Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - باتۇر ھاكىملار - باتۇر ھاكىملار 18

باتۇر ھاكىملار 18:14-23

Help us?
Click on verse(s) to share them!
14لائىش يۇرتىغا چارلاش ئۈچۈن بارغان بەش كىشى ئۆز قېرىنداشلىرىغا‫‪:‬‬ ــ بىلەمسىلەر؟ بۇ ئۆيدە بىر ئەفود تونى، بىرنەچچە تەرافىم بۇتلىرى، بىر ئويما مەبۇد ۋە قۇيما مەبۇد باردۇر! ئەمدى قانداق قىلىشىڭلار كېرەكلىكىنى ئويلىشىڭلار! ــ دېدى.
15ئۇلار بۇرۇلۇپ لاۋىي يىگىتنىڭ ئۆيىگە (مىكاھقا تەۋە ئۆيگە) كىرىپ ئۇنىڭدىن ھال سورىدى.
16دان قەبىلىسىدىن بولغان جەڭ قوراللىرىنى كۆتۈرگەن ئالتە يۈز كىشى دەرۋازا ئالدىدا تۇرۇپ تۇردى.
17ئۇ زېمىننى چارلاشقا بارغان بەش ئادەم بۇتخانىغا كىرىپ، ئويما بۇت، ئەفود تونى، تەرافىم بۇتلىرى ۋە قۇيما بۇتنى ئېلىپ چىقتى. كاھىن جەڭ قوراللىرىنى كۆتۈرگەن ئالتە يۈز كىشى بىلەن بىللە دەرۋازىدا تۇراتتى.
18بۇ بەش ئادەم مىكاھنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئويما بۇت، ئەفود تونىنى، تەرافىم بۇتلىرى ۋە قۇيما بۇتنى ئېلىپ چىققاندا كاھىن ئۇلاردىن‫‪:‬‬ ــ بۇ نېمە قىلغىنىڭلار؟! ــ دەپ سورىدى.
19ئۇلار ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ئۈن چىقارماي، ئاغزىڭنى قولۇڭ بىلەن ئېتىپ، بىز بىلەن مېڭىپ، بىزگە ھەم ئاتا ھەم كاھىن بولۇپ بەرگىن. سېنىڭ پەقەت بىر ئادەمنىڭ ئۆيىدىكىلەرگە كاھىن بولغىنىڭ ياخشىمۇ، ياكى ئىسرائىلنىڭ بىر جەمەتى بولغان پۈتۈن بىر قەبىلىگە كاھىن بولغىنىڭ ياخشىمۇ؟ ــ دېدى.
20شۇنداق دېۋىدى، كاھىننىڭ كۆڭلى خۇش بولۇپ، ئەفود، تەرافىم بۇتلىرى ۋە ئويما مەبۇدنى ئېلىپ خەلقنىڭ ئارىسىغا كىرىپ تۇردى.
21ئاندىن ئۇلار بۇرۇلۇپ، ئۇ يەردىن كەتتى؛ ئۇلار بالىلىرى ۋە چارپايلارنى ۋە يۈك‫‪‎-‎‬‬تاقلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئالدىدا ماڭدۇرۇۋەتكەنىدى.
22مىكاھنىڭ ئۆيىدىن خېلى يىراقلىغاندا مىكاھنىڭ ئۆيىنىڭ ئەتراپىدىكى خەلقلەر يىغىلىپ، دانلارغا قوغلاپ يېتىشتى.
23ئۇلار دانلارنى توۋلاپ چاقىردى، دانلار بۇرۇلۇپ مىكاھقا‫‪:‬‬ ــ ساڭا نېمە بولدى، بۇنچىۋىلا كۆپ خەلقنى يىغىپ كېلىپ نېمە قىلماقچىسەن؟! ‫‪‎-‎‬‬ دېدى.

Read باتۇر ھاكىملار 18باتۇر ھاكىملار 18
Compare باتۇر ھاكىملار 18:14-23باتۇر ھاكىملار 18:14-23