Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لۇقا - لۇقا 6

لۇقا 6:7-37

Help us?
Click on verse(s) to share them!
7ئەمدى تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلغۇدەك بىرەر ئىشنى ئىزدەپ تاپايلى دەپ، ئۇنىڭ شابات كۈنىمۇ كېسەل ساقايتىدىغان‫‪‎-‎‬‬ساقايتمايدىغانلىقىنى پايلاپ يۈرۈشەتتى.
8بىراق ئەيسا ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىپ، قولى يىگىلەپ كەتكەن ئادەمگە‫‪:‬‬ ــ ئورنۇڭدىن تۇر، ئوتتۇرىغا چىققىن! ــ دېۋىدى، ھېلىقى ئادەم ئورنىدىن قوپۇپ شۇ يەردە تۇردى.
9ئاندىن ئەيسا ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ سىلەردىن سوراپ باقايچۇ، تەۋراتقا ئۇيغۇن بولغىنى شابات كۈنى ياخشىلىق قىلىشمۇ، ياكى يامانلىق قىلىشمۇ؟ جاننى قۇتقۇزۇشمۇ ياكى جانغا زامىن بولۇشمۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
10ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە نەزەر سالغاندىن كېيىن، ئۇ ھېلىقى ئادەمگە‫‪:‬‬ ــ قولۇڭنى ئۇزات، ــ دېدى. ئۇ شۇنداق قىلىشى بىلەنلا قولى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ ئىككىنچى قولىغا ئوخشاش بولدى.   
11لېكىن ئۇلار غەزەپتىن ھوشىنى يوقىتىپ، ئەيساغا قانداق تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىشكە باشلىدى.
12شۇ كۈنلەردە شۇنداق بولدىكى، ئۇ دۇئا قىلىشقا تاغقا چىقتى ۋە ئۇ يەردە خۇداغا كېچىچە دۇئا قىلدى.
13تاڭ ئاتقاندا، مۇخلىسلىرىنى ئالدىغا چاقىرىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئون ئىككىيلەننى تاللاپ، ئۇلارنى روسۇل دەپ ئاتىدى.
14ئۇلار‫‪:‬‬ سىمون (ئەيسا ئۇنى پېترۇس دەپمۇ ئاتىغان) ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى ئاندىرىياس؛ ياقۇپ ۋە يۇھاننا، فىلىپ ۋە بارتولوماي،
15ماتتا ۋە توماس، ئالفاينىڭ ئوغلى ياقۇپ ۋە مىللەتپەرۋەر دەپ ئاتالغان سىمون،
16ياقۇپنىڭ ئوغلى يەھۇدا ۋە كېيىن ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلغان يەھۇدا ئىشقارىيوتلار ئىدى.
17ئەيسا روسۇللىرى بىلەن تاغدىن چۈشۈپ، بىر تۈزلەڭلىكتە تۇراتتى. شۇ يەردە نۇرغۇن مۇخلىسلىرى ھەمدە پۈتكۈل يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن ۋە يېرۇسالېمدىن، تۇر ۋە زىدون شەھەرلىرىگە قارايدىغان دېڭىز بويىدىكى يۇرتلاردىن توپ‫‪‎-‎‬‬توپ كىشىلەر يىغىلىشتى. ئۇلار ئۇنىڭ تەلىملىرىنى ئاڭلاش ۋە كېسەللىرىگە شىپالىق ئىزدەش ئۈچۈن كەلگەنىدى.
18ناپاك روھلاردىن ئازابلانغانلارمۇ شىپالىق تېپىشتى.
19بۇ توپ‫‪‎-‎‬‬توپ ئادەملەرنىڭ ھەممىسى قوللىرىنى ئۇنىڭغا تەگكۈزۈۋېلىشقا ئىنتىلەتتى؛ چۈنكى كۈچ‫‪‎-‎‬‬قۇدرەت ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن چىقىپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە شىپالىق بېرىۋاتاتتى.
20شۇنىڭ بىلەن ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ مۇخلىسلىرىغا قاراپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ «مۇبارەك، ئەي يوقسۇللار! چۈنكى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەرنىڭكىدۇر.  
21مۇبارەك، ئەي ھازىر ئاچ قالغانلار! چۈنكى سىلەر تولۇق تويۇنىسىلەر. مۇبارەك، ئەي يىغلاۋاتقانلار! چۈنكى كۈلىدىغان بولىسىلەر.
22كىشىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ ۋەجىدىن سىلەردىن نەپرەتلەنسە، سىلەرنى ئۆزلىرىدىن چەتكە قاقسا، سىلەرگە تۆھمەت‫‪‎-‎‬‬ھاقارەت قىلسا، نامىڭلارنى رەزىل دەپ قارغىسا، سىلەرگە مۇبارەك!
