Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پەند-نەسىھەتلەر - پەند-نەسىھەتلەر 27

پەند-نەسىھەتلەر 27:3-27

Help us?
Click on verse(s) to share them!
3تاش ئېغىر، قۇم خېلى جىڭ باسار، بىراق ئەخمەق كەلتۈرىدىغان خاپىچىلىق ئىككىسىدىن تېخىمۇ ئېغىردۇر.
4غەزەپ رەھىمسىزدۇر، قەھر بولسا كەلكۈندەك ئادەمنى ئېقىتىپ كېتەر، بىراق كىم ھەسەتخورلۇق ئالدىدا تاقابىل تۇرالىسۇن؟
5ئاشكارا ئەيىبلەش يوشۇرۇن مۇھەببەتتىن ئەلادۇر.
6دوستنىڭ قولىدىن يېگەن زەخىملەر سادىقلىقتىن بولىدۇ؛ بىراق دۈشمەننىڭ سۆيۈشلىرى ھىيلىگەرلىكتۇر.
7توق كىشى ھەسەل كۆنىكىدىنمۇ بىزاردۇر، ئاچ كىشىگە ھەرقانداق ئاچچىق نەرسىمۇ تاتلىق بىلىنەر.
8يۇرت ماكانىدىن ئايرىلغان كىشى، ئۇۋىسىدىن ئايرىلىپ يۈرگەن قۇشقا ئوخشار.
9ئەتىر ۋە خۇشبۇي كۆڭۈلنى ئاچار، جان كۆيەر دوستنىڭ سەمىمىي مەسلىھەتى كىشىنى رىغبەتلەندۈرەر. جان كۆيەر دوستنىڭ سەمىمىي، خۇشخۇي مەسلىھەتى كىشىنى خۇش قىلۇر.
10ئۆز دوستۇڭنى، ئاتاڭنىڭ دوستىنىمۇ ئۇنتۇما؛ بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە قېرىندىشىڭنىڭ ئۆيىگە كىرىپ يېلىنما؛ يېقىندىكى دوست، يىراقتىكى قېرىنداشتىن ئەلا.
11ئى ئوغلۇم، دانا بول، كۆڭلۈمنى خۇش قىل، شۇنداق قىلغىنىڭدا مېنى مەسخىرە قىلىدىغانلارغا جاۋاب بېرەلەيمەن.
12زېرەك كىشى بالايىقازانى ئالدىن كۆرۈپ قاچار؛ ساددىلار ئالدىغا بېرىپ زىيان تارتار.
13ياتقا كېپىل بولغان كىشىدىن قەرزگە تونىنى تۇتۇپ ئالغىن؛ يات خوتۇنغا كاپالەت بەرگەن كىشىدىن كاپالەت پۇلى ئال.
14قاق سەھەردە تۇرۇپ، يۇقىرى ئاۋازدا دوستىغا بەخت تىلىگەنلىك، ئۆزىنى قارغاش ھېسابلىنار.
15يامغۇرلۇق كۈندىكى توختىماي چۈشكەن تامچە‫‪‎-‎‬‬تامچە يېغىن، ۋە سوقۇشقاق خوتۇن بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىگە ئوخشاشتۇر.
16ئۇنى تىزگەنلەش بوراننى توسقانغا، ياكى ياغنى ئوڭ قول بىلەن چاڭگاللىغانغا ئوخشاشتۇر.
17تۆمۈرنى تۆمۈرگە بىلىسە ئۆتكۈرلەشكەندەك، دوستلارمۇ بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىنى ئۆتكۈرلەشتۈرەر.
18ئەنجۈر كۆچىتىنى پەرۋىش قىلغۇچى ئۇنىڭدىن ئەنجۈر يەيدۇ؛ خوجايىنىنى ئاسراپ كۈتكەن قۇل ئىززەت تاپىدۇ.
19سۇدا ئادەمنىڭ يۈزى ئەكس ئەتكەندەك، ئىنساننىڭ قەلبىنىڭ قانداقلىقى ئۆز يېنىدىكى كىشى ئارقىلىق بىلىنەر.
20تەھتىسارا ۋە ھالاكەت ھەرگىز تويمىغاندەك، ئادەمنىڭ ئاچ كۆزلىرى قانائەت تاپماس.  
21ساپال قازان كۈمۈشنى، چاناق ئالتۇننى تاۋلار، ئادەم بولسا ماختالغاندا سىنىلار.
22ئەخمەقنى بۇغداي بىلەن بىرگە سەندەلدە تالقان قىلىپ سوقساڭمۇ، ئەخمەقلىقى يەنىلا ئۇنىڭدا تۇرار.
23پادىلىرىڭنىڭ ئەھۋالىنى ئوبدان بىلىپ تۇر، مال‫‪‎-‎‬‬ۋارانلىرىڭدىن ياخشى خەۋەر ئال؛
24چۈنكى بايلىقنىڭ مەڭگۈ كاپالىتى بولماس، تاج‫‪‎-‎‬‬تەختمۇ دەۋردىن‫‪‎-‎‬‬دەۋرگىچە تۇرامدۇ؟
25قۇرۇغان چۆپلەر ئورۇلغاندىن كېيىن، يۇمران چۆپلەر ئۆسۈپ چىققاندا، تاغ باغرىدىنمۇ ياۋايى چۆپلەر يىغىلغاندا،
26شۇ چاغدا قوزىلارنىڭ يۇڭلىرى قىرقىلىپ كىيىمىڭ بولار؛ ئۆچكىلەرنى ساتقان پۇلغا بىر ئېتىز كېلەر،
27ھەمدە ئۆچكىلەرنىڭ سۈتلىرى سېنىڭ ھەم ئائىلىدىكىلىرىڭنىڭ ئوزۇقلۇقىنى، دېدەكلىرىڭنىڭ قورسىقىنى تەمىنلەشكىمۇ يېتەر.

Read پەند-نەسىھەتلەر 27پەند-نەسىھەتلەر 27
Compare پەند-نەسىھەتلەر 27:3-27پەند-نەسىھەتلەر 27:3-27