1لېكىن سەن بولساڭ ساغلام تەلىمگە قانداق ئۇيغۇن ياشاشنى ئۆگىتىشىڭ كېرەك.
2ياشانغان ئەرلەرگە، ھوشيار، سالماق، تەمكىن، ئېتىقادتا، مېھىر-مۇھەببەتتە ۋە سەۋر-تاقەتتە ساغلام بولۇشنى تاپىلىغىن.
3شۇنىڭدەك، ياشانغان ئاياللارغا يۈرۈش-تۇرۇشتا ئىخلاس-مۇقەددەسلىككە لايىق بولۇشنى، چېقىمچىلىق قىلماسلىقنى، ھاراق-شارابقا بېرىلمەيدىغان بولۇشنى، گۈزەل ئىشلارنى ئۆگەتكۈچىلەر بولۇشنى تاپىلىغىن.
5بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ياش ئاياللارغا ئەرلىرىگە كۆيۈنۈش، بالىلىرىغا كۆيۈنۈش، سالماق بولۇش، پاك بولۇش، ئۆي ئىشلىرىنى پۇختا قىلىش، مېھرىبان بولۇش ۋە ئۆز ئەرلىرىگە بويسۇنۇشنى ئۆگىتەلەيدۇ. شۇنداق بولغاندا خۇدانىڭ سۆزى قارىلانمايدۇ.
6شۇنىڭدەك ياش ئەرلەرنىمۇ سالماق بولۇشقا جېكىلىگىن.
7ئۆزۈڭمۇ ھەممە ئىشتا گۈزەل ئەمەللىرىڭ بىلەن ئۇلارغا ئۈلگە بولغىن؛ تەلىم بەرگىنىڭدە پاك-دىيانەتلىك، ئېغىر-بېسىق بولۇپ،
8ھېچكىم قۇسۇر تاپالمايدىغان، ساغلام سۆزلەرنى يەتكۈزگىن؛ بۇنىڭ بىلەن، قارشى چىققۇچىلار بىز توغرۇلۇق يامان گەپ قىلىدىغان يەرنى تاپالماي خىجىل بولىدۇ.
9قۇللارغا ئۆز خوجايىنلىرىنى ھەممە ئىشتا قانائەتلەندۈرۈپ ئۇلارغا بويسۇنۇشنى ئۆگەتكىن. ئۇلار گەپ ياندۇرماي،
10ئوغرىلىق قىلماي، ئۆزلىرىنىڭ ھەر جەھەتتە ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتسۇن. ئۇلار بۇنىڭ بىلەن قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدانىڭ تەلىماتىغا ھەر جەھەتتىن زىننەت بولىدۇ.
11چۈنكى خۇدانىڭ نىجاتنى بارلىق ئىنسانلارغا ئېلىپ كېلىدىغان مېھىر-شەپقىتى ئايان بولدى؛
12ئۇ بىزگە ئىخلاسسىزلىق ۋە بۇ دۇنيانىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى رەت قىلىپ، ھازىرقى زاماندا سالماق، ھەققانىي، ئىخلاسمەن ھاياتنى ئۆتكۈزۈشىمىز بىلەن،
13ئۇلۇغ خۇدا، نىجاتكارىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ شان-شەرەپ بىلەن كېلىدىغانلىقىغا بولغان مۇبارەك ئۈمىدىمىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈشنى ئۆگىتىدۇ.
14ئۇ بەدەل تۆلەپ بىزنى ھەممە ئىتائەتسىزلىكلەردىن ئازاد قىلىش ھەمدە بىزنى ئۆزى ئۈچۈن پاك قىلىپ، ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان، ياخشى ئەمەللەرگە قىزغىن ئىنتىلىدىغان خەلق قىلىشقا بىز ئۈچۈن قۇربان بولدى.
15بارلىق ھوقۇقۇڭنى ئىشلىتىپ بۇ ئىشلارنى جاكارلاپ ئېيتقىن، نەسىھەت بېرىپ جېكىلىگىن ۋە ئاگاھلاندۇرغىن. ھېچكىم سېنى كەمسىتمىسۇن.