24لېكىن خۇدا ئۇنى ئۆلۈمنىڭ ئازابلارنىڭ ئىلكىدىن ئازاد قىلىپ قايتا تىرىلدۈردى. چۈنكى ئۆلۈمنىڭ ئۇنى تۇتقۇن قىلىشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس.
25داۋۇت زەبۇردا ئۇ توغرۇلۇق مۇنداق ئالدىن ئېيتقان: «مەن پەرۋەردىگارنى ھەردائىم كۆز ئالدىمدا كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن؛ ئۇ ئوڭ يېنىمدا بولغاچقا، مەن ھەرگىز تەۋرەنمەيمەن.
26شۇڭا مېنىڭ قەلبىم خۇشاللاندى، مېنىڭ تىلىم شادلىنىپ يايرىدى؛ مېنىڭ تېنىم ئۈمىد-ئارزۇ ئىچىدە تۇرىدۇ؛
27چۈنكى سەن جېنىمنى تەھتىسارادا قالدۇرمايسەن، شۇنداقلا سېنىڭ مۇقەددەس بولغۇچۇڭغا چىرىشلەرنى كۆرگۈزمەيسەن.
28سەن ماڭا ھايات يوللىرىنى كۆرسەتكەنسەن؛ ھۇزۇرۇڭ بىلەن مېنى شاد-خۇراملىققا تولۇپ تاشقۇزىسەن».
29قېرىنداشلار، مەن ئاتىمىز پادىشاھ داۋۇت توغرۇلۇق ھېچ ئىككىلەنمەي شۇنى ئېيتىمەنكى، ئۇ ئۆلدى ۋە ئۇنىڭ قەبرىسى بۈگۈنكى كۈنگىچە ئارىمىزدا بار.