Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پادىشاھلار «1» - پادىشاھلار «1» 8

پادىشاھلار «1» 8:46-62

Help us?
Click on verse(s) to share them!
46ئەگەر ئۇلار ساڭا گۇناھ سادىر قىلغان بولسا (چۈنكى گۇناھ قىلمايدىغان ھېچكىشى يوقتۇر) سەن ئۇلارغا غەزەپلىنىپ، ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرغان بولساڭ، بۇلار ئۇلارنى يىراق‫‪‎-‎‬‬يېقىنغا، ئۆزلىرىنىڭ زېمىنىغا سۈرگۈن قىلىپ ئېلىپ بارغان بولسا،
47لېكىن ئۇلار سۈرگۈن قىلىنغان يۇرتتا ئەس‫‪‎-‎‬‬ھوشىنى تېپىپ توۋا قىلىپ، ئۆزى سۈرگۈن بولغان يۇرتتا ساڭا‫‪:‬‬ ــ بىز گۇناھ قىلىپ، قەبىھلىككە بېرىلىپ سەندىن يۈز ئۆرۈپ كەتتۇق، دەپ يېلىنسا،
48ــ ئەگەر ئۇلارنى سۈرگۈن قىلغان دۈشمەنلىرىنىڭ زېمىنىدا پۈتۈن قەلبى ۋە پۈتۈن جېنىدىن سېنىڭ تەرىپىڭگە يېنىپ، سەن ئۇلارنىڭ ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىغا تەقدىم قىلغان زېمىنغا، سەن تاللىغان شەھەر تەرەپكە ۋە مەن نامىڭغا ئاتاپ ياسىغان بۇ ئۆي تەرەپكە يۈزىنى قىلىپ، ساڭا قاراپ دۇئا قىلسا،
49سەن تۇرۇۋاتقان ماكانىڭ بولغان ئاسمانلاردا تۇرۇپ ئۇلارنىڭ دۇئاسى ۋە ئىلتىجاسىنى ئاڭلاپ ئۇلار ئۈچۈن ھۆكۈم چىقىرىپ،
50ئۆز خەلقىڭنىڭ ساڭا سادىر قىلغان گۇناھىنى، ساڭا ئۆتكۈزگەن ھەممە ئىتائەتسىزلىكلىرىنى كەچۈرۈم قىلغايسەن ۋە ئۇلارنى سۈرگۈن قىلغانلارنىڭ ئالدىدا ئۇلارغا رەھىم تاپقۇزغايسەنكى، شۇلار ئۇلارغا رەھىم قىلسۇن
51(چۈنكى ئۇلار ئۆزۈڭ مىسىردىن، يەنى تۆمۈر تاۋلاش پېچىدىن چىقارغان ئۆز خەلقىڭ ۋە ئۆز مىراسىڭدۇر)؛
52سېنىڭ كۆزلىرىڭ ئۆز قۇلۇڭنىڭ ئىلتىجاسىغا ۋە ئۆز خەلقىڭنىڭ ئىلتىجاسىغا ئوچۇق بولغاي، ئۇلار ھەر ئىشتا ساڭا نىدا قىلىپ تىلىگىنىدە ئۇلارغا قۇلاق سالغايسەن؛
53چۈنكى سەن ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىمىزنى مىسىردىن چىقارغىنىڭدا ئۆز قۇلۇڭ مۇسا ئارقىلىق ئېيتقىنىڭدەك، سەن خەلقىڭنى ئۆزۈڭگە خاس مىراسىڭ بولسۇن دەپ، يەر يۈزىدىكى ھەممە ئەللەر ئارىسىدىن ئۇلارنى ئايرىم ئېلىپ تاللىدىڭ، ئى رەب پەرۋەردىگار!».
54سۇلايمان پەرۋەردىگارغا شۇ بارلىق دۇئا ۋە ئىلتىجالىرىنى قىلىپ بولغاندا، قوللىرىنى ئاسمانغا قاراپ كۆتۈرۈپ پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھىنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ تۇرغان يەردىن قوپۇپ،
55ئۆرە تۇرۇپ ئىسرائىلنىڭ بارلىق جامائىتىگە يۇقىرى ئاۋازدا بەخت تىلەپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ
56«ئۇنىڭ بارلىق ۋەدە قىلغىنى بويىچە ئۆز خەلقى ئىسرائىلغا ئارام بەرگەن پەرۋەردىگار مۇبارەكتۇر! ئۇ ئۆز قۇلى مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن قىلغان ھەممە مېھرىبانە ۋەدىلەرنىڭ ھېچبىرى يەردە قالمىدى!
57پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىمىز بىلەن بولغاندەك بىز بىلەن بىللە بولغاي؛ ئۇ نە بىزدىن ۋاز كەچمىسۇن نە بىزنى تاشلىمىسۇن؛
58بۇنىڭ بىلەن ئۇ قەلبىمىزنى ئۇنىڭ يوللىرىدا مېڭىشقا، ئۆزى ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىمىزغا بۇيرۇغان ئەمرلەر، بەلگىلىمىلەر ۋە ھۆكۈملەرنى تۇتۇشقا ئۆزىگە مايىل قىلغاي؛
59مېنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئىلتىجا قىلغان بۇ سۆزلىرىم كېچە‫‪‎-‎‬‬كۈندۈز پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ يېنىدا تۇرسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۆز قۇلۇڭ ئۈچۈن توغرا ھۆكۈم قىلىپ، خەلقىڭ ئىسرائىل ئۈچۈن توغرا ھۆكۈم قىلىپ، ھەر كۈندىكى دەردىگە يەتكەيسەن؛
60شۇنىڭ بىلەن يەر يۈزىدىكى ھەممە ئەللەر پەرۋەردىگار ئۆزى خۇدادۇر، ئۇنىڭدىن باشقىسى ھېچقايسىسى يوقتۇر دەپ بىلگەي،
61شۇنداقلا بۈگۈن قىلغىنىڭلارغا ئوخشاش ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرىدە مېڭىشقا ۋە ئەمرلىرىنى تۇتۇشقا قەلبىڭلار پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا مۇكەممەل بولغاي!».
62ۋە پادىشاھ پۈتۈن ئىسرائىل بىلەن بىللە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قۇربانلىقلارنى قىلدى.

Read پادىشاھلار «1» 8پادىشاھلار «1» 8
Compare پادىشاھلار «1» 8:46-62پادىشاھلار «1» 8:46-62