Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پادىشاھلار «1» - پادىشاھلار «1» 3

پادىشاھلار «1» 3:14-22

Help us?
Click on verse(s) to share them!
14ئەگەر ئاتاڭ داۋۇت ماڭغاندەك مېنىڭ يوللىرىمدا مېڭىپ، بەلگىلىمىلىرىم ۋە ئەمرلىرىمنى تۇتساڭ كۈنلىرىڭنى ئۇزارتىمەن، دېدى.
15سۇلايمان ئويغانغاندا، مانا بۇ بىر چۈش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمغا كېلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۆرە تۇرۇپ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى قىلىپ، تەشەككۈر قۇربانلىقلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ھەممە خىزمەتكارلىرىغا زىياپەت قىلىپ بەردى.
16شۇنىڭدىن كېيىن ئىككى پاھىشە ئايال پادىشاھنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭ ئالدىدا تۇردى.
17بىرىنچى ئايال‫‪:‬‬ ــ ئى غوجام! مەن ۋە بۇ خوتۇن بىر ئۆيدە ئولتۇرىمىز؛ ئۇ مەن بىلەن ئۆيدە تۇرغىنىدا بىر بالىنى تۇغدۇم.
18مەن بالىنى تۇغۇپ ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۇ خوتۇنمۇ بىر بالا تۇغدى. بىز ئىككىيلەن ئۇ يەردە ئولتۇردۇق؛ ئۆيدە بىزدىن باشقا ھېچ يات ئادەم يوق ئىدى، يالغۇز بىز ئىككىيلەن ئۆيدە ئىدۇق.
19شۇ كېچىدە بۇ خوتۇننىڭ بالىسى ئۆلدى؛ چۈنكى ئۇ بالىسىنى بېسىپ ئۆلتۈرۈپ قويغانىدى.
20ئۇ يېرىم كېچىدە قوپۇپ دېدەكلىرى ئۇخلاپ قالغاندا، يېنىمدىن ئوغلۇمنى ئېلىپ ئۆز قۇچىقىغا سېلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆلگەن ئوغلىنى مېنىڭ قۇچىقىمغا سېلىپ قويۇپتۇ.
21ئەتىسى قوپۇپ بالامنى ئېمىتەي دېسەم مانا ئۆلۈك تۇرىدۇ. لېكىن ئەتىگەندە قارىسام، ئۇ مەن تۇغقان بالا ئەمەس ئىدى، دېدى.
22ئىككىنچى ئايال‫‪:‬‬ ــ ياق، ئۇنداق ئەمەس. تىرىك قالغىنى مېنىڭ ئوغلۇم، ئۆلگىنى سېنىڭ ئوغلۇڭ، دېدى. لېكىن بىرىنچى ئايال‫‪:‬‬ ــ ياق، ئۆلگىنى سېنىڭ ئوغلۇڭ، تىرىك قالغىنى مېنىڭ ئوغلۇم، دېدى. ئۇلار شۇ ھالەتتە پادىشاھنىڭ ئالدىدا تالىشىپ تۇراتتى.

Read پادىشاھلار «1» 3پادىشاھلار «1» 3
Compare پادىشاھلار «1» 3:14-22پادىشاھلار «1» 3:14-22