23شۇ كۈنى شادلىنىپ تەنتەنە قىلىپ سەكرەڭلار. چۈنكى مانا، ئەرشتە بولغان ئىنئامىڭلار زوردۇر. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرى بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرگىمۇ ئوخشاش ئىشلارنى قىلغان.
24ــ لېكىن ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي بايلار! چۈنكى سىلەر ئاللىقاچان راھەت‫‪‎-‎‬‬پاراغىتىڭلارغا ئىگە بولدۇڭلار!
25ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي قارنى تويۇنغانلار! چۈنكى سىلەر ئاچ قالىسىلەر. ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي كۈلۈۋاتقانلار! چۈنكى ھازا تۇتۇپ يىغلايسىلەر.
26ھەممەيلەن سىلەرنى ياخشى دېگەندە، ھالىڭلارغا ۋاي! چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىمۇ بۇرۇنقى ساختا پەيغەمبەرلەرگە شۇنداق قىلغان».
27ــ بىراق ماڭا قۇلاق سالغان سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، دۈشمەنلىرىڭلارغا مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار؛ سىلەرگە ئۆچ بولغانلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار.
28سىلەرنى قارغىغانلارغا بەخت تىلەڭلار؛ سىلەرگە يامان مۇئامىلىدە بولغانلارغىمۇ دۇئا قىلىڭلار.
29بىرسى مەڭزىڭگە ئۇرسا، ئىككىنچى مەڭزىڭنىمۇ تۇتۇپ بەر؛ بىرسى چاپىنىڭنى ئېلىۋالىمەن دېسە، كۆڭلىكىڭنىمۇ ئايىماي بەرگىن.
30بىرسى سەندىن بىرنېمە تىلىسە، ئۇنىڭغا بەرگىن. بىرسى سېنىڭ بىرەر نەرسەڭنى ئېلىپ كەتسە، ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىشنى سورىما.   
31باشقىلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلساڭلار، سىلەرمۇ ئۇلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭلار.
32ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارنى ياخشى كۆرگەنلەرگىلا مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببەت كۆرسەتسەڭلار، ئۇنداقدا سىلەردە نېمە شاپائەت بولسۇن؟ چۈنكى ھەتتا گۇناھكارلارمۇ ئۆزىنى ياخشى كۆرگەنلەرگە مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببەت كۆرسىتىدىغۇ.
33ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارغا ياخشىلىق قىلغانلارغىلا ياخشىلىق قىلساڭلار، ئۇنداقتا سىلەردە نېمە شاپائەت بولسۇن؟ چۈنكى ھەتتا گۇناھكارلارمۇ شۇنداق قىلىدىغۇ!
34ئەگەر سىلەر قەرزنى «چوقۇم قايتۇرۇپ بېرىدۇ» دەپ ئويلىغانلارغا بەرسەڭلار، ئۇنداقتا سىلەردە نېمە شاپائەت بولسۇن؟ چۈنكى ھەتتا گۇناھكارلارمۇ ئەينەن قايتۇرۇپ ئالىمىز دەپ باشقا گۇناھكارلارغا قەرز بېرىدىغۇ!
35لېكىن سىلەر بولساڭلار، دۈشمىنىڭلارغىمۇ مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، ياخشىلىق قىلىڭلار، باشقىلارغا ئۆتنە بېرىڭلار ۋە «ئۇلار بىزگە بېرنېمە قايتۇرىدۇ» دەپ ئويلىماڭلار. شۇ چاغدا، ئىنئامىڭلار زور بولىدۇ ۋە سىلەر ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ پەرزەنتلىرى بولىسىلەر. چۈنكى ئۇ تۇزكورلارغا ۋە رەزىللەرگىمۇ مېھرىبانلىق قىلىدۇ.   
36ئاتاڭلار مېھرىبان بولغىنىدەك سىلەرمۇ مېھرىبان بولۇڭلار.
37ــ باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىپ يۈرمەڭلار. بولمىسا، سىلەر خۇدانىڭ ھۆكۈمىگە ئۇچرايسىلەر. باشقىلارنى گۇناھقا بېكىتمەڭلار ۋە سىلەرمۇ گۇناھقا بېكىتىلمەيسىلەر. باشقىلارنى كەچۈرۈڭلار ۋە سىلەرمۇ كەچۈرۈم قىلىنىسىلەر.

Read لۇقا 6لۇقا 6
Compare لۇقا 6:7-37لۇقا 6:7-37