31دەل شۇ ۋاقىتتا بىرنەچچە پەرىسىيلەر ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ مۇشۇ يەردىن چىقىپ ئۆزۈڭنى نېرىغا ئال. چۈنكى ھېرود سېنى ئۆلتۈرمەكچى، ــ دېدى.
32ئۇ ئۇلارغا: ــ بېرىپ شۇ تۈلكىگە ئېيتىڭلار: مانا مەن جىنلارنى ھەيدىۋېتىپ، بۈگۈن ۋە ئەتە شىپا بېرەرمەن ۋە ئۈچىنچى كۈنى تاكامۇللاشتۇرۇلىمەن، دەڭلار.