىدۇ.
53ياكى مېنى ئاتىسىغا نىدا قىلالمايدىغان بولدى، دەپ ئويلاپ قالدىڭمۇ؟! شۇنداق قىلساملا ئۇ ماڭا شۇئان ئون ئىككى قىسىمدىن ئارتۇق پەرىشتە ماڭدۇرمامدۇ؟
54بىراق مەن ئۇنداق قىلسام، مۇقەددەس يازمىلاردىكى بۇ ئىشلار مۇقەررەر بولىدۇ دېگەن بېشارەتلەر قانداقمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇلسۇن؟ ــ دېدى.
55شۇ پەيتتە ئەيسا توپلاشقان ئادەملەرگە قاراپ: ــ بىر قاراقچىنى تۇتىدىغاندەك قىلىچ-توقماقلارنى كۆتۈرۈپ مېنى تۇتقىلى كەپسىلەرغۇ؟ مەن ھەر كۈنى ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا سىلەر بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ تەلىم بېرەتتىم، لېكىن سىلەر ئۇ چاغدا مېنى تۇتمىدىڭلار.
56لېكىن بۇ پۈتۈن ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى پەيغەمبەرلەرنىڭ مۇقەددەس يازمىلىرىدا ئالدىن ئېيتقانلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن بولدى، ــ دېدى. بۇ چاغدا، مۇخلىسلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى تاشلاپ قېچىپ كېتىشتى.
57ئەمدى ئەيسانى تۇتقۇن قىلغانلار ئۇنى باش كاھىن قايافانىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشتى. تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن ئاقساقاللارمۇ ئۇ يەردە جەم بولۇشقانىدى.
58پېترۇس ئۇنىڭغا تاكى باش كاھىننىڭ سارىيىنىڭ ھويلىسىغىچە يىراقتىن ئەگىشىپ كېلىپ، ئىشنىڭ ئاقىۋېتىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئىچكىرىگە كىرىپ، قاراۋۇللارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇردى.
59باش كاھىنلار، ئاقساقاللار ۋە پۈتۈن ئالىي كېڭەشمە ئەزالىرى ئەيسانى ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلىش ئۈچۈن، يالغان گۇۋاھ-ئىسپات ئىزدەيتتى.
60نۇرغۇن يالغان گۇۋاھچىلار ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، ئۇلار بۇلاردىن ھېچقانداق ئىسپاتقا ئېرىشەلمىدى. ئاخىردا، ئىككى يالغان گۇۋاھچى ئوتتۇرىغا چىقىپ:
61ــ بۇ ئادەم: «مەن خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۈچ كۈن ئىچىدە قايتا قۇرۇپ چىقالايمەن» دېگەن، دېدى.
62باش كاھىن ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭغا: ــ قېنى، جاۋاب بەرمەمسەن؟ بۇلار سېنىڭ ئۈستۈڭدىن زادى قانداق گۇۋاھلىقلارنى بېرىۋاتىدۇ؟ ــ دېدى.
63لېكىن ئەيسا سۈكۈت قىلىپ تۇرىۋەردى. باش كاھىن ئۇنىڭغا: ــ مەڭگۈ ھايات بولغۇچى خۇدا بىلەن سېنىڭ قەسەم قىلىشىڭنى بۇيرۇيمەنكى، بىزگە ئېيت، خۇدانىڭ ئوغلى مەسىھ سەنمۇ؟» ــ دېدى.
64ئەيسا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: ــ شۇنداق، سېنىڭ دېگىنىڭدەك. لېكىن شۇنىمۇ سىلەرگە ئېيتايكى، بۇنىڭدىن كېيىن سىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ قادىر بولغۇچىنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرىدىغىنىنى ۋە كۆكتىكى بۇلۇتلار ئۈستىدە كېلىدىغىنىنى كۆرىسىلەر.
65شۇنىڭ بىلەن باش كاھىن تونلىرىنى يىرتىپ تاشلاپ: ــ ئۇ كۇپۇرلۇق قىلدى! ئەمدى باشقا ھەرقانداق گۇۋاھچىنىڭ نېمە ھاجىتى؟ مانا، ئۆزۈڭلار بۇ كۇپۇرلۇقنى ئاڭلىدىڭلار!
66بۇنىڭغا نېمە دەيسىلەر؟ ــ دېدى. ــ ئۇ ئۆلۈم جازاسىغا لايىقتۇر! ــ دەپ جاۋاب قايتۇرۇشتى ئۇلار.
67بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭ يۈزىگە تۈكۈرۈپ، ئۇنىڭغا مۇشت ئاتقىلى تۇردى. بەزىلىرى ئۇنى كاچاتلاپ:
68ــ ئەي مەسىھ، پەيغەمبەرچىلىك قىلمامسەن، ئېيتىپ باققىنا، سېنى كىم ئۇردى؟ ــ دېيىشتى.
69ئەمدى پېترۇس ساراينىڭ تاشقىرىقى ھويلىسىدا ئولتۇراتتى. بىر دېدەك ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: ــ سەن گالىلىيەلىك ئەيسا بىلەن بىرگە ئىدىڭغۇ، ــ دېدى.
70لېكىن ئۇ ھەممەيلەننىڭ ئالدىدا ئىنكار قىلىپ: ــ سېنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىڭنى چۈشەنمىدىم! ــ دېدى.
71ئاندىن ئۇ دالانغا چىققاندا، ئۇنى كۆرگەن يەنە بىر دېدەك ئۇ يەردە تۇرغانلارغا: ــ بۇ ئادەممۇ ناسارەتلىك ئەيسا بىلەن بىرگە ئىدى، ــ دېدى.
72ئۇ يەنە ئىنكار قىلىپ: ــ مەن ئۇ ئادەمنى تونۇمايمەن! ــ دەپ قەسەم ئىچتى.
73بىرئازدىن كېيىن، ئۇ يەردە تۇرغانلار پېترۇسنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ شۈبھىسىزكى، سەن ئۇلارنىڭ بىرى ئىكەنسەن، چۈنكى تەلەپپۇزۇڭ سېنى پاش قىلىدۇ، ــ دېيىشتى.
74پېترۇس قاتتىق قارغاشلار بىلەن قەسەم قىلىپ: ــ ئۇ ئادەمنى زادى تونۇمايمەن! ــ دېيىشىگىلا خوراز چىللىدى.
75پېترۇس ئەيسانىڭ: «خوراز چىللاشتىن بۇرۇن، سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن!» دېگەن سۆزىنى ئېسىگە ئالدى. ئۇ تاشقىرىغا چىقىپ، قاتتىق يىغا-زار كۆتۈردى.