2چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆڭلى زوراۋانلىقنىلا ئويلار؛ ئۇلارنىڭ ئاغزى ئازار يەتكۈزۈشنى سۆزلەر.
3ئائىلە بولسا دانالىق ئاساسىدا بەرپا قىلىنار؛ چۈشىنىش بىلەن مۇستەھكەملىنەر.
4بىلىم بىلەن ئۆينىڭ خانىلىرى ھەرخىل قىممەتلىك، ئېسىل گۆھەرلەرگە تولدۇرۇلار.
5دانا ئادەم زور كۈچكە ئىگىدۇر؛ بىلىمى بار ئادەم قۇدرىتىنى ئاشۇرار.
6پۇختا نەسىھەتلەر بىلەن جەڭ قىلغىن؛ غەلىبە بولسا بىردىنبىر ئۇلۇغ مەسلىھەتچى بىلەن بولار.
7دانالىق ئەقىلسىز ئادەمگە نىسبەتەن تولىمۇ ئېگىز، چۈشىنىكسىزدۇر؛ چوڭلار شەھەر دەرۋازىسى ئالدىغا يىغىلغاندا ئۇ زۇۋان ئاچالماس.