Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر - چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 23

چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 23:3-12

Help us?
Click on verse(s) to share them!
3بالائام بالاققا‫‪:‬‬ — سىلى ئۆز كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىنىڭ يېنىدا تۇرسىلا، مەن ئالدىغا بارىمەن، پەرۋەردىگار مېنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە كېلەمدىكىن؟ ئۇ ماڭا نېمە دەپ كۆرسەتمە بەرسە، مەن ئۆزلىرىگە شۇنى دەپ بېرىمەن، — دېدى ۋە بىر دۆڭگە چىقتى.
4خۇدا بالائام بىلەن كۆرۈشتى؛ بالائام خۇداغا‫‪:‬‬ — مەن يەتتە قۇربانگاھ ھازىرلاتتىم، ھەربىر قۇربانگاھقا قۇربانلىق سۈپىتىدە بىردىن بۇقا بىلەن بىردىن قوشقار سۇندۇم، — دېدى.
5پەرۋەردىگار بالائامنىڭ ئاغزىغا بىر سۆزنى سېلىپ‫‪:‬‬ — بالاقنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ ئۇنىڭغا مۇنداق، مۇنداق دېگىن، — دېدى.
6شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالاقنىڭ يېنىغا قايتىپ باردى. مانا، ئۇ ۋە موئابنىڭ بارلىق ئەمىرلىرى ئۇنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنىڭ يېنىدا تۇراتتى.
7بالائام كالام سۆزىنى ئاغزىغا ئېلىپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ — بالاق مېنى ئارام دېگەن يۇرتتىن، موئاب شاھى بالاق مېنى مەشرىق تاغلىرىدىن ئېلىپ كېلىپ، مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ — كەل، مېنىڭ ئۈچۈن ياقۇپنى قارغىغىن. كەل، ئىسرائىلنى راسا بىر سۆكۈپ ئەيىبلىگىن.
8تەڭرى ئۆزى قارغىمىغان بىراۋنى مەن قانداق قارغاي؟ پەرۋەردىگار ئۆزى سۆكۈپ ئەيىبلىمىگەن بىراۋنى مەن قانداق سۆكۈپ ئەيىبلەي؟
9مەن قورام تاشلارنىڭ چوققىلىرىدا تۇرۇپ ئۇنى كۆرمەكتىمەن، دۆڭلەردە تۇرۇپ ئۇنىڭغا نەزەر سالماقتىمەن؛ مانا، ئۇلار يەككە ياشايدىغان بىر قوۋم، ئۇلار باشقا قوۋملارنىڭ قاتارىدا سانالمايدۇ.
10ياقۇپنىڭ توپىلىرىنى كىم ھېسابلاپ چىقالايدۇ؟ ھەتتا ئىسرائىلنىڭ تۆتتىن بىرىنىمۇ كىم ساناپ چىقالايدۇ؟ مېنىڭ جېنىم ھەققانىينىڭ ئۆلۈمىدەك ئۆلسۇن، مېنىڭ ئاخىرىم ئۇنىڭكىدەك بولغاي!
11بالاق بالائامغا قاراپ‫‪:‬‬ — سەن ماڭا نېمە قىلىۋاتىسەن؟! مەن سېنى دۈشمەنلىرىمنى قارغاپ بېرىشكە چاقىرىتقان تۇرسام، مانا سەن ئەكسىچە پۈتۈنلەي ئۇلارغا ئامەت تىلىدىڭ! — دېدى.
12— پەرۋەردىگارنىڭ ئاغزىمغا سالغىنىنى يەتكۈزۈشكە كۆڭۈل قويمىسام بولامتى؟ — دەپ جاۋاپ بەردى بالائام.

Read چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 23چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 23
Compare چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 23:3-12چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 23:3-